74. باب كۆڭلى يۇمشاقلىق، تەمكىنلىك، مۇلايىملىق توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾ (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 134- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ﴾ ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 199- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ﴾ ﴿وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ﴾ ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇسسىلەت 34-، 35- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ﴾ كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇئەرا 43- ئايەت)
632. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەشەج ئابدۇلقەيسكە مۇنداق دېگەن: « إِنَّ فيك خَصْلَتَيْنِ يُحِبُّهُمَا اللَّهُ: الحِلْمُ وَالأَنَاة » « ھەقىقەتەن سەندە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭلى يۇمشاقلىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىسلەت بار ئىكەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر ماختالسا مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا ۋە باشقىلارغا ئۈلگە قىلىش مەقسىتىدە كىشىنى يۈزىگە ماختاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
2) مۇلايىملىققا، تەمكىنلىككە، ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلغانلىقى.
633. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه رفيقٌ يُحِبُّ الرِّفْقَ في الأَمْرِ كُلِّه » « مۇلايىملىق ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتا مۇلايىم بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ياقتۇرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇلايىملىقنىڭ قەلبلەرنى دوستلاشتۇرىدىغان، ئاسانلىقنى جەلپ قىلىدىغان خىسلەت ئىكەنلىكى.
634. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّهَ رَفِيقٌ يُحِبُّ الرِّفقَ، وَيُعْطِي على الرِّفق مالا يُعطي عَلى العُنفِ وَما لا يُعْطِي عَلى ما سِوَاهُ » « شۈبھىسىزكى، مۇلايىملىق ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇلايىم كىشىلەرگە شۇنداق مەرھەمەت قىلىدۇكى، بۇنداق مەرھەمەتنى قوپال ۋە ناچار خۇلۇقلۇق كىشىلەرگە ۋە باشقىلارغا قىلمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇلايىملىقنىڭ باشقا پەزىلەتلەرگە قارىغاندا ئەۋزەللىكى، ئاللاھ تائالا مۇلايىملىقنى دوست تۇتقان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە باشقىلارغا بەرگەندىن ئارتۇقراق ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقى.
635. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ الرِّفقُ لا يَكُونُ في شيءٍ إِلاَّ زَانَهُ، وَلا يُنْزَعُ مِنْ شَيءٍ إِلاَّ شَانَهُ » « مۇلايىملىق قانداق بىر نەرسىدە بولىدىكەن، ئۇنىڭغا زىننەت بېغىشلايدۇ. قانداق بىر نەرسىدە بولمايدىكەن ئۇنى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنىڭ مۇلايىم بولۇشى، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئىنسان گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولمىسا ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئەيىبلەرنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل-ئەخلاقلىق كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
636. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەئرابى مەسجىدكە سىيىپ قويۇۋېدى، كىشىلەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « دَعُوهُ وَأَرِيقُوا عَلى بَوْلِهِ سَجْلاً مِنْ مَاءٍ، أَوْ ذَنُوباً مِن مَاءٍ، فَإِنَّما بُعِثتُم مُيَسِّرِينَ ولَمْ تُبْعَثُوا مُعَسِّرِينَ » « ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋېتىڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر كىشىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئوڭايلىق ياراتقۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نادان، قارا قورساق كىشىلەر بىلەن تەڭ بولماسلىق، ئۇلارغا مۇلايىم بولۇش، ياردەم بېرىش، ئەدەپ ئۆگىتىش لازىملىقى.
2) يەرگە سۇ قۇيۇش ئارقىلىق يەرنىڭ مەينەتچىلىكتىن پاكلىنىدىغانلىقى.
637. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يسِّرُوا وَلا تُعَسِّروا وَبَشِّرُوا وَلا تُنَفِّرُوا » « كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بېشارەت بېرىڭلار، تەزدۈرۈۋەتمەڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، ئۇلارغا قوپاللىق قىلىپ قاچۇرۇپ قويماستىن، سىلىقلىق بىلەن دەۋەت قىلىش لازىملىقى.
638. جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَنْ يُحْرَمِ الرِّفْقَ يُحْرمِ الخيْرَ كُلَّهُ » « مۇلايىملىقتىن مەھرۇم بولغان كىشى جىمى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
639. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشى: « ماڭا نەسىھەت قىلغىن » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تَغْضَبْ » « ئاچچىقلانمىغىن » ، دېدى. ئۇ كىشى سۆزىنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا: « لا تَغْضَبْ » « ئاچچچىقلانما » ، دەپ جاۋاب بەردى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تەلىم ئېلىش يۈزىسىدىن سوئال سوراش، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئاچچىقلاشنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش لازىملىقى.
2) سوئال سورىغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىشنىڭ ھېكمەت ئىكەنلىكى.
640. ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه كَتَبَ الإِحسَان على كُلِّ شَيءٍ، فإِذا قَتلتُم فَأَحسِنُوا القِتْلَةَ وَإِذَا ذَبحْتُم فَأَحْسِنُوا الذِّبْحة وليُحِدَّ أَحَدُكُم شَفْرتَه وَليُرِحْ ذَبيحَتَهُ » « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق ئىشنى ياخشىلىق بىلەن قىلىشنى بەلگىلىدى. قاچانكى جىنايەتچىلەرنى ئۆلتۈرسەڭلار، ئۇنى قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار. قاچانكى مال بوغۇزلىساڭلار قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار، مال ئۆلتۈرىدىغان پىچاقنى بىلەپ ئىتتىك قىلىڭلار، ئۆلتۈرىدىغان مالنى قىينىماڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننىڭ ھەربىر ئىشنى ياخشىلىق بىلەن قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ياكى زىيانداش ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەندە ئۇلارنى ئازابلىماي ئۆلتۈرۈش، بىسى ئۆتكۈر پىچاقنى بىرلا سۈركەپ ئۆلتۈرۈش، تېنى سوۋۇماستىن بۇرۇن تېرىسىنى شىلىۋالماسلىق، بوغۇزلاش ئۈچۈن قوپاللىق بىلەن سۆرىمەسلىك، گەدىنىدىن بوغۇزلىماسلىق.
641. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى ئىختىيار قىلىشقا توغرا كەلسە، گۇناھ بولمايدىغانلا ئىش بولسا، ئۇلارنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى. ئەگەر گۇناھ بولىدىغان بولسا، ئەڭ يىراق بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن ئۆچ ئالمايتتى، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنغاندىلا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۆچ ئالاتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇش دىنى ئىكەنلىكى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە رەھىمدىل ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاچچىقلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى.
642. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَلا أَخْبرُكُمْ بِمَنْ يَحْرُمُ عَلى النَّارِ أَوْ بِمَنْ تَحْرُمُ عَلَيْهِ النَّارُ؟ تَحْرُمُ على كُلِّ قَرِيبٍ هَيِّنٍ ليِّنٍ سَهْلٍ » « ئاگاھ بولۇڭلار! مەن سىلەرگە دوزاخقا ھارام بولىدىغان ياكى دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام بولىدىغان كىشىنى دەپ بېرەيمۇ؟ دوزاخ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان، دىلى سۇنۇق، مۇلايىم ئادەمگە ھارام قىلىنىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۇنىڭ كىشىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقى، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.
2) مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشى كېرەكلىكى.