75. باب ئەپۇچان بولۇش ۋە نادانلار بىلەن تەڭ بولماسلىق توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿حُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوْفِ وَأِعْرِضْ عَنِ الْجِاهِلِيْنَ﴾ ئەپۇنى دۇست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سوز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرىغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن) («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 199- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ﴾ چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھىجىر 85- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا أَلَا تُحِبُّونَ أَن يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ﴾ ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغفىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 22- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾ تەقۋادارلار (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 134-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ﴾ كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇرا 43- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ﴾ ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن. (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي) ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 199- ئايەت)
643. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: « ساڭا ئۇھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟»، دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَقَدْ لَقِيتُ مِنْ قَومِكِ، وكَان أَشدُّ ما لَقِيتُ مِنْهُمْ يوْم العقَبَةِ، إِذْ عرَضتُْ نَفسِي على ابْنِ عَبْدِ يَالِيلَ ابنِ عبْدِ كُلال، فلَمْ يُجبنِى إِلى ما أَردْتُ، فَانْطَلَقْتُ وَأَنَا مَهْمُومٌ على وَجْهِي، فلَمْ أَسْتَفِقْ إِلاَّ وَأَنا بقرنِ الثَّعالِبِ، فَرفَعْتُ رأْسِي، فَإِذا أَنَا بِسحابَةٍ قَد أَظلَّتني، فنَظَرتُ فَإِذا فِيها جِبريلُ عليه السلام، فنَاداني فقال: إِنَّ اللَّه تعالى قَد سَمِع قَولَ قومِك لَكَ، وَما رَدُّوا عَلَيكَ، وَقد بعثَ إِلَيك ملَكَ الجبالِ لِتأْمُرهُ بما شِئْتَ فِيهم فَنَادَانِي ملَكُ الجِبَالِ، فَسلَّمَ عَليَّ ثُمَّ قال : يا مُحَمَّدُ إِنَّ اللَّه قَد سمعَ قَولَ قَومِكَ لَكَ، وأَنَا مَلَكُ الجِبالِ، وقَدْ بَعَثَني رَبِّي إِلَيْكَ لِتأْمُرَني بِأَمْرِكَ، فَمَا شئتَ : إِنْ شئْتَ : أَطْبَقْتُ عَلَيهمُ الأَخْشَبَيْن » « مەن سىنىڭ قەۋمىڭدىن ھەر قىسما كۈلپەتلەرگە يولۇققانمەن، مەن ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ كۈلپەت ئەقەبە كۈنىدىكى كۈلپەتتۇر. ئۇ كۈنى مەن ئەبدۇيالىل ئىبن ئەبدى كۇلال (سەقىف قەبىلىسىنىڭ باشلىقى)دىن ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا ياردەم تەلەپ قىلغانىدىم. ئۇلار تەلىپىمنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەمكىن ھالدا ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرىپ، ‹قەرنى سائالىب›، دېگەن جايغا كەلگەندە ئاندىن ئېسىمگە كەپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسام، ماڭا بىر بۇلۇت سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. بۇلۇت ئىچىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىكەن. ئۇ ماڭا: « ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرى ۋە جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى سېنىڭ خالىغان نەرسەڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى » ، دەپ نىدا قىلدى. ئاندىن ماڭا سالام بەردى. تاغقا مۇئەككەل پەرىشتە: « ئى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)! ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. مەن بولسام تاغقا مۇئەككەل پەرىشتە، رەببىم مېنى سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى، نېمىنى خالايسەن؟ خالىساڭ ئەخشەب ناملىق ئىككى تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆمتۈرەي » ، دېدى. مەن: « بلْ أَرْجُو أَنْ يُخْرِجَ اللَّه مِنْ أَصْلابِهِم منْ يعْبُدُ اللَّه وَحْدَهُ لا يُشْرِكُ بِهِ شَيْئاً » « ياق، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن يالغۇز بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن » ، دېدىم. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن يەتكەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلىدىغانلىقى، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقى بايان قىلىنغان.
644. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ئايالى بولسۇن، مەيلى خىزمەتچىسى بولسۇن، ھېچكىمنى قولى بىلەن ئۇرۇپ باققان ئەمەس. پەقەت ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغاندىلا دۈشمەننى ئۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئۆچ ئالمىغان، پەقەت ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىلەر چەكلەنمىسە، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۆچ ئالاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقى، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە تىل تەككۈزگەنلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتكەن جازالىرىنى شۇ جازاغا لايىق گۇناھكارلارغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن تەتبىقلايدىغانلىقى.
645. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كېتىۋاتاتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا قوپال رەختتىن توقۇلغان نەجران تونى بار ئىدى. بىر ئەئرابى كېلىپ ئۇنىڭ تونىدىن سىلكىپ تارتقانىدى، توننىڭ ياقىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىنى سۈرۈۋەتتى. ئۇ ئەئرابى: « ئى مۇھەممەد! يېنىڭدىكى ئاللاھ تائالانىڭ مېلىدىن بۇ ئىككى تۆگەمگە يۈكلەپ بەر » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشكە بۇيرۇدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
646. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىنى ئېسىمدە: ئۇ پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇپ، يۈزلىرىنى قانغا بويىۋەتكەن، ئۇ يۈزىدىكى قاننى سۈرتۈپ تۇرۇپ: « اللَّهُمَّ اغفِرِ لِقَومي فَإِنَّهُم لا يَعْلَمُونَ » « ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ »، د ېگەنىكەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەپۇچانلىقتەك گۈزەل ئەخلاقى، ئەزىيەت يەتكۈزگەنلەرگە مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلغان دەپ ئۆزرە قويىدىغانلىقى، بۇخىل زىيادە ئېسىل پەزىلەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ كامالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى.
647. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيس الشَّديدُ بِالصُّرعَةِ، إِنَّما الشديدُ الذي يَملِكُ نفسهُ عِند الغضبِ » « چېلىشتا يەڭگەن باتۇر ئەمەس، پەقەت ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئادەم ھەقىقىي باتۇر ھېسابلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەقىقىي كۈچلۈكلۈك ئەخلاقى جەھەتتىكى تاكامۇللۇق ئىكەنلىكى، ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى بېسىۋېلىش، يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىش شۇ جۈملىدىن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا دىندا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن ساغلام كۈچلۈك بەدەنگە ئىگە بولۇشمۇ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى.