53. باب ھەم قورقۇش ھەم ئۈمىدۋار بولۇش توغرىسىدا
بەندە ساپ-ساق ۋاقتىدا ھەم قورقۇشى، ھەم ئۈمىدۋار بولۇشى، ئۈمىد بىلەن قورقۇشنىڭ ئىككىلىسىنىڭ بولۇشى، كېسەل ۋاقتىدا پەقەت ئۈمىدنىڭلا بولۇشى لازىمدۇر. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ « قۇرئان كەرىم » ۋە ھەدىسلەردىكى تېكىستلىرى بۇ مەنانى كۈچلەندۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلاَ يَأْمَنُ مَكْرَ اللّهِ إِلاَّ الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ﴾ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 99- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّهُ لاَ يَيْأَسُ مِن رَّوْحِ اللّهِ إِلاَّ الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ﴾ پەقەت كۇففار قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۈسۈف 87- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ﴾ شۇ كۈندە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ، بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 106- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾ شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 167- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ﴾ ﴿وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ﴾ مۇئمىنلەر شەك-شۈبھىسىزكى جەننەتتە بولىدۇ، كۇففارلار شەك-شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىنفىتار 13-، 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَأَمَّا مَن ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ﴾ ﴿فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَّاضِيَةٍ﴾ ﴿وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ﴾ ﴿فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ﴾ ﴿وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ﴾ ﴿نَارٌ حَامِيَةٌ﴾ تارازىسى ئېغىركەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، تارازىسى يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قارىئە 6 ― 11- ئايەتلەر)
بۇ مەنىدە كەلگەن ئايەتلەر كۆپتۇر. قورقۇش بىلەن ئۈمىدۋارلىق بىر-بىرىگە يېقىن ئىككى ئايەتتە ياكى باشقا-باشقا ئايەتلەردە ياكى بىرلا يەككە ئايەتتە كېلىدۇ.
443. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَوْ يَعْلَمُ المُؤْمِنُ مَا عِنْدَ اللَّهِ مِنَ العُقُـوبَةِ. ما طَمِعَ بجَنَّتِهِ أَحَدٌ، وَلَوْ يَعْلَمُ الكافِرُ مَا عِنَد اللَّهِ مِنَ الرَّحْمَةِ، مَا قَنطَ مِنْ جنَّتِهِ أَحَدٌ » « ئەگەر مۇئمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنى بىلسە ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىنى ھېچ بىر كىشى تەمە قىلمىغان بولاتتى. ئەگەر كۇففارلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى بىلسە ئىدى، ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىدىن نائۈمىد بولمايتتى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن قورقۇشقا، ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن، مەغفىرىتىدىن ۋە رازىلىقىدىن ئۈمىدۋار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
444. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا وُضِعتِ الجَنَازَةُ واحْتمَلَهَا النَّاسُ أَو الرِّجالُ عَلى أَعْنَاقِهمِ، فَإِنْ كانَتْ صالِحَةً قالَتْ: قَدِّمُوني قَدِّمُوني، وَإنْ كانَتْ غَير صالحةٍ، قالَتْ: يا ويْلَهَا، أَيْنَ تَذْهَبُونَ بَها؟ يَسْمَعُ صَوتَها كُلُّ شيءٍ إلاَّ الإِنْسَانُ، وَلَوْ سَمِعَهُ لَصَعِقَ » « قاچانكى مىيىت تاۋۇتقا قويۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى يەلكىلىرىگە ئېلىپ ماڭسا، ئۆلگۈچى ياخشى ئادەم بولسا: ‹مېنى تېز ئېلىپ مېڭىڭلار، مېنى تېز ئېلىپ مېڭىڭلار!›، دەيدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى شەقىي ئادەم بولسا، ئۇ: ‹ئىسىت، مېنى قەيەرگە ئېلىپ بارىسىلەر؟›، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئادەمزاتتىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئۇنى ئادەمزات ئاڭلايدىغان بولسا، جېنىدىن جۇدا بولغان بولاتتى » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا تەييارلانغان نەرسىلەرنى خەۋەر قىلىدىغانلىقى، مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالا بېرىدىغان ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىشكەئالدىرايدىغانلىقى، كۇففارلار ۋە پاسىقلارنىڭ قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلىقى.
2) بەزى ئاۋازلارنى ئىنسانلارنىڭ ئاڭلىيالمايدىغانلىقى، ئىنسانلاردىن باشقا جانلىقلارنىڭ ئاڭلىيالايدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ بۇ ھەدىسى مۆجىزىلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.
445. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الجَنَّةُ أَقْرَبُ إلى أَحَدِكُمْ مِنْ شِرَاكِ نَعْلِه وَالنَّارُ مِثْلُ ذلك » « جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا كەشىنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىندۇر ۋە دوزاخمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىنمۇ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بەزى كىچىك گۇناھلار سەۋەبىدىنمۇ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى، شۇڭا مۇئمىننىڭ تائەت-ئىبادىتىنى كەمتۈك قىلىپ قويماسلىقى، گۇناھلىق ئىشلاردا ئەزۋەيلەپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكى.