55. باب دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ پەزىلىتى، دۇنيانىڭ كۆپ بولماسلىقىغا قىزىقتۇرۇش ۋە نامراتلىقنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاء أَنزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاء فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالأَنْعَامُ حَتَّىَ إِذَا أَخَذَتِ الأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَآ أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلاً أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَن لَّمْ تَغْنَ بِالأَمْسِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُون﴾ ھاياتى دۇنيانىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزمى قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى-دە، (زىرائەتلەر) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق). پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز . («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۇنۇس 24- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاء أَنزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاء فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ فَأَصْبَحَ هَشِيمًا تَذْرُوهُ الرِّيَاحُ وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ مُّقْتَدِرًا﴾ ﴿الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا﴾ ( ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە شۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرگىن. (ئۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى)، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ، بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ-تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. (باقىي) قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر، ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە كەھف 45-، 46- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ﴾ ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فاتىر 5- ئايەت)
457. ئەمر ئىبن ئەۋف ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبن جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەھرەيننىڭ جېزىيەسىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۇ بەھرەيندىن مال ئېلىپ كەلدى. ئەنسارىيلار ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ بەھرەيندىن مال ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار بامدات نامىزىغا كېلىپ نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن قايتقاندا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ: « أَظُنُّكُم سَمِعتُم أَنَّ أَبَا عُبَيْدَةَ قَدِمَ بِشَيء مِنَ الْبَحْرَيْنِ » « ئەبۇ ئۇبەيدىنىڭ بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار كېرەك » ، دېدى. ئۇلار: « شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَبْشِرُوا وأَمِّلُوا ما يَسرُّكُمْ، فواللَّه ما الفقْرَ أَخْشَى عَلَيْكُمْ. وَلكنّي أَخْشى أَنْ تُبْسَطَ الدُّنْيَا عَلَيْكُم كما بُسطَتْ عَلَى مَنْ كَانَ قَبْلَكُمْ، فَتَنَافَسُوهَا كَمَا تَنَافَسُوهَا. فَتَهْلِكَكُمْ كَمَا أَهْلَكَتْهُمْ » « سىلەرنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە بىلەن شادلىنىڭلار ۋە ئۇنى كۈتۈڭلار. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ يوقسۇل بولۇپ قېلىشىڭلاردىن قورقمايمەن، لېكىن بۇرۇنقىلارنىڭ باي بولۇپ كەتكىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ باي بولۇپ كېتىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىلارنىڭ بايلىققا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كېتىپ ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ بايلىققا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كېتىپ ھالاك بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دۇنيالىق رىزقى كەڭ-تاشا بولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى بىلەن سىنىلىپ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
2) دۇنيالىق مال-مۈلۈك ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە قىزىقىپ كېتىش ئادەمنى دىننىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ، ئىبن ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مال-دۇنيا ئىنسانغا ناھايىتى چىرايلىق، تاتلىق تۇيۇلىدۇ، ئۇنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئىنساننىڭ كۆڭلى راھەتلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مال-دۇنيا تالىشىش سەۋەبى بىلەن كىشىلەر ئارىسىغا ئاداۋەت چۈشۈپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ».
458. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە ئولتۇردى. بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللاھ: « إِنَّ مِمَّا أَخَافُ عَلَيْكُم مِنْ بَعْدِي مَا يُفْتَحُ عَلَيْكُمْ مِن زَهْرَةِ الدُّنيَا وَزيَنتهَا » « مەن مېنىڭدىن كېيىن سىلەرگە دۇنيانىڭ كەڭ-كۇشادە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
459. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ وَإِنَّ اللَّه تَعالى مُسْتَخْلِفكُم فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْملُونَ فاتَّقُوا الدُّنْيَا واتَّقُوا النِّسَاءِ » « ھەقىقەتەن دۇنيا شېرىن ۋە ياپيېشىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدى. سىلەرنىڭ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. مال-دۇنيا بىلەن مەغرۇرلىنىشتىن ۋە ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
460. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اللَّهُمَّ لا عَيْشَ إِلاَّ عَيْشُ الآخِرَةِ » « ئى ئاللاھ! پەقەت ئاخىرەتنىڭ تۇرمۇشىلا ھەقىقىي تۇرمۇشتۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىبن ئەللان مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدىكى ئەرافات كۈنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا بۇ سۆزنى ئېيتقان. بۇنىڭ مەنىسى ئەقىللىق كىشى بۇ باقىيسىز دۇنيانىڭ خۇشاللىقلىرى ئۈچۈن خۇش بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى ئاخىرەتنىڭ خۇشاللىقىدۇر، چۈنكى ئاخىرەتتىكى ھايات ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىدۇر.
461. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَتْبَعُ المَيِّتَ ثَلاثَةٌ: أَهْلُهُ وَمالُهُ وَعَمَلُهُ: فَيَرْجِعُ اثْنَانِ. وَيَبْقَى وَاحدٌ: يَرْجِعُ أَهْلُهُ وَمَالُهُ وَيَبْقَى عَمَلُهُ » « مىيىتقا ئۇنىڭ ئەھلى، مېلى ۋە ئەمىلىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە ئەگىشىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئىككىسى قايتىپ كېلىدۇ، بىرى قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى بىلەن مېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلى مىيىت بىلەن بىللە قېلىپ قالىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالىدىغىنى ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا قىلغان ئەمەللىرى ئىكەنلىكى.
462. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُؤْتِيَ بَأَنْعَمِ أَهْلِ الدُّنْيَا مِن أَهْلِ النَّارِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ، فَيُصْبَغُ في النَّارِ صَبْغَةً ثُمَّ يُقَالُ: يا ابْنَ آدَمَ هَلْ رَأَيْتَ خيراً قَطُّ؟ هَلْ مَرَّ بِكَ نَعيمٌ قَطُّ؟ فيقول: لا واللَّه يارَبِّ. وَيُؤْتِى بأَشَدِّ النَّاسِ بُؤْساً في الدُّنْيَا مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيُصْبَغُ صَبْغَةً في الجَنَّةِ، فَيُقَالُ لَهُ: يا ابْنَ آدَمَ هَلْ رَأَيْتَ بُؤْساً قَطُّ؟ هَلْ مَرَّ بِكَ شِدَّةُ قَطُّ؟ فيقولُ: لا، وَاللَّه، مَا مَرَّ بِي بُؤْسٌ قَطُّ، وَلا رَأَيْتُ شِدَّةً قَطُّ » « قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئەڭ باياشاتچىلىقتا ياشىغان، ئەمما دوۋزىخىي بولغان بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا چۆكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن ياخشى ياشىغانمۇ؟ نازۇ نېئمەتلەرنى كۆرگەنمۇ؟›، دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم: ‹ياق، رەببىم سەن بىلەن قەسەمكى، ھېچقاچان ياخشى ياشاپ باقمىغان›، دەيدۇ. دۇنيادا ئەڭ جاپا مۇشەققەتتە ياشىغان، ئەمما جەننىتى بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن قاتتىقچىلىق، جاپا-مۇشەققەت تارتقانمۇ؟ بېشىڭدىن قاتتىقچىلىق ئۆتكەنمۇ؟›، دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹ياق، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن قىيىنچىلىق تارتىپ باقمىدىم، مەن قاتتىقچىلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم›، دەيدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە قىزىقتۇرۇپ، دوزاخ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
2) ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا تەييارلىغان مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر بېرىپ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا تەييارلىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغان.
463. مۇستەۋرىد ئىبن شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا الدُّنْيَا في الآخِرَةِ إِلاَّ مِثْلُ مَا يَجْعَلُ أَحدُكُمْ أُصْبُعَهُ في الْيَمِّ. فَلْيَنْظُرْ بِمَ يَرْجِعُ؟ » « دۇنيانى ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا، دۇنيا پەقەت سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى دېڭىزغا سېلىپلا چىقارغاندەك گەپ، قولىنى سۇغا سالغۇچى قاراپ باقسۇنكى، ئۇنىڭ قولىغا قانچىلىك سۇ يۇقىدۇ؟! » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاخىرەت نېئمەتلىرىنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاخىرەتتىكى ياخشىلارغا تەييارلانغان نازۇ نېئمەت ۋە راھەت-پاراغەتكە سېلىشتۇرغاندا بۇ دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى بىر ئادەم قولىنى دېڭىز سۈيىگە تىقىپ قارىسا بارمىقىغا ھېچ نەرسە يۇقۇشمىغاندەك ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق نەرسە ئىكەنلىكى.
464. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بازاردىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. بازارنىڭ ئىككى قاسنىقىدا نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆلۈپ قالغان كىچىك قۇلاقلىق بىر ئوغلاقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « أَيُّكُمْ يُحِبُّ أَنْ يَكُونَ هَذَا لَهُ بِدِرْهَمٍ؟ » « قايسىڭلار بۇنى بىر دەرھەمگە ئېلىشنى ياقتۇرىسىلەر؟»، دېدى. كىشىلەر: « بىز ئۇنى كىچىككىنە نەرسىگە ئېلىشنىمۇ خالىمايمىز، بىز ئۇنى نېمە قىلىمىز » ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: « أَتُحِبُّونَ أَنَّهُ لَكُمْ؟ » « سىلەر ئۇ ئوغلاقنىڭ سىلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىنى خالامسىلەر؟»، دېدى. ئۇلار: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئۇ تىرىك چېغىدىمۇ قۇلىقى كىچىك بولۇپ، ئەيىبلىك تۇرسا ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى قانداق قىلاتتۇق؟»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: « فَوَ اللَّه للدُّنْيَا أَهْونُ عَلى اللَّه مِنْ هذا عَلَيْكُمْ » « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، دۇنيا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە سىلەرنىڭ بۇنى مەنسىتمىگىنىڭلاردىنمۇ بەكرەك ئەرزىمەستۇر » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ خۇددى كىشىلەر ئۆلۈپ قالغان قۇلىقى كىچىك ئوغلاقنى كۆزگە ئىلمىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئەرزىمەس ئىكەنلىكى.
465. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدىكى قارا تاشلىقتا كېتىۋاتاتتىم. بىزگە ئۇھۇد تېغى كۆرۈندى. رەسۇلۇللاھ: « يا أَبَا ذَرٍّ » « ئى ئەبۇ زەر » ، دېدى. مەن: « خوش! ئى رەسۇلۇللاھ! »، د ېدىم. رەسۇلۇللاھ: « مَا يَسُرُّني أَنَّ عِنْدِي مِثل أَحُدٍ هذا ذَهباً تَمْضِي عَلَيَّ ثَلاثَةُ أَيَّامٍ وعِنْدِي مِنْهُ دِينَارٌ، إِلاَّ شَيْءٌ أَرْصُدُهُ لِدَيْنِ، إِلاَّ أَنْ أَقُولَ بِهِ في عِبَاد اللَّه هكَذَا وَهَكَذا » « مېنىڭ مۇشۇ ئۇھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن قەرز قايتۇرۇشۇمغا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىڭ مەندە قېلىشى مېنى خۇشال قىلمايدۇ، مېنىڭ دەيدىغىنىم مۇشۇ تاغ باراۋىرىدە ئالتۇنۇم بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە مۇنداق-مۇنداق، يەنى ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئارقا تەرىپىمدىن بەرگەن بولاتتىم » ، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېڭىپ كېتىۋېتىپ: « إِنَّ الأَكثَرِينَ هُمُ الأَقَلُّونَ يَومَ القيامةِ إِلاَّ مَنْ قَالَ بالمَالِ هكذَا وهكذا عن يمينهِ، وعن شمالهِ، ومِنْ خَلفه وَقَليلٌ مَا هُمْ » « دۇنيادا پۇل-مېلى كۆپ بولغانلار قىيامەت كۈنى نامرات ئادەملەردۇر، لېكىن ماللىرىنى ئوڭدىن، سولدىن، كەينىدىن بەرگەنلەر نامرات ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئۇنداقلار ئازدۇر » ، دېدى. ئاندىن ماڭا: « مَكَانَك لا تَبْرَحْ حَتَّى آتيَكَ » « مەن قايتىپ كەلگۈچىلىك جايىڭدىن مىدىرلىماي تۇرغىن » ، دەپ قويۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا غايىب بولدى. ئاندىن مەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن رەسۇلۇللاھقا بىرەر خەتەر يېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ئويلىدىم، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ « لا تَبْرَحْ حَتَّى آتيَكَ » « مەن كەلگۈچىلىك مىدىرلىما »، د ېگەن بۇيرۇقىنى ئەسلەپ تاكى رەسۇلۇللاھ قايتىپ كەلگۈچە جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. رەسۇلۇللاھقا بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتتىم. رەسۇلۇللاھ: « وَهَلْ سَمِعْتَهُ؟ » « ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دېدى. مەن: « ھەئە » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « ذَاكَ جِبريلُ أَتاني فقال: مَن ماتَ مِنْ أُمتِكَ لايُشرِكُ باللَّه شَيئاً دَخَلَ الجَنَّةَ » « ئۇ جىبرىئىل بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: ‹سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ›، دېدى » ، دېدى. مەن: « وَإِنْ زَنَي وَإِنْ سَرَقَ؟ » « ئەگەر ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلسىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « وَإِنْ زَنَى وَإِنْ سَرَقَ » « ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى كەمتەرلىكى، ساھابىلىرىدىن بىرەرىگىمۇ چوڭچىلىق قىلمايدىغانلىقى.
2) ئالدىنئالا بىرەر قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن مال-مۈلكىنى ساقلاپ قويۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، خەير-ئېھسان ئۈچۈن سەدىقە قىلىشتىن ئاۋال گەدىنىدىكى قەرزلەرنى تۆلىۋېتىش كېرەكلىكى.
3) مال ئىگىلىرىنى ئاللاھ تائالا يولىدا مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى.
4) ئاللاھ تائالا يولىدا پۇل، مېلىدىن خەير-ئېھسان قىلىپ تۇرغان كىشىگە نىسبەتەن مال-دۇنيانىڭ يامان نەرسە ھېسابلانمايدىغانلىقى.
5) بەزى گۇناھلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەي ئىمان بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ گۇناھىغا لايىق جازادىن كېيىن جەننەتكە كېرىدىغانلىقى.
6) ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى.
466. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لو كان لي مِثلُ أُحُدٍ ذَهَباً، لَسرَّني أَنْ لا تَمُرَّ علَيَّ ثَلاثُ لَيَالٍ وَعِندِي منه شَيءٌ إلاَّ شَيءٌ أُرْصِدُه لِدَينٍ » « مۇبادا مۇشۇ ئۇھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن قەرز قايتۇرۇشۇمغا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىڭ قېلىشىنىمۇ خالىمايمەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەرزنى قايتۇرۇش، ئامانەتنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
2) ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلىش يۈزىسىدىن مۇبادا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا بېرىلمەيدىغان خىسلىتى بايان قىلىنغان.
467. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « انْظُرُوا إلى منْ هَوَ أَسفَلُ منْكُمْ وَلا تَنْظُرُوا إلى مَنْ فَوقَكُم فهُوَ أَجْدرُ أَن لا تَزْدَرُوا نعمةَ اللَّه عَليْكُمْ » « سىلەر ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن كىشىگە قاراڭلار، ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كىچىك سانىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئەڭ لايىقتۇر » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قارىشى، دىنىي ئىشلاردا ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئادەمنىڭ مال-دۇنياسى ئۆزىدىن كۆپ كىشىگە قارىشى شۇ ئادەمنى بىئاراملىق، نارازىلىق، ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە ناشۈكۈرلۈك قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى، دىن ئىشلىرىدا ئۆزىدىن ئەۋزەل كىشىگە قارىشى شۇ ئادەمنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى.
468. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَعِسَ عبْدُ الدِّينَارِ وَالدِّرْهَمِ وَالقطيفَةِ وَالخَمِيصَةِ، إِنْ أُعطِيَ رضي، وَإِنْ لَمْ يُعطَ لَمْ يَرْضَ » « دىنار، دەرھەم، يەكتەك ۋە توقۇلما رەختلەرگە قۇل بولغۇچىلار ھالاك بولسۇنكى، ئەگەر ئۇنىڭغا بېرىلسە رازى بولىدۇ، بېرىلمىسە رازى بولمايدۇ » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالادىن غەيرىيگە چوقۇنۇشتىن، بولۇپمۇ مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.
2) ھاجىتىدىن ئاشقۇدەك ھالدا مال-دۇنيا توپلاپ، ئۇ مال-دۇنيانى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلەتمەسلىك قىلمىشى ئەيىبلەنگەن.
469. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەھلى سۇففەدىن (ئەھلى سۇففە ― پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر جامائە تەقۋادار، نامرات ساھابىلىرى بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ ئاخىر تەرىپىدىكى سۇپىنى ماكان تۇتقانىدى. ― ت) 70 كىشىنى كۆردۈم. ئۇلاردىن ئۇچىسىغا تون كىيگەن بىرەر كىشى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمى پەقەت بىرلا ئىشتان ياكى بوينىغا چىگىۋالىدىغان بىرەر پارچە رەختتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇ كىيىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەزىلەرنىڭ پاچىقىنىڭ يېرىمىغا كەلسە، بەزىلىرىنىڭ ھوشۇقىغىچە كېلەتتى. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قولى بىلەن كىيىملىرىنى يىغىپ تۇتۇۋالاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەبۇ نۇئەيىم «ئەۋلىيالار زىننىتى» ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەھلى سۇفە كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمكى، ئۇلار ناھايىتى كەمبەغەل بولۇپ، ئازغا شۈكۈر قىلغان ۋە شۇنى تاللىغان، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىيىمى بولمىغان ۋە ياكى ئىككى خىل تائامغا بىرلا ۋاقىتتا ئېغىز تەگمىگەن.
2) مۇشۇنداق ياشاش يوللۇق. بىر ئۇلۇغ غايىگە يېتىش ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى بولغاندىلا، مۇشۇنداق ياشاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
470. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الدُّنْيَا سِجْنُ المُؤْمِنِ وجنَّةُ الكَافِرِ » « دۇنيا مۇئمىنگە زىنداندۇر، كۇففارلارنىڭ جەننىتىدۇر (مۇئمىن بەندىگە ئاخىرەتتە تەييارلانغان نېئمەتلەرگە نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ گويا بىر زىنداننىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكى، كۇففارلارغا ئۇ دۇنيادا تەييارلانغان قاتتىق ئازابقا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ئۇلارغا گويا جەننەتتەك بولىدىغانلىقى) » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
471. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « كُنْ في الدُّنْيا كأَنَّكَ غريبٌ، أَوْ عَابِرُ سبيلٍ » « دۇنيادا خۇددى مۇساپىر ياكى يولۇچىدەك بولغىن » ، دېگەنىدى.
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: « إذاأَمْسيْتَ، فَلا تَنْتظِرِ الصَّباحَ وإِذَا أَصْبحْت، فَلا تنْتَظِرِ المَساءَ، وخُذْ منْ صِحَّتِكَ لمرضِكَ ومِنْ حياتِك لِموتكَ » « كەچقۇرۇنلۇقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن، ئەتىگەنلىكى كەچقۇرۇنلۇقىڭنى كۈتمىگىن. ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىلىپ، كېسەل ۋاقتىڭدا قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال، ھاياتلىقىڭنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەربىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكى.
2) قۇرۇق ئارزۇنى ئاز قىلىش كېرەكلىكى. مۇنداق قىلىشنىڭ ئەمەللەرنى تۈزەپ، ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەپ، ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىكتىن ساقلايدىغانلىقى.
3) مۇئمىننىڭ كۆپرەك تائەت-ئىبادەت قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى لازىملىقى.
4) ھاياتلىق ۋە سالامەتلىك مۇئمىن ئۈچۈن ئىككى چوڭ نېئمەت بولۇپ، بۇ ئىككىسىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن پايدىلىنىش كېرەكلىكى، ھەرگىزمۇ ئاخىرەتلىك ئۈچۈن پايدىسىز بولغان ئىشلار بىلەن ئۇلارنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەكلىكى.
472. ئەبۇ ئابباس سەھل ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇ ئىشنى قىلسام، مېنى ئاللاھ تائالامۇ ياخشى كۆرىدىغان، كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئىشقا بۇيرۇغىن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « ازْهَدْ في الدُّنيا يُحِبَّكَ اللَّه، وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحبَّكَ النَّاسُ » « دۇنياغا بېرىلمە، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىگە قىزىقما، شۇنداق قىلساڭ كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ » ، دېدى.
― ئىبن ماجە رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئمىننىڭ رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ھالالدىن تاپقان رىزققا قانائەت قىلىشى كېرەكلىكى.
2) مۇئمىننىڭ ھارامدىن ئۆزىنى ساقلاپ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئېھتىيات قىلىشى، ھالال رىزقىغا قانائەت قىلىپ، ئۇنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە سەرپ قىلىشى كېرەكلىكى.
3) ئىنساننىڭ مال-دۇنيانى قولىدا تۇتۇپ، ئۇنى مەقسەتكە يېتىشتىكى بىر ۋاسىتە دەپ قاراش، ھەرگىزمۇ ئۇنى چىن كۆڭلىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ مەقسىتى قىلىۋالماسلىقى
4) زاھىدلىق دېگەن نامراتلىق، خارلىق، ھورۇنلۇق بىلەن بولمايدىغانلىقى، بەلكى ئىنساننىڭ روھى باي بولۇشى، موھتاج بولسىمۇ تىلىمەيدىغان، تەمە قىلمايدىغان بولۇشى بىلەن بىلللە، ئىپپەتلىك بولۇشى، ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئاتىشى كېرەكلىكى.
5) كىشىنىڭ مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇشى شەھۋانىي نەپسى، ھاۋايى-ھەۋىسى ئۈچۈن بولسا بۇنداق ھېرىسمەنلىك ئەيىب سانىلىدۇ. ئەمما، مال-دۇنيا تېپىشى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بولسا، بۇ ئەيىبلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ ئاللاھ تائالاغا بولغان تائەت-ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.
473. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيادا ئېرىشكەن نەرسىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ئاندىن: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقى تويغۇدەك ناچار خورمىمۇ يوق، كۈن بويى ئاچ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا بېرىلمەسلىكى ئاجىزلىق ۋە كەمبەغەللىكتىن بولماستىن، ئاخىرەتنى دۇنيادىن ئەۋزەل بىلگەنلىكى، ساھابىلىرى ۋە ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەت، ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ كېتىپ تائەت-ئىبادەتنى تەرك ئەتمەسلىكىنى ئۆگىتىش ئۈچۈندۇر.
474. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا، ئۆيۈمدە پەقەت تاختا بېشىدىكى ئازراق ئارپىدىن باشقا يېگۈدەك نەرسە يوق ئىدى. مەن ئۇنى ئۇزۇنغىچە يېدىم. ئازغىنا ئارپا نېمانچە تۈگىمەيدىغاندۇ، دەپ ئۇنى تارتىپ كۆرگەنىدىم، ئۇ تۈگەپ كەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە، ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ يېنىدا ئازغىنە ئارپىدىن باشقا نەرسە يوقلۇقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا بېرىلمەيدىغان كامالى خىسلەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى.
2) ئاز تائامنى كۆپ بەرىكەتلىك قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.
475. ئەمر ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان چاغدا دىنار، دەرھەم، قۇل، دېدەك ۋە باشقا ھېچقانداق نەرسىلەرنى قالدۇرمىغان، پەقەت ئۇ ئۆزى مىنىدىغان بىر ئاق خېچىرنى، ئۇرۇش قوراللىرىنى ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەدىقە قىلغان بىر پارچە زېمىنىنى قالدۇرغانىدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
476. خەبباب ئىبن ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن ھىجرەت قىلدۇق. بىزنىڭ ساۋابىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىشى تېگىشلىك بولدى. بىزدىن بەزى كىشىلەر غەنىيمەتتىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. ئۇھۇد كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە بىر پارچە رەڭلىك يۇڭ توقۇلما رەخت قالدۇرغان مۇسئەب ئىبن ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنە شۇلاردىن ئىدى. بىز رەخت بىلەن ئۇنىڭ جەسىتىنى يۆگىگەندە بېشىنى يۆگىسەك پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى. رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۇنىڭ بېشىنى رەخت بىلەن يۆگەشكە، پۇتىنى ئىزخىر (قەغەزگۈل دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پۇراقلىق ئۆسۈملۈك. ― ت) بىلەن يېپىشقا بۇيرۇدى. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئارىمىزدا مېۋىلىرى پىشىپ، ئۇنى ئۈزۈۋاتقانلارمۇ بار ئىدى (يەنى باياشات ياشاۋاتقانلارمۇ بار ئىدى). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھىجرەتنىڭ نېئمەتلىرى ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا ھىجرەت قىلغان خالىس نىيەتلىك مۇھاجىرلارغا بېرىلگەن ساۋاب بايان قىلغان.
2) تەقۋادار مۇئمىنلەرنىڭ تېز بولغاندا بۇ دۇنيادا، كېچىكسە ئاخىرەتتە ۋە ياكى ھەر ئىككى دۇنيادا ئەجىر-ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى.
477. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَوْ كَانَت الدُّنْيَا تَعْدِلُ عِنْدَ اللَّه جَنَاحَ بَعُوضَةٍ، مَا سَقَى كَافراً منْها شَرْبَةَ مَاءٍ » « ئەگەر دۇنيا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئېتىبارغا ئىگە بولغان بولسا، كۇففارلار بىر يۇتۇم سۇ بىلەنمۇ سۇغۇرۇلمىغان بولاتتى » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
478. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « أَلاَ إِنَّ الدُّنْيَا مَلْعُونَةٌ، مَلعون مَا فيها، إِلاَّ ذِكْرَ اللَّه تعالى، ومَا وَالاَه وَعالماً وَمُتَعلِّماً » « ئاگاھ بولۇڭلار! شۈبھىسىزكى، دۇنيا ئەرزىمەستۇر، دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭمۇ قىممىتى يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زىكىرىگە دائىر نەرسىلەر ۋە ئالىم ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارلا بۇنىڭ سىرتىدا » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇنيانى مۇتلەق ھالدا قارغاپ، لەنەت ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى بەزى ھەدىسلەردە لەنەت ئوقۇش مەنئى قىلىنغان. ئەمما، دۇنيادىكى بەندىنى ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن يىراقلاشتۇرىدىغان، ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن بۇرىۋېتىدىغان نەرسىلەرگە لەنەت ئوقۇش بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. يۇقىرىقى ھەدىس شۇ مەنىدە ئېيتىلغان.
479. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَتَّخِذُوا الضَّيْعَةَ فَتَرْغَبُوا في الدُّنْيا » « كۆپ مال-مۈلۈك توپلىۋالماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار دۇنياغا بېرىلىپ كېتىسىلەر » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
480. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز قومۇشتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىزنى ئوڭشاۋاتقانىدۇق، رەسۇلۇللاھ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: « ما هذا؟ » « نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟»، دېدى. بىز: « ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ، ئۇنى ئوڭشاپ قويۇۋاتىمىز » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « ما أَرَى الأَمْرَ إِلاَّ أَعْجَلَ مِنْ ذلكَ » « مەن ئەجەلنى بۇنىڭدىنمۇ تېزرەك كېلىپ قالارمىكىن دەيمەن » ، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنساننىڭ ھەر دائىم ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر جان ئىگىسىگە قانداق يېقىنلىشىنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى لازىملىقى.
2) ئىنساننىڭ ھەرگىزمۇ ئاخىرەتلىك ياخشى ئەمەللەردىن توسىدىغان دۇنيا ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتمەسلىكى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىملىقى.
481. كەئب ئىبن ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « إِنَّ لِكُلِّ أُمَّةٍ فتنةً، فِتنَةُ أُمَّتي المَالُ » « ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن بىر سىناق بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى مال-دۇنيادۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ مال-دۇنيانى ھايات زىننەتلىرىنىڭ بىرى قىلغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى مال-دۇنياغا مايىل، بايلىق توپلاشقا ھېرىسمەن قىلىپ ياراتقانلىقى.
482. ئەبۇ ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْسَ لابْن آدَمَ حَقٌّ في سِوى هَذِهِ الخِصَال: بَيْتٌ يَسْكُنُهُ، وَثَوْبٌ يُوَارِي عَوْرَتَهُ وَجِلْفُ الخُبز، وَالمَاءِ » « ئادەم بالىسىنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى ۋە ئەۋرىتىنى ياپىدىغان كىيىمى، يەيدىغان نېنى، ئىچىدىغان سۈيى بولسىلا، ئۇنىڭ باشقىنى تەلەپ قىلىشى بىھاجەتتۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنساننىڭ تۇرىدىغان ئۆيى، ئەۋرىتىنى ياپىدىغان كىيىمى، قورسىقىنى تويغۇزىدىغان ئوزۇقلۇقى بولسىلا، شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئايالنىڭ بەدىنىدىن يۈز ۋە قولىدىن (ئالىقان) باشقا ھەممە يەرنىڭ ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئەر كىشىنىڭ بەدىنىدىن كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان يەرنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغانلىقى، بۇ يەردە دېيىلگىنى بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ئىكەنلىكى.
483. ئابدۇللاھ ئىبن شەخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلسەم، رەسۇلۇللاھ سۈرە تەكاسۇرنى ئوقۇۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ: « يَقُولُ ابنُ آدَم: مَالي، مَالي، وَهَل لَكَ يَا ابن آدمَ مِنْ مالِكَ إِلاَّ مَا أَكَلت فَأَفْنيْتَ، أو لبِستَ فَأَبْلَيْتَ، أَوْ تَصَدَّقْتَ فَأَمْضيْتَ؟ » « ئادەم بالىسى مېلىم، مېلىم، دەيدۇ. ئى ئادەم بالىسى! ئۇ ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن يەپ تۈگىتىۋالغىنىڭ ياكى كىيىپ ئەسكىتىۋالغىنىڭ ياكى سەدىقە قىلىپ بېرىۋالغىنىڭ سېنىڭ بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) زۆرۈر ئېھتىياجىدىن ئارتۇق مال-دۇنيا يىغقان ئادەمنىڭ خۇددى باشقىلارغا خەجلەيدىغان بايلىقىنى ساقلاپ بېرىدىغان ئامبارچىغا ئوخشايدىغانلىقى.
2) مال-دۇنيا، بايلىققا بېرىلمەسلىككە، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك نەرسە بىلەن كۇپايىلىنىپ، كۆپلەپ سەدىقە بېرىشكە، ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا، پۇل-مېلىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى يولىدا سەرپ ئېتىشكە تەۋسىيە قىلغان.
484. ئابدۇللاھ ئىبن مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « انْظُرْ ماذا تَقُولُ؟ » « نېمە دەۋاتقانلىقىڭغا قارىغىن » ، دېدى. ئۇ كىشى: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن » ، دەپ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: « إِنْ كُنْتَ تُحبُّني فَأَعِدَّ لَلفقْر تِجْفافاً، فإِنَّ الفَقْر أَسْرَعُ إلى من يُحِبُّني مِنَ السَّيْل إلى مُنْتَهَاهُ » « ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرسەڭ، كەمبەغەللىك لىباسىنى ھازىرلىغىن، شۈبھىسىزكى، كەمبەغەللىك مېنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كەلكۈننىڭ بارار جايىغا يېتىپ بېرىشىدىنمۇ تېز يېتىپ بارىدۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىگە، مال-دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى. چۈنكى، ھەقىقىي مۇھەببەت ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ خۇلۇق-ئەخلاقىنى ئۈلگە قىلىش، ئۆزىگە سىڭدۈرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى.
485. كەئب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَاذِئْبَان جَائعَانِ أُرْسِلا في غَنَم بأَفْسَدَ لَهَا مِنْ حِرْصِ المَرْءِ على المالِ وَالشـَّرفِ لِدِينهِ » « بىر ئادەمنىڭ مالغا ۋە ئابرۇيغا بېرىلىپ كېتىشى دىنىنى بۇزۇشتا ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ قويلار ئارىسىغا قويۇپ بېرىلىشىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
486. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر بورىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا بورىنىڭ ئىزلىرى چىقىپ كېتىپتۇ. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ! ساڭا كۆرپە بەرگەن بولساقچۇ؟! »، د ېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « مَالي وَلَلدُّنْيَا؟ مَا أَنَا في الدُّنْيَا إِلاَّ كَرَاكبٍ اسْتَظَلَّ تَحْتَ شَجَرَةٍ ثُمَّ رَاحَ وَتَرَكَهَا » « مېنىڭ دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم؟ مەن دۇنيادا پەقەت دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپ ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۇنى تاشلاپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشايمەن » ، دېدى.
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا بېرىلمەسلىكى، دۇنيا ھاياتىنى خۇددى ئاخىرقى مەنزىل ― ئاخىرەتكە قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۆتەڭگە ئوخشاتقانلىقى.
2) بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى.
487. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَدْخُلُ الفُقَراءُ الجَنَّةَ قَبْلَ الأَغْنِيَاءِ بِخَمْسِمائَةِ عَامٍ » « كەمبەغەللەر بايلاردىن بەش يۈز يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كەمبەغەللەرنىڭ گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان بايلاردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى.
2) كەمبەغەللەر بايلاردىن 500 يىل ئىلگىرى جەننەتكە كىرىدۇ. مۇنداق بولۇشى شۇ مۇددەتتە بايلار بايلىقىنى قايسى يول بىلەن تاپقانلىقى ۋە قانداق ئىشلارغا سەرپ ئەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېساب بېرىدۇ.
488. ئىبن ئابباس ۋە ئىمران ئىبن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « آطَّلعْتُ في الجَنَّةِ فَرَأَيْت أَكْثَرَ أَهلِهَا الفُقَراءَ. وَاطَّلَعْتُ في النَّارِ فَرَأَيْتُ أَكْثَرَ أَهْلِهَا النِّساءَ » « مەن جەننەتكە قاراپ جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كەمبەغەللەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، دوزاخقا قاراپ دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جەننەتتە كەمبەغەللەر بايلاردىن كۆپ، كەمبەغەل جەننەتكە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرى سەۋەبىدىن كىرىدۇ.
2) بەندىنى دۇنيا ھاياتىدا بەك راھەت-پاراغەت ۋە بايلىقنى قوغلىشىپ كەتمەسلىككە تەۋسىيە قىلغان.
3) ئاياللارنى ئۆزىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
489. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قُمْتُ عَلى بَاب الجَنَّةِ، فَكَانَ عَامَّةُ مَنْ دَخَلَهَا المَساكينُ. وأَصَحَابُ الجِدِّ محبُوسُونَ، غَيْرَ أَنَّ أَصحَابَ النَّار قَد أُمِرَ بِهمْ إلى النَّارِ » « مەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدا تۇردۇم، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ تولىسى مىسكىنلەر ئىكەن، دۆلەتمەن كىشىلەر جەننەتكە مىسكىنلەردىن كېيىن كىرىشى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلۇپتۇ ، لېكىن دوزىخىيلار دوزاخقا بۇيرۇلۇپ بولغان ئىدى» . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
490. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَصْدَقُ كَلِمَةٍ قَالَهَا شَاعِرٌ كَلِمَةُ لَبِيدٍ: أَلا كُلُّ شيْءٍ ما خَلا اللهَ بَاطِلُ » « لەبىدنىڭ مۇنۇ سۆزى شائىرلارنىڭ سۆزى ئارىسىدا ئەڭ راست سۆزدۇر: ‹بىكاردۇر بىر خۇدادىن باشقا بارلىق نەرسە دۇنيادا› » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر ياخشى مەقسەت ئۈچۈن بولسا ئىسلام دىنىدا شېئىر ئوقۇش چەكلەنمەيدىغانلىقى.
2) دۇنيا ھاياتىنىڭ ئەرزىمەس ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ يوقىلىش ۋە ھالاكەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقى.
3) ھايات ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا بەك قىسقا ئىكەنلىكى.