رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

76. باب ئەزىيەتلەرگە چىداش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾ (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 134- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ﴾ كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلىپ (ئاللا تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇرا 43- ئايەت)

648. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمغا سىلە-رەھىم قىلسام، ئۇلار مەندىن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇلايىم بولسام، ئۇلار ماڭا قوپاللىق قىلىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَئِن كُنتَ كَمَا قُلتَ فَكَأَنَّمَا تُسِفَّهم الملَّ ولا يزَالُ معكَ من اللَّه تعالى ظَهيرٌ عَلَيهم ما دُمْتَ عَلى ذلك » « ئەگەر سەن دېگىنىڭدەك قىلغان بولساڭ، گويا ئۇلارغا قوقاسنى يېگۈزگەندەك بولۇپسەن (قوقاسنى يېگۈچىنىڭ ئاغرىققا دۇچار بولغىنىدەك ئۇلارنىڭ گۇناھقا دۇچار بولغىنىغا تەمسىل. ― ت)، سەن داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئاللاھ تائالا ساڭا مەدەتكار بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ