54. باب ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، ئاللاھ تائالانى سېغىنىپ يىغلاشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَخِرُّونَ لِلأَذْقَانِ يَبْكُونَ وَيَزِيدُهُمْ خُشُوعًا﴾ ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ، (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 109- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَمِنْ هَذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُون﴾ ﴿وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ﴾ مەسخىرە قىلىپ، بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجىم 59-، 60- ئايەتلەر)
446. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ماڭا رەسۇلۇللاھ: « اقْرَأْ علَّي القُرآنَ » « قۇرئاننى ئوقۇپ بەرگىن » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! قۇرئان ساڭا نازىل بولغان تۇرسا، قۇرئاننى مەن ساڭا ئوقۇپ بېرەمدىمەن » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « إِني أُحِبُّ أَنْ أَسْمَعَهُ مِنْ غَيْرِي » « مەن قۇرئاننى باشقا ئادەمنىڭ ئوقۇغىنىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن » ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا سۈرە نىسانى ئوقۇپ ﴿فَكَيْفَ إِذا جِئْنا مِنْ كُلِّ أُمَّة بِشَهيد وِجئْنا بِكَ عَلى هَؤلاءِ شَهِيدا﴾ بىز ھەر بىر ئۈممەتكە بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 41- ئايەت) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: « حَسْبُكَ الآنَ » « ئەمدى توختا » ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا قارىسام، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇۋېتىپتۇ. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) «قۇرئان كەرىم»نى باشقىلاردىن ئاڭلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا ئاڭلىغۇچى ئادەمنىڭ قۇرئان ئوقۇغان ئادەمدەك تەلەپپۇز ۋە ئۆلچەمگە لايىق ئوقۇشقا زېھنى بۆلۈنۈپ كېتىشتىن خالىي ھالدا، تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىدىغانلىقى.
2) ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇستازىغا ئوقۇپ بېرىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇغۇچى ئاڭلىغۇچىدىن ئەۋزەل ھېسابلانمايدىغانلىقى.
3) قۇرئان ئوقۇغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ بىردەم توختىتىپ تۇرۇشى زۆرۈر بولسا، توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
4) قۇرئان ئوقۇغاندا ياكى تىڭشىغاندا كىشىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
5) قۇرئان ئاڭلىغاندا جىمجىتلىقنى بۇزماسلىق ۋە توۋلاپ ئاۋاز چىقارماسلىق شەرتى ئاستىدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاشنىڭ پەزلى بايان قىلىنغان.
447. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق بىر نۇتۇق سۆزلىدىكى، مەن ئۇنداق نۇتۇقنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَوْ تعْلمُونَ ما أَعْلَمُ لَضَحِكْتُمْ قَلِيلاً وَلَبَكَيْتُمْ كثيراً » « مۇبادا مەن بىلگەننى بىلسەڭلار ئىدى، شۈبھىسىزكى، ئاز كۈلەتتىڭلار، كۆپ يىغلايتتىڭلار » ، دېدى. ساھابىلەر يۈزلىرىنى ئېتىۋېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ساھابىلەرنىڭ ۋەز-تەبلىغىدىن تەسىرلىنىپ يۈرىگى ئېرىيدىغان، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياش تۆكىدىغان ھالىنى بايان قىلىپ، شۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى.
448. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَيَلِجُ النَّارَ رَجْلٌ بَكَى مِنْ خَشْيَةِ اللَّه حَتَّى يَعُودَ اللَّبَنُ في الضَّرْع وَلا يَجْتَمعُ غُبَارٌ في سَبِيلِ اللَّه ودُخانُ جَهَنَّمَ » « سېغىلغان سۈتنىڭ يېلىنغا قايتىپ كىرىشى يوق گەپ بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياش تۆككەن ئادەمنىڭ دوزاخقا كىرىشىمۇ يوق گەپ. ئاللاھ تائالا يولىدىكى بەندىنىڭ بەدىنىگە قونغان چاڭ-توزان بىلەن دوزاخ تۈتۈنى بىر يەردە جەم بولالمايدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاشنىڭ كىشىنى توغرا يولغا باشلاشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ شۇ كىشىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدىغانلىقى.
449. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللَّهُ في ظِلِّهِ يَوْمَ لا ظِلَّ إلاَّ ظِلُّهُ: إِمامٌ عادِلٌ، وشابٌّ نَشَأَ في عِبَادَةِ اللَّه تَعالى. وَرَجُلٌ قَلْبُهُ مُعَلَّق بالمَسَاجِدِ. وَرَجُلانِ تَحَابَّا في اللَّه. اجتَمَعا عَلَيهِ. وتَفَرَّقَا عَلَيهِ، وَرَجَلٌ دَعَتْهُ امْرَأَةٌ ذَاتُ مَنْصِبٍ وَجَمالٍ. فَقَالَ: إِنّي أَخافُ اللَّه. ورَجُلٌ تَصَدَّقَ بِصَدَقَةَ فأَخْفاها حتَّى لاَ تَعْلَمَ شِمالهُ ما تُنْفِقُ يَمِينهُ. ورَجُلٌ ذَكَرَ اللَّه خالِياً فَفَاضَتْ عَيْنَاهُ » « ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ: 1) ئادىل پادىشاھ. 2) پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش. 3) ئەس-يادى ھەمىشە مەسجىدتە بولغان ئادەم. 4) ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر. 5) ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھ تائالادىن قورقىمەن›، دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى. 6) ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى. 7) خالىي جايدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: خالىي جايدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ، ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياش تۆككەن ئادەمنىڭ پەزلى، ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاشنىڭ شۇ كىشىنى بۇ دۇنيادا خاتىرجەملىككە، قىيامەت كۈنىدە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.
450. ئابدۇللاھ ئىبن شەخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلسەم، رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇۋاتقانىكەن. ئۇنىڭ يىغلىغان يىغىسىدىن ئىچىدىن قاينىغان قازاننىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقاتتى » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئورنى، دەرىجىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى تۇرۇپ، يەنىلا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىدىغان پەزلى بايان قىلىنىپ، مۇئمىنلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
2) سۆز ئارىلاشمىغان ھالدىكى غەيرىي ئاۋاز چىقارغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقى.
451. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: « إِنَّ اللَّه، عَزَّ وجَلَّ، أَمْرَني أَنْ أَقْرَأَ علَيْكَ: لَمْ يَكُن الَّذِينَ كَفَرُوا » « ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا مېنى ساڭا بەييىنە سۈرىسىنى ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى » ، دېدى. ئۇبەي: « ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىدىمۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نَعَمْ » « ھەئە » ، دېۋىدى، ئۇبەي يىغلاپ كەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « فَجَعَلَ أُبَيٌّ يَبْكي » « يىغلىغىلى تۇردى » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نېئمەتكە ئېرىشكەندە خۇشاللىقتىن يىغلاش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتنىڭ شۈكرانىسىنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقتىن قورقۇپ يىغلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
2) ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزلى، ئۇنىڭ قۇرئان يادلاش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىكى يۇقىرى ئورنى بايان قىلىنغان.
3) باشقىلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىش بولۇپ، سۈننەت ئىكەنلىكى.
4) ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتە كەمتەر بولۇشى لازىملىقى.
452. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: « يۈرگىن، رەسۇلۇللاھ ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قانداق يوقلاپ تۇرغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق يوقلايلى » ، دېدى. ئۇ ئىككىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭكىگە كەلگەن چاغدا ئۇممۇ ئەيمەن ئۇلارنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: « نېمىگە يىغلايسەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟»، دېدى. ئۇممۇ ئەيمەن: « مەن ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلاۋاتقىنىم يوق، مەن ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن » ، دېدى. ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن قوشۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۇنىڭسىز كەمتۈكلۈك ھېس قىلىنىدىغان ياخشىلىق ئۈزۈلۈپ قالغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) توغرا يوللۇق، سالىھ كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالغاندا يىغلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى. بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدەرىگە بويسۇنۇشقا زىت ئەمەسلىكى.
453. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ناماز توغرۇلۇق سۆز قىلىندى. رەسۇلۇللاھ: « مُرُوا أَبا بَكْرِ فَلْيُصَلِّ بالنَّاسِ » « ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، نامازنى ئوقۇپ بەرسۇن » ، دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: « ھەقىقەتەن ئەبۇ بەكرى كۆڭلى ئۈزۈك ئادەم، ئۇ قۇرئان ئوقۇسا ئۇنى يىغا تۇتىدۇ » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « مُرُوهُ فَلْيُصَلِّ » « ئۇنى بۇيرۇڭلار، ئۇ ئوقۇپ بەرسۇن » ، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: « ھەقىقەتەن ئەبۇ بەكرى سېنىڭ ئورنۇڭدا ناماز ئوقۇپ بەرگەن چاغدا يىغا سەۋەبىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ » ، دېدى، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزلى، ئۇنڭ ئاللاھ تائالادىن شۇ دەرىجىدە قورقىدىغانلىقى.
2) مۇئمىننىڭ باغرى يۇمشاق بولۇشى، قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا يۈرىكى ئېرىپ ياش تۆكۈشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.
454. ئابدۇرەھمان ئىبن ئەۋفنىڭ ئوغلى ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇرەھمان ئىبن ئەۋفكە تاماق كەلتۈرۈلدى. ئۇ روزىدار ئىدى. ئۇ: « مۇسئەب ئىبن ئۇمەير (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى، ئۇنىڭغا كېپەنلىك قىلىشقا ئۇنىڭ تونىدىن باشقا نەرسە تاپالمىدۇق، ئۇنىڭ بېشىنى يۆگىسەك پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى. پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى. ھازىر باياشاتچىلىققا چۆمدۈق ياكى بىزگە دۇنيالىقتىن كۆپ نەرسىلەر بېرىلدى. بىزگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيادىلا بېرىلىشتىن قورقىمىز » ، دەپ يىغلاپ كەتتى. يىغلاش بىلەن تاماقنىمۇ يېمەي قويدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ ئىسىل پەزلى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن تۇتىدىغان كەمتەرلىكى، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن ھېسابلايدىغان پەزىلىتى بايان قىلىنغان. ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ساھابىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ۋاسىتە ئىدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە مۇسئەب ئىبن ئۇمەيردىن ئەۋزەل ئىدى.
2) مۇئمىننى دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئادا قىلماسلىقتىن، ئۆزىگە يۈكلەنگەن ھەقلەرنى ئادا قىلالماي، تەرك ئېتىش بىلەن نېئمەت بەرگۈچى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلالماسلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان.
455. ئەبۇ ئۇمامە سۇدەي ئىبن باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْسَ شَيءٌ أَحَبَّ إِلى اللَّه تعالى من قَطْرَتَين. وأَثَرَيْنِ: قَطْرَةُ دُمُوعٍ من خَشيَةِ اللَّه وَقَطرَةُ دَمٍ تُهرَاقُ في سَبِيلِ اللَّه تعالى، وأما الأثران فأثر في سبيل الله تعـالى وَأَثَرٌ في فَرِيضَةٍ منْ فَرَائِضِ اللَّه تعالى » « ئاللاھ تائالا ئىككى تامچە بىلەن ئىككى ئىزنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تۆكۈلگەن ياش تامچىسى، يەنە بىرى ئاللاھ تائالا يولىدا تۆكۈلگەن قاننىڭ تامچىسىدۇر. ئىككى ئىزغا كېلىدىغان بولساق، بىرى ئاللاھ تائالا يولىدا بېسىلغان قەدەمنىڭ ئىزى، يەنە بىرى ئاللاھ تائالانىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىشتا قالغان ئىزدۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياش تۆكۈشنىڭ پەزلى، چۈنكى بۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمانىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى.
2) جىھادنىڭ پەزلى، ئاللاھ تائالا يولىدا قېنى ئاققان كىشىگە كاتتا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.
3) تاھارەتنىڭ ھۆللۈكنى قالدۇرۇپ قويغىنىغا ئوخشاش، ئىبادەتنىڭ ئىز-نىشانلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
456. ئىرباز ئىبن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن قەلبلەر لەرزىگە كەلدى ۋە كۆزلەردىن ياش قۇيۇلدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.