56. باب ئاچ-توق يۈرۈش ۋە ئاددىي-ساددا ياشاشنىڭ پەزىلىتى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىق نەرسىـلەردە ئاز بىلەن چەكلىنىش ۋە نەپسى خاھىشقا بېرىلمەسلىك توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا﴾ ﴿إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُوْلَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا﴾ ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلاردىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مەريەم 59-، 60- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَخَرَجَ عَلَى قَوْمِهِ فِي زِينَتِهِ قَالَ الَّذِينَ يُرِيدُونَ الْحَيَاةَ الدُّنيَا يَا لَيْتَ لَنَا مِثْلَ مَا أُوتِيَ قَارُونُ إِنَّهُ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٍ﴾ ﴿وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ اللَّهِ خَيْرٌ لِّمَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا وَلَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الصَّابِرُونَ﴾ قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: « كاشكى، بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىق) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن » ، دېدى. ئىلىملىك كىشىلەر: « ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر، ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا بېرىلىدۇ » ، دېدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەسەس 79-، 80- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ﴾ ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېئمەتلەردىن سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەكاسۇر 8- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَاء لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُ جَهَنَّمَ يَصْلاهَا مَذْمُومًا مَّدْحُورًا﴾ بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدە خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 18- ئايەت)
491. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇھەممە ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلسىدىكىلەر رەسۇلۇللاھ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر، ئۇدا ئىككى كۈن ئارپا نېنىغا تويغان ئەمەس. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا، راھەت-پاراغەتكە بېرىلمەسلىكى، ئىلكىگە ئۆتكەن مال-مۈلكنىڭ ھەممىسىنى موھتاجلارنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئېلىپ قالمايدىغان سىخىيلىقى.
492. ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، بىز ئايغا قارايتتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئاي، ئاندىن كېيىن يەنە بىر ئايغا قارايتتۇق، كۈتەتتۇق، ئىككى ئاي، ئۈچ ئاي ئۆتەتتى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىدە ئوچاققا ئوت يېقىلىپ باقمايتتى » ، دېدى. مەن: « ھامما! سىلەر قانداق تۇرمۇش كەچۈرەتتىڭلار؟»، دېدىم. ئۇ: « خورما ۋە سۇ بىلەن، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەنسارىي قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆچكە ياكى تۆگىلىرىنىڭ سۈتىنى رەسۇلۇللاھقا ئەۋەتىپ تۇراتتى. بىز ئاشۇ سۈتنى بىرگە ئىچەتتۇق » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەرىئەت چەكلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆيدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا ئېيتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، بۇنىڭ شىكايەت ھېسابلانمايدىغانلىقى.
2) مىسال كەلتۈرۈش، باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلەش يۈزىسىدىن كىشىنىڭ خاس ئەھۋاللىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدىغانلىقى.
493. ئەبۇ سەئد مەقبۇرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قوينىڭ گۆشىنى كاۋاب قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇنى گۆش يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېيىشكە ئۇنىمىدى ۋە مۇنداق دېدى: « رەسۇلۇللاھ دۇنيادىن ئارپا نېنىغا تويماي ئۆتۈپ كەتكەن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ساھابىلەرنىڭ ھەربىر ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغانلىقى، ئىنساندا تۈرلۈك خىياللارنى پەيدا قىلىدىغان شەھۋەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئازغا شۈكۈر قىلىدىغانلىقى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ گاھىدا تويغۇچە غىزالىنىشى بىلەن زىت ئەمەسلىكى، چۈنكى مۇتلەق كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ ئاچلىق ۋە ئازغىنە تاماق بىلەن يۈرىدىغانلىقى.
494. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغۇچە ئۇ شىرەدە تاماق يەپ باقمىغان، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر تاسقالغان يۇمشاق ئۇننىڭ نېنىنى يەپ باقمىغان » .
بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوغۇزلىنىپ قايناقسۇغا بېسىلىپ يۇڭدالغان قوينىڭ گۆشىنى يېمىگەن، دېيىلگەن (دۆلەتمەن ئادەملەر بوغۇزلانغان قوينى قايناقسۇغا بېسىپ، يۇڭدىۋېتىپ، تېرىسى بىلەن پىشۇرۇپ يەيتتى). ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىگە ھەددىدىن ئارتۇق بىرىلىپ كەتكۈچىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا بېرىلمەسلىكى، نامراتلارنى يۆلەيدىغان، مىسكىنلەرگە تەسەللىي بېرىپ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان ئېسىل پەزىلىتى ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان ئۈلگە، دۇنياغا بېرىلىپ، ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىش كىشىنىڭ شەھۋىتىنى قوزغاپ، گۇناھقا سۆرەپ كىرىدىغانلىقى ئەمەلىيەت.
495. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قورسىقى تويغۇدەك ناچار خورمىنىمۇ تاپالماي يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى چاغلاردا ھەتتا قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك ئوزۇقمۇ تاپالمايدىغانلىقى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ، ھاۋايى-ھەۋەسنى تەرك ئېتىشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى.
496. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن تارتىپ تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنى قەبزى روھ قىلغانغا قەدەر ئۇ تاسقالغان يۇمشاق ئۇننىڭ نېنىنى كۆرۈپ باقمىغان. سەھل ئىبن سەئدكە: « رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ئەگلەك بارمىدى؟»، دېيىلدى. ئۇ: « رەسۇلۇللاھنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ئۇنى قەبزى روھ قىلغانغا قەدەر ئەگلەك دېگەن نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى » ، دېدى. ئۇنىڭغا: « سىلەر ئارپا ئۇنىنى تاسقىماي قانداق يەيتتىڭلار؟»، دېيىلدى. ئۇ: « بىز ئۇنى يانچىيتتۇق ۋە پۈۋلەيتتۇق، ئۇچقۇنى ئۇچۇپ كېتەتتى، قالغانلىرىنى بولسا يۇغۇرۇپ خىمىر قىلاتتۇق »، د ېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
497. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر كۈندۈزى ياكى كېچىسى سىرتقا چىقتى. شۇ ۋاقىتتا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارمۇ چىققانىدى. رەسۇلۇللاھ: « ما أَخْرَجَكُمَا مِنْ بُيُوتِكُما هذِهِ السَّاعَةَ؟ » « بۇ چاغدا ئىككىڭلار ئۆيدىن نېمىشقا چىقتىڭلار؟»، دېدى. ئۇ ئىككىيلەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! قورسىقىمىز ئېچىپ كېتىپ چىقتۇق » ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: « وَأََنا، والَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ، لأَخْرَجَني الَّذِي أَخْرَجَكُما. قُوما » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ سىلەر نېمە دەپ چىققان بولساڭلار شۇنى دەپ چىقتىم، يۈرۈڭلار » ، دېدى. ئۇلار ئەنسارىيلاردىن بىر كىشىنىڭ (بۇ ئەنسارىي ئەبۇ ھەيسەم ئىبن تەييان ئىدى. ― ت) ئۆيىگە باردى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۆيدە يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھنى ئۇ كىشىنىڭ ئايالى كۆرۈپ: « خۇش كەپسەن، قارشى ئالىمىز » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا: « أَيْنَ فُلانٌ » « پالانى قەيەرگە كەتتى؟»، دېدى. ئۇ ئايال: « بىزگە تاتلىق سۇ ئالغىلى كەتتى » ، دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئەنسارىي كەلدى. ئۇ رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھىغا قاراپ: « خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ مېھمانلىرىمدىنمۇ ھۆرمەتلىك مېھمىنى بار كىشى يوق » ، دېدى-دە، بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا خام خورما، پىشقان خورما ۋە قۇرۇق خورمىلار بولغان خورما شېخىنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن: « يەڭلار » ، دېدى ۋە پىچاقنى قولىغا ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: « إِيَّاكَ وَالحَلُوبَ » « ساغلىقلارنى ئۆلتۈرمىگىن » ، دېدى. ئۇ مېھمانلارغا بىر قوي سويدى. ئۇلار قوي گۆشىدىن ۋە خورمىلاردىن يېدى ۋە ئىچتى. ئۇلار تويغاندا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارغا: « وَالَّذِي نَفْسي بِيَدِهِ، لَتُسْأَلُنَّ عَنْ هذَا النَّعيمِ يَوْمَ القِيامَةِ، أَخْرَجَكُمْ مِنْ بُيُوتِكُمُ الجُوعُ، ثُمَّ لَمْ تَرْجِعُوا حَتَّى أَصَابَكُمْ هذا النَّعِيمُ » « جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى مۇشۇ نېئمەتلەردىن سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر، ئاچلىق سىلەرنى ئۆيۈڭلاردىن چىقارغانىدى. ئاندىن سىلەر بۇ نېئمەتكە ئېرىشمىگۈچە قايتمىدىڭلار » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھىجرەتتىن كېيىن ساھابىلەرنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىنى ئاللاھ تائالا يولىدا ئاتىۋەتكەنلىكى، بەزى چاغلاردا ئۇلارنىڭ يېگۈدەك بىر نەرسىسىنىڭ بولمايدىغانلىقى (بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەزى چاغلاردا يېمەك-ئىچمەكتە كەڭ تاشا بولۇشىدىن چەكلەنگەنلىك مەناسى چىقمايدۇ)، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىدىغانلىقى.
2) دىنىي قېرىنداشنىڭ رازىلىقىنى بىلگەن ھالدا ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ ئۆيىگە بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
3) مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋە ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلشى لازىملىقى.
4) سۆزنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن قەسەم قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.
5) ئەرنىڭ مېھمانلىرى ئۆيگە كەلگەندە، ئەگەر فىتنە بولىدىغان ۋە مېھمان بىلەن ئايال خالىي قالىدىغان ئەھۋال بولمىغاندا ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ مېھمانلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىشقا بولىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ ھەدىستە ئۆي ئىگىسى ― ئەرنىڭ كەينىدىنلا يېتىپ كەلگەنلىكى.
498. خالىد ئىبن ئۇمەر ئەدەۋىيدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇتبە ئىبن غەزۋان نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بەسىرنىڭ ۋالىيسى ئىدى. ئۇ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: « دۇنيا ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. دۇنيا تېزلىك بىلەن كېتىۋاتىدۇ. دۇنيا كىشىنىڭ تاماق قاچىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تاماق قالدۇقىنى يىغقاندەك ئازغىنا قالدى. سىلەر بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ماكانغا يۆتكىلىسىلەر، سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەر بىلەن يۆتكىلىڭلار، بىزگە شۇنداق بايان قىلىپ بېرىلگەنكى، جەھەننەمنىڭ ئۈستىدىن بىر تاش تاشلانسا، 70 يىل چۈشۈپمۇ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، جەھەننەم چوقۇم سىلەر بىلەن توشقۇزۇلىدۇ. سۆزۈمدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟! بىزگە شۇنداق بايان قىلىنغانكى، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئىككى قانىتى 40 يىللىق مۇساپىدۇر. چوقۇمكى، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنداق كەڭ جەننەت تارلىق قىلىدۇ. ئەينى چاغدا مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدىم. بىزلەرگە يېگۈدەك نەرسە يوق، يەيدىغىنىمىز دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىدى. ئۇنى يەپ كالپۇكلىرىمىز يېرىلىپ كېتەتتى. مەن بىر تونغا ئېرىشىپ، ئۇنى يىرتىپ بىر بۆلىكىنى سەئد ئىبن مالىكقا بەردىم. بىر بۆلۈكىنى مەن، يەنە بىر بۆلىكىنى سەئد ئىشتان قىلىپ كىيىۋالدۇق. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ھەربىرىمىز بىردىن شەھەرگە ۋالىي بولدۇق. جەزمەنكى، مەن ئۆزۈمگە چوڭ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە كىچىك بولۇپ قېلىشىمدىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قېرىنداش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا تەۋسىيە قىلىپ، ئاخىرەتتىكى ھېسابتىن قورقۇتۇشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىش ئىكەنلىكى.
2) قىيامەت كۈنىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە: « بُعِثْتُ أَنَا والسَّاعةُ كَهَاتيْن وَأَشَارَ بِأصبعَيْهِ السَّبَّابَةَ وَالْوُسْطَى » «مەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم، ھالبۇكى بۇنىڭ بىلەن قىيامەتنىڭ ئارىلىقى مانا مۇشۇنچىلىك دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسەتكەن»، دېگەن ھەدىسمۇ بار.
3) ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت ۋە دوزاخنى ياراتقاندىكى ئۇلۇغلىقىنىڭ بايانى.
4) ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە پەزلىنىڭ زىيادىلىكى بىلەن جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى.
5) ساھابىلەرنىڭ كەمبەغەللىك، موھتاجلىققا سەۋر قىلغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۇلارغا غەلىبە، كەڭچىلىك ۋە باياشاتلىق ئاتا قىلغانلىقى.
6) ئىنساننىڭ نەپسىنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە شەيتاننىڭ ئالدىشىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ پاناھ تىلىشى لازىملىقى.
499. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يىرىك رەختتىن تىكىلگەن قوپال ئىشتان بىلەن چاپاننى ئېلىپ چىقىپ بىزگە كۆرسىتىپ: « رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا مۇشۇ كىيىم ئۇچىسىدا ئىدى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزىدە قوپال رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە باشقا كىيىملىرى بارلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچقانداق تەكەللۇپسىز توغرا كەلگەن كىيىمنى كىيىۋېرىدىغانلىقى، توغرا كەلگەن تاماقنى يەۋېرىدىغانلىقى.
500. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئاللاھ تائالا يولىدا ئوق ئاتقان ئەرلەرنىڭ تۇنجىسىدۇرمەن. بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇرۇشلارغا چىققاندا، بىزگە يەيدىغان نەرسە يوق، يەيدىغىنىمىز پەقەت جاڭگالدىكى كاۋچۇك دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ئىدى، ھەتتا بىزنىڭ بىرىمىز تەرەت قىلساق، خۇددى چاپلاشمايدىغان قوينىڭ ماياقلىرىغا ئوخشاش قۇرغاق تەرەت قىلاتتۇق. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى ئۈستىدە سۆزلىگەندە قاتتىقچىلىق كۈنلەردىكى ئەھۋاللىرىدىن شىكايەت يۈزىسىدىن ئەمەس، بايان قىلىش يۈزىسىدىن سۆزلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
2) ساھابىلەرنىڭ تاكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نۇرغۇن يەرلەرنى فەتھى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىپ، ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنى بىھاجەت قىلغۇچە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلغانلىقى. ھەدىستىن ساھابىلەر جەڭگە چىققاندا ئوزۇق-تۈلۈكسىز، تەييارلىقسىز چىقاتتى، دېگەن مەنا چىقمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تەييارلىغان ئوزۇق-تۈلۈكلىرى جەڭ جەريانىدا تۈگەپ كېتەتتى.
501. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اللَّهُمَّ اجْعَلْ رزْقَ آلِ مُحَمَّدٍ قُوتاً » « ئى ئاللاھ! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىنىڭ رىزقىنى كۈن ئۆتكۈزگۈدەك بەرسەڭ كۇپايە » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالادىن ئۆزىگە يەتكۈدەك دەرىجىدە رىزىق تىلەپ دۇئا قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، پەيغەمبەرلەر دۇنيا ۋە ئۇنىڭ راھەتلىرىگە بېرىلمىگەچكە، بۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسى ئىكەنلىكى، ئەمما ھەدىستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەمبەغەللىكنى تىلىگەن دېگەن مەنا چىقمايدىغانلىقى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەيدىغان بولۇپ، ھاجىتىگە يەتكۈدەك رىزىق بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكى.
2) بۇ ھەدىس باي بولۇشقا زىت بولماستىن. بەندىنىڭ ھالال يول بىلەن باي بولۇشى ۋە مال-مۈلكىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى. ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا شۈكۈر قىلغۇچى بايلارنىڭ بولغانلىقى.
502. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ بولمىغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن ئاچلىقتىن مەيدەمنى يەرگە يېقىپ يېتىپ قالاتتىم. ئاچلىقتىن قورسىقىمغا تاش تېڭىۋالاتتىم. بىر كۈنى يول بويىدا ئولتۇرۇپ قالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مېنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلدى. ئاندىن: « أَبا هِرٍّ » « ئەبا ھۇرەيرە » ، دېدى. مەن: « خوش، لەببەي، ئى رەسۇلۇللاھ! »، د ېدىم. رەسۇلۇللاھ: « الحَقْ » « ماڭا ئەگىشىپ ماڭغىن » ، دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرىشكە ئىجازەت سورىدى. مەن ئۈچۈنمۇ ئىجازەت سورىدى. ئاندىن بىز ئۆيگە كىرگەندە، بىر قاچا سۈتنى كۆرۈپ: « مِنْ أَيْنَ هذَا اللَّبَنُ؟ » « بۇ قەيەردىن كەلگەن سۈت؟»، دەپ سورىدى. ئۇلار: « پالانى كىشى ياكى پالانى ئايال ساڭا ھەدىيە قىلىپتۇ » ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: « أَبا هِرٍّ » « ئەبە ھۇرەيرە » ، دېدى. مەن: « لەببەي، ئى رەسۇلۇللاھ! »، د ېدىم. رەسۇلۇللاھ: « الحق إِلى أَهْل الصُّفَّةِ فادْعُهُمْ لي وأَهْلُ الصُّفَّةِ أَضْيَافُ الْإِسْلاَمِ لاَيَأْوُوْنَ عَلى أَهْلٍ وَلاَ مَالٍ وَلاَ عَلى أَحَدٍ » « سەن ئەھلى سۇففەگە بېرىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ كەلگىن، ئەھلى سۇففە ئىسلامنىڭ مېھمانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈك بولىدىغان ئائىلىسى، مېلى ۋە ھېچقانداق كىشىسى يوق » ، دېدى. رەسۇلۇللاھقا بىرەر سەدىقە كەلسە، ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئۇنىڭدىن ھېچ بىر نەرسىنى ئېلىپ قالمايتتى. ئەگەر رەسۇلۇللاھقا ھەدىيە كەلسە، ئۆزىمۇ ئالاتتى. ئۇلار بىلەنمۇ ئورتاق بەھىرلىنەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارنى چاقىرىپ كەلگىن، دېگىنى ماڭا ياقماي، كۆڭلۈمدە: « بۇ سۈت ئەھلى سۇففەنىڭ ئىچىشىگە يېتەتتىمۇ؟ بۇ سۈتنى ئىچىپ قۇۋۋەتلىنىۋېلىشقا مەن ئەڭ تېگىشلىك ئىدىم، ئەگەر ئۇلار كەلسە، رەسۇلۇللاھ مېنى بۇيرۇسا، ئۇلارغا مېنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۈت ماڭا يەتمەسلىكى تۇرغانلا گەپ، ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا بويسۇنماي بولمايدۇ » ، دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئەھلى سۇففەلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشتى. رەسۇلۇللاھ: « يا أَبا هِرّ » « ئى ئەبا ھۇرەيرە! » ، دېدى. مەن: « لەببەي، ئى رەسۇلۇللاھ! »، د ېدىم. رەسۇلۇللاھ: « خذْ فَأَعْطِهِمْ » « بۇ سۈتنى ئۇلارغا بەرگىن » ، دېدى. مەن قاچىنى كىشىلەر ئارىسىدا ئايلاندۇرغىلى تۇردۇم، مەن قاچىنى بىر كىشىگە بېرەتتىم، ئۇ قانغۇچە ئىچىپ بولۇپ، ماڭا قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئۇنى يەنە بىر كىشىگە بېرەتتىم، ئۇ قانغۇچە ئىچىپ بولۇپ، ماڭا قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇنى يەنە بىر كىشىگە بېرەتتىم، ئۇ قانغۇچە ئىچىپ بولۇپ، ماڭا قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئاخىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ توختىدىم. كىشىلەر ھەممىسى سۈتكە قانغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا قاراپ: « بَقِيتُ أَنَا وَأَنْتَ » « ئى ئەبا ھۇرەيرە! سۈتنى ئىچمىگەن سەن بىلەن مەنلا قاپتۇق » ، دېدى. مەن: « توغرا ئېيتتىڭ » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اقْعُدْ فَاشْرَبْ » « ئولتۇر، ئىچكىن » ، دېدى. مەن ئولتۇرۇپ ئىچتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اشرَبْ » « يەنە ئىچكىن » ، دېدى. يەنە ئىچتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە « اشْرَبْ » ئىچكىن دەۋەردى، مەن ئاخىر: « سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، قورسىقىمغا سىغقۇدەك يەر قالمىدى » ، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَأَرِني » « ئۇنداق بولسا، قاچىنى ماڭا بەرگىن » ، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ « بِسْمِ اللَّهِ » ، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دەپ سۈتنىڭ قالغىنىنى ئىچتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلەرنىڭ كەمبەغەللىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا كۆپ ئىلتىپات قىلىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاز تائامنى كۆپكە ئايلاندۇرىدىغان مۆجىزىسى ۋە بۇنىڭ بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە ئېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھەدىيە ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
4) بىرەر نەرسە ئىچكەندە ئولتۇرۇپ ئىچىشنىڭ ۋە ‹ بِسْمِ اللَّهِ ›، دەپ ئىچىپ، تۈگىگەندە ‹ الْحَمْدُ للّهِ ›، دەپ ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى، شۇنداقلا باشقىلار ئىچىپ قالدۇرۇپ قويغاننى ئىچىشنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكى.
5) مېھماننى كۆپرەك يەپ-ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ تائامنى مېھماننىڭ ئالدىغا تىزىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بەزى چاغلاردا ئىسراپ قىلماستىن تويغۇدەك يەپ-ئىچىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، بۇنىڭ قورساقنىڭ بىر قىسمىنى بوش قويۇپ يەڭگىل تويۇش بىلەن قارمۇقارشى ئەمەسلىكى، بەلكى يەڭگىل تويۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.
503. مۇھەممەد ئىبن سىرىن ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىدىن ئائىشىنىڭ ئۆيىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايدا ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ چۈشتۈم. بىرسى كېلىپ مېنى مەجنۇن ئوخشايدۇ، دەپ پۇتىنى گەدىنىمگە قويدى. ئەمەلىيەتتە مەن مەجنۇن ئەمەس ئىدىم، بەلكى ئاچلىقتىن ھوشۇمدىن كەتكەنىدىم. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ساھابىلەرنىڭ موھتاج تۇرۇپمۇ كىشىلەردىن سورىمايدىغان، كەمبەغەللىك ۋە قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىدىغان پەزىلىتى بايان قىلىنغان.
504. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ساۋۇتى ئوتتۇز كۈرە ئارپا ئۈچۈن بىر يەھۇدىينىڭ قېشىغا گۆرۈگە قويۇلغانىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مال-دۇنيا يىغماي، راھەتكە بېرىلمەي ئۆتكەنلىكى.
2) ئەھلى كىتاب بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيغا گۆرۈگە قويۇشى ئەھلى كىتاب بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ياكى ساھابىلەرنىڭ يېنىدا گۆرۈ ھەققى بەرگۈدەك بىرەر نەرسىنىڭ يوق بولغانلىقى ۋە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەق ئېلىشقا ئۇنىماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
3) ئىشەنچىلىك ئادەم بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.
505. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساۋۇتىنى ئارپىغا گۆرۈگە قويۇپ قويدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىر ئارپا نېنى بىلەن تەمى ئۆزگىرىپ قالغان ئېرىتىلگەن ياغ ئېلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ: « ما أَصْبحَ لآلِ مُحَمَّدٍ صــاعٌ ولا أَمْسَى وَإِنَّهُم لَتِسْعَةُ أَبْيَاتٍ » « مۇھەممەدنىڭ بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن توققۇز ئۆيىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە يېگۈدەك بىرەر سا (ئېغىرلىق بىرلىكى)دەك ئاشلىق بولمىدى » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى كەمتەرلىكى، مال-دۇنيادىن قانچىلىك خالىسا شۇنچىلىك يىغالايدىغان تۇرۇقلۇق مال-دۇنياغا بېرىلمەي، پۇل-مال توپلىماي ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىنى كەمبەغەل-مىسكىنلەرگە بېرىۋىتىپ ئۆزى ئۇرۇش كىيىمىنى گۆرۈگە قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى.
506. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەھلى سۇففەدىن 70 كىشىنى كۆردۈم. ئۇلاردىن ئۇچىسىغا تون كىيگەن بىرەر كىشىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمى پەقەت بىرلا ئىشتان ياكى بويۇندىن چىگىۋالىدىغان بىرەر پارچە رەخت ئىدى. بۇ رەختنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەزىلەرنىڭ تىزىغىچە كېلەتتى، بەزىلەرنىڭ ھوشۇقىغىچە كېلەتتى. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قولى بىلەن كىيىمىنى يىغىۋالاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
507. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ تۈشىكى، ئىچىگە خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرى تىقىلغان ئەيلەنگەن تېرە ئىدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيانى دوست تۇتماسلىقى، ھاجىتىگە يەتكۈدەك نەرسە بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغانلىقى.
508. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئولتۇرغانىدۇق. ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام بېرىپ ئاندىن كەينىگە ياندى. رەسۇلۇللاھ: « يَا أَخَا الأَنْصَارِ، كَيْفَ أَخِي سعْدُ بنُ عُبادةَ؟ » « ئى ئەنسارىيلارنىڭ قېرىندىشى! قېرىندىشىم سەئد ئىبن ئۇبادە قانداقراق؟»، دېدى. ئۇ كىشى: « ياخشى » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « مَنْ يعُودُهُ مِنْكُمْ؟ » « قايسىڭلار ئۇنى يوقلاشقا بارىسىلەر؟»، دېدى-دە، ئورنىدىن تۇردى. بىزمۇ تۇردۇق. بىز ئون نەچچە ئادەم ئىدۇق. بىز شورلۇقتا ماڭغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ نە كەش، نە ئۆتۈك، نە باش كىيىم، نە كۆينىكىمىز يوق ئىدى. بىز شۇ ماڭغانچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ ئەتراپىدىن قوزغىلىپ ئورۇن بوشاتتى. رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى كەمتەرلىكى ۋە ئېسىل پەزلى، ساھابىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ يوقلاپ تۇرىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەئدنى قېرىندىشىم دەپ ئاتىشى سەئدنىڭ ئىمانىغا بېرىلگەن گۇۋاھلىقتۇر.
2) كېسەلنى سورىغان كىشىگە كېسەللىك ئەھۋالىنى دېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. كېسەل يوقلاشنىڭ ۋە كېسەل يوقلاشقا باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) ساھابىلەرنىڭ دۇنياغا بېرىلمەسلىكى، جۈملىدىن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكى، مېھمانلار ئۈچۈن ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغانلىقى.
509. ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « خَيْرُكُمْ قَرنِي، ثُمَّ الَّذِينَ يلوُنَهم، ثُمَّ الَّذِينَ يلُونَهُم » « سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار مېنىڭ زامانىمدىكىلەردۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يېقىن بولغانلاردۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يېقىن بولغانلاردۇر » . ئىمران ئېيتتى: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ گەپنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم دېگەنلىكىنى بىلەلمىدىم » . ئاندىن رەسۇلۇللاھ: « ثُمَّ يَكُونُ بَعدَهُمْ قَوْمٌ يشهدُونَ ولا يُسْتَشْهَدُونَ، وَيَخُونُونَ وَلا يُؤْتَمَنُونَ، وَيَنْذِرُونَ وَلا يُوفُونَ، وَيَظْهَرُ فِيهمْ السِّمَنُ » « ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق كىشىلەر كېلىدۇكى، گۇۋاھلىققا چاقىرىلماي تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئىشەنچلىك دەپ قارالمايدۇ، بىرەر ياخشىلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىدۇيۇ، ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردا سېمىزلىك پەيدا بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى دەۋر كىشىلىرىنىڭ باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى، بۇ ئەۋزەللىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا شۇ زاماندىكى جامائەت نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان بولۇپ، بىر ئادەمنى بىر ئادەم بىلەن سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە ئەمەسلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن ئىككى دەۋر كېيىنكى مۇسۇلمانلاردا دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىگە بېرىلىش، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىش، كۆپ تاماق يېيىشتەك تۈرلۈك ئەيىب-نۇقسانلار كۆرۈلىدىغانلىقى.
3) يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھەدىستە مۇشۇ مەنا كۆزدە تۇتۇلغان.
4) مەيلى ئاللاھ تائالانىڭ ئامانىتى ياكى بەندىنىڭ ئامانىتى بولسۇن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش ھارام ئىكەنلىكى، ياخشى ئىش قىلىشقا ۋەدە قىلغان كىشىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.
510. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يا ابْنَ آدمَ: إِنَّكَ إِنْ تَبْذُل الفَضلَ خَيْرٌ لَكَ، وَأَن تُمْسِكهُ شرٌّ لَكَ، ولا تُلامُ عَلى كَفَافٍ، وَابدأ بِمنْ تَعُولُ » « ئى ئادەم بالىسى! ئارتۇق مېلىڭنى بېرىۋەتكىنىڭ ياخشىدۇر، ئۇنى بەرمەسلىكىڭ سەن ئۈچۈن ياماندۇر. يېتەرلىك رىزقىڭغا قانائەت قىلساڭ، ئەيىبكە بۇيرۇلمايسەن، خەير-ئېھساننى ئۆزۈڭگە تەۋە كىشىلىرىڭدىن باشلا » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىگە يەتكۈدەك پۇل-مال توپلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
2) ئىنساننى ھاجىتىدىن ئېشىنغان پۇل-مالنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئىنساننىڭ ئوشۇق مېلىنى ھاجەتمەن كىشىلەرگە بەرمەي بېخىللىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن يامانلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
3) ئىنساننىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىشى پەرز ئەين ھېسابلىنىدۇ، خەير-ئېھسان يۈزىسىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشى بولسا پەرز كۇپايە ياكى سۈننەتتۇر.
511. ئۇبەيدۇللاھ ئىبن مېھسەن ئەنسارىي خەتمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ أَصبح مِنكُمْ آمِناً في سِرْبِهِ، معافى في جَسدِه، عِندهُ قُوتُ يَومِهِ، فَكَأَنَّمَا حِيزَتْ لَهُ الدُّنْيَا بِحذافِيرِها » « سىلەردىن كىمكى تىنچ ئامان، تېنى ساغلام، ئالدىدا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكى بار بولسا، گويا دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرى ئۇنىڭ ئىلكىگە جەملەنگەن بولىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىمكى تۇرمۇشتا خاتىرجەم، ھاجىتىگە يەتكۈدەك نەرسىلىرى بولىدىكەن، دۇنيانىڭ ھەممە ياخشىلىقلىرىغا ئېرىشكەن ھېسابتا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىش بولسا كىشىنى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن بۇراپ، ناشۈكۈرلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
512. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قَدْ أَفَلَحَ مَن أَسلَمَ، وكَانَ رِزقُهُ كَفَافاً، وَقَنَّعَهُ اللَّه بِمَا آتَاهُ » « ئىمان ئېيتقان، يەتكۈدەك رىزقى بېرىلگەن، ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى ئىسلام دىنىدۇر، شۇنداقلا ئىسلام كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولۇشنىڭ ئاساسىدۇر.
2) رىزىق ئىنساننىڭ ھاجىتىگە يەتكۈدەك دەرىجىدە بولسا، ئۇ ئىنساننى خارلىقتىن، زۇلۇمغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ. ھەقىقىي بايلىق پۇل-مالنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئەمەس، قانائەت بىلەن بولىدۇ.
513. ئەبۇ مۇھەممەد فەزالە ئىبن ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « طُوبَى لِمَنْ هُدِيَ إِلى الإِْسلام، وَكَانَ عَيْشهُ كَفَافاً، وَقَنِعَ » « ئىسلامغا ھىدايەت قىلىنغان، يەتكۈدەك رىزقى بېرىلگەن ۋە بېرىلگەن رىزقىغا قانائەت قىلغان كىشىگە خۇش مۇبارەك بولسۇن! » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننىڭ بەختى ― ئىمانىنىڭ كامىللىقى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك بولۇشى ۋە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نەرسىلەرگە رازى بولۇشى بىلەن بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا ئارتۇقچە نەرسە ئىنساننى پەرۋەردىگارىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرەتنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇلدۇرىدىغانلىقى.
514. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئۇدا نەچچە كۈن ئاچ قورساق يېتىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەچقۇرۇنلۇقى يېگۈدەك تاماق تاپالمايتتى. ئۇلارنىڭ نېنىنىڭ تولىسى ئارپا نېنى ئىدى.
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
515. فەزالە ئىبن ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرگەن چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر نامازدا ئاچلىقتىن يېقىلىپ چۈشەتتى. ئۇلار ئەھلى سۇففەلەر ئىدى. ھەتتا ئەئرابىيلار ئۇلارنى تۇتقاقلىق كىسىلى بار ئىكەن، دېيىشەتتى. رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: « لَوْ تَعْلَمُونَ ما لَكُمْ عِنْدَ اللَّه تعالى، لأَحْبَبْتُمْ أَنْ تَزْدادُوا فَاقَةً وَحَاجَةً » « ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى سىلەرگە تەييارلانغان نەرسىلەرنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە تېخىمۇ نامرات، تېخىمۇ ھاجەتمەن بولۇشنى ياخشى كۆرەتتىڭلار » ، دەيتتى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
516. ئەبۇ كەرىمە مىقداد ئىبن مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « مَا ملأَ آدمِيٌّ وِعَاءً شَرّاً مِنْ بَطنِه، بِحسْبِ ابن آدمَ أُكُلاتٌ يُقِمْنَ صُلْبُهُ، فإِنْ كَانَ لا مَحالَةَ، فَثلُثٌ لطَعَامِهِ، وثُلُثٌ لِشرابِهِ، وَثُلُثٌ لِنَفَسِهِ » « ئادەم بالىسىنىڭ قورسىقىدىنمۇ يامانراق توشقۇزىدىغان قاچا يوق. ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماقنى بەك تويغۇچە يېمەسلىك، بۇنىڭ كىشىنى خامۇشلاشتۇرۇپ سالامەتلىكىنى بۇزىدىغانلىقى.
517. ئەبۇ ئۇمامە ئىياس ئىبن سەئلەبە ئەنسارىي ھارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا دۇنيا توغرىسىدا پاراڭلاشتى. رەسۇلۇللاھ: « أَلا تَسْمَعُونَ؟ أَلا تَسْمَعُونَ؟ إِنَّ الْبَذَاذَة مِن الإِيمَان إِنَّ الْبَذَاذَةَ مِنَ الإِيمَانِ » « سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟! سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟! ئاددىي-ساددا كىيىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاددىي-ساددا كىيىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننى ئاددىي-ساددا بولۇشقا، دۇنيا زىننەتلىرىگە بەك بېرىلىپ كەتمەسلىككە تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، ئىنساننىڭ راھەت-پاراغەتكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىشى ئۇنى دىننى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، ئاللاھ تائالا يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن توسىدۇ، ئىنساننىڭ ئاخىرىتىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن نەپسىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىماننىڭ بەلگىسىدۇر. ئاددىي-ساددا كىيىنىش دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ پاكىزلىقنى تەرك ئېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەدىستە كەلگەندەك پاكىزلىق ئىماننىڭ بىر بۆلىكىدۇر.
518. ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىزنى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇرەيشنىڭ كارۋىنىنى توسۇشقا ئەۋەتتى. باشقا نەرسە تاپالمىغاچقا ئوزۇق ئۈچۈن بىزگە بىر قاپ خورما بەرگەنىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا خورمىنى بىزگە بىر تالدىن-بىر تالدىن بېرەتتى. ئۇ بىر تال خورمىنى قانداق قىلاتتىڭلار؟ دەپ سورالغاندا، ئابدۇللاھ ئېيتتى: « ئۇ بىر تال خورمىنى كىچىك بالا شورىغاندەك شوراپ ئۈستىگە سۇ ئىچەتتۇق. بىر دانە خورما بىر كۈنلۈك ئوزۇقىمىز ئىدى. ھاسىلىرىمىز بىلەن قۇرۇق يوپۇرماقلارنى چۈشۈرۈپ سۇ بىلەن نەمدەپ يەيتتۇق » . شۇنداق قىلىپ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغا بېرىپ قالدۇق. دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا دۆڭگە ئوخشاش بىر چوڭ نەرسە دومبىيىپ چىقىپ قالغانىدى. يېقىن كېلىپ قارىساق، « كىت » ، دېيىلىدىغان بىر جانىۋار ئىكەن. ئەبۇ ئۇبەيدە: « بۇ كىت ئۆلۈككەن » ، دېدى. ئاندىن: « ياق، بەلكى بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىلىرىمىز، بىز ئاللاھ تائالانىڭ يولىدىمىز، سىلەر يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىڭلار، يەڭلار » ، دېدى. بىز ئۇ جايدا بىر ئاي تۇردۇق. بىز ئۈچ يۈز كىشى ئىدۇق. بىز ئۇنى يەپ سەمرىپ كەتتۇق. بەزىلىرىمىز ھەتتا، ئۇ جانىۋارنىڭ كۆزىنىڭ چانىقىدىكى ماينى قاچا بىلەن سۈزۈۋالدۇق. ئۆكۈزدەك-ئۆكۈزدەك چوڭ گۆش پارچىلىرىنى كېسىپ ئالاتتۇق. ئەبۇ ئۇبەيدە بىزدىن ئون ئۈچ كىشىنى ئۇنىڭ كۆز چانىقىدا ئولتۇرغۇزۇپمۇ باقتى. ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىدىن بىر تال قوۋۇرغىنى يەرگە تىكلەپ چوڭ تۆگىدىن بىرگە مېنىپ ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپمۇ باقتى. جانىۋارنىڭ گۆشىدىن ئوزۇقلۇق ئۈچۈن قۇرۇتۇپ ئېلىپ كەتتۇق. مەدىنىگە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردۇق. رەسۇلۇللاھ: « هُوَ رِزْقٌ أَخْرَجَهُ اللَّه لَكُمْ، فَهَلْ معَكمْ مِنْ لحْمِهِ شَيء فَتطْعِمُونَا؟ » « ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە چىقىرىپ بەرگەن رىزقىدۇر، سىلەردە ئۇنىڭ گۆشىدىن بار بولسا، بىزگىمۇ تېتىتمامسىلەر » ، دېدى. بىز رەسۇلۇللاھقا بېرىۋىدۇق، ئۇ زاتمۇ يېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ دۇنياغا قىزىقماي ئاز بىلەن كۇپايىلىنىدىغانلىقى، غۇربەتچىلىك بىلەن ياشاشقا چىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكىتى سەۋەبىدىن ساھابىلەرنىڭ بىر خورما بىلەن بىر كۈننى ئۆتكۈزگەنلىكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.
3) مەسىلىلەردە ئىجتىھات قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ۋە ئىجتىھات بىلەن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشنىڭمۇ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئەبۇ ئۇبەيدە دەسلەپتە كىتنى يېيىشتىن توسقان، ئاندىن كېيىن ئىجتىھات بىلەن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭدىن يېيىشكە رۇخسەت قىلغان.
4) ئاللاھ تائالانىڭ ساھابىلەرگە ھۆرمەت ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى ۋە موھتاجلىقىنى بىلىپ رىزىق بەرگەنلىكى.
519. يەزىدنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىكىنىڭ يېڭى بېغىشىغىچە ئىدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىيىمنىڭ ئۇزۇن بولۇشى كىشىنىڭ تەكەببۇرلۇقىغا سەۋەب بولۇشى ياكى تېز ھەرىكەت قىلىشقا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، قىسقا بولۇشى كىشىنى ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلاردا مۇشۇنداق ئوتتۇرا ھال يول تۇتاتتى.
520. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز خەندەك غازىتى كۈنى خەندەك كولاۋېتىپ، يەر قاتلىمىنىڭ پالتا ئۆتمەيدىغان قاتتىق بۆلىكىگە توغرا كېلىپ قېلىپ، رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتتۇق. رەسۇلۇللاھ: « أَنَا نَازِلٌ » « مەن چۈشەي » ، دەپ ئورنىدىن تۇردى. رەسۇلۇللاھ قورسىقىغا تاش تېڭىۋالغانىدى. بىز ئۈچ كۈن ھېچ نەرسە يېمىگەنىدۇق. رەسۇلۇللاھ مىتىننى ئېلىپ چاپتى. ھېلىقى قاتتىق يەر رەسۇلۇللاھنىڭ چېپىشى بىلەن قۇمدەك يۇمشاپ كەتكەنىدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي » ، دەپ رۇخسەت ئېلىپ ئۆيگە بېرىپ ئايالىمغا: « رەسۇلۇللاھنىڭ تاقەت قىلالمىغۇدەك قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، يېگۈدەك بىرەر نەرسەڭ يوقمۇ؟»، دېدىم. ئايالىم: « ئارپا بىلەن بىر چىشى ئوغلاق بار » ، دېدى. مەن ئوغلاقنى بوغۇزلاپ، ئارپىنى يانجىدىم، گۆشنى قازانغا سېلىپ، ئوچاققا ئېسىپ، گۆش پىشاي دەپ قالغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدىم. مەن رەسۇلۇللاھقا: « مەن ئازراق تاماق تەييار قىلغانىدىم، سەن بىر ياكى ئىككى كىشى بىلەن بارساڭ » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « كَمْ هُوَ؟ » « قانچىلىك تاماق ئۇ؟»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھقا دەپ بەرسەم، رەسۇلۇللاھ: « كثِير طيب، قُل لَهَا لا تَنْزِع البُرْمَةَ، ولا الخُبْزَ مِنَ التَّنُّورِ حَتَّى آتيَ » « بەك كۆپ ئىكەن، ياخشىكەن، ئايالىڭغا ئېيتقىن، مەن بارغۇچە قازاننى ئوچاقتىن ئېلىۋەتمىسۇن، ناننى تونۇردىن ئېلىۋەتمىسۇن » ، دېدى. ئاندىن: « قُومُوا » « تۇرۇڭلار » ، دېۋىدى، مۇھاجىر-ئەنسارىيلار ئورنىدىن تۇردى. مەن ئايالىمنىڭ قېشىغا كىرىپ: « ساڭا خۇدا رەھمەت قىلسۇن، رەسۇلۇللاھ مۇھاجىر-ئەنسارىيلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان كىشىلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە » ، دېسەم، ئايالىم: « سەندىن رەسۇلۇللاھ تامىقىڭ قانچىلىك دەپ سورىمىدىمۇ؟»، دېدى. مەن: « سورىدى » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « ادْخُلوا وَلا تَضَاغَطُوا » « كىرىڭلار! قىستاشماڭلار! » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناننى ئۇشتۇپ، گۆشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاتتى. ناننى ئالغاندا قازان ۋە تونۇرنى يېپىپ قويۇپ، ئۇنى ساھابىلەرگە سۇنۇپ بېرىپ يەنە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تويۇپ تاماقتىن ئېشىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ جابىرنىڭ ئايالىغا: « كُلِي هذَا وَأَهدي، فَإِنَّ النَّاسَ أَصَابَتْهُمْ مَجَاعَةٌ » « سىزمۇ يەڭ، باشقىلارغىمۇ سۇنۇپ بېرىڭ، ھەقىقەتەن كىشىلەرگە ئاچارچىلىق يەتتى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: خەندەك كولاۋاتقان چاغدا مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئايالىمنىڭ يېنىغا كېلىپ: « يېگۈدەك بىرەر نەرسەڭ بارمۇ؟ رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم » ، دېدىم. ئۇ ماڭا ئارپا قاچىلانغان بىر خالتىنى بەردى. ئۆيدە بېقىلغان بىر چىشى ئوغلىقىمىز بار ئىدى. مەن ئۇنى بوغۇزلىدىم. مەن ئوغلاقنى سويۇپ بولغۇچە ئايالىم ئارپىنى ئۇن قىلىپ بولدى. مەن ئوغلاقنى پارچىلاپ قازانغا سالدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا مېڭىۋىدىم، ئايالىم ماڭا: « سەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە كۆپ ئادەم باشلاپ كېلىپ، مېنى كىشىلەر ئالدىدا يەرگە قاراتما » ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاستا: « ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ بىر ئوغلىقىمىز بار ئىدى. ئۇنى بوغۇزلاپ ئىككى كۈرىدىن ئارتۇقراق ئارپا بىلەن تاماق تەييارلىدىم. سەن بىر قانچە ئادەم بىلەن بارساڭ ئىكەن » ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « يَا أَهْلَ الخَنْدَق: إِنَّ جابراً قدْ صنَع سُؤْراً فَحَيَّهَلاًّ بكُمْ » « ئى خەندەك كولاۋاتقانلار! جابىر تائام تەييارلاپتۇ، يۈرۈڭلار! »، د ېدى ۋە: « لا تُنْزِلُنَّ بُرْمَتَكُمْ وَلا تَخْبِزُنَّ عجِينَكُمْ حَتَّى أَجيءَ » « مەن بارغۇچە قازاننى چۈشۈرمەڭلار، ناننى راسلىماڭلار » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئىككىمىز ئۆيگە كەلدۇق. مەن ئايالىمنىڭ يېنىغا كىردىم. ئايالىم تاپا-تەنە قىلىپ: « سەنزە! »، د ەپ كەتتى. مەن: « مەن سەن دېگەندەك قىلدىم » ، دېدىم. ئايالىم خېمىرنى ئېلىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سۈف قىلىپ بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن قازان تۈۋىگە بېرىپ، ئۇنىڭغىمۇ سۈف قىلىپ بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن: « ادْعُ خَابزَةً فلْتَخْبزْ مَعكِ، وَاقْدَحِي مِنْ بُرْمَتِكُم وَلا تَنْزلُوها » « نان راسلىيالىغۇدەك بىر ئايالنى چاقىرغىن، سەن بىلەن نان راسلىسۇن، قازاندىن گۆشنى سۈزگىن، قازاننى ئوچاقتىن چۈشۈرمەي تۇرۇڭلار » ، دېدى. ئۇلار مىڭ ئادەم ئىدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئۇلار تاماقنى يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويۇشتى. قازانمۇ بۇرۇنقىدەك قايناۋاتاتتى. نانلىرىمىزمۇ يېقىلىۋاتاتتى.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىدىغانلىقى.
2) ساھابىلەرنىڭ ئاچلىق ۋە ھارغىنلىققا چىدايدىغان سەۋرسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسساملانىڭ بەرىكەت بىلەن ئاز تائامنى نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈدەك دەرىجىدە كۆپەيتىۋېتىدىغان مۆجىزىسى، بۇنىڭ بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكى،
4) كىشىگە سوۋغا-ھەدىيە بېرىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ھاجەتمەن ۋە ئاچارچىلىق ھالىتىدىكى كىشىلەرگە سوۋغا بېرىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى.
مۇلاھىزە: دۇنياغا بېرىلمەسلىك ماۋزۇسى ئاستىدىكى بۇ بابنىڭ ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ئىسلام دىنى مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى، مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ياراتقان. لېكىن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ پۇل-مالغا تويماسلىق، ئىسراپخورلۇق تەبىئىيتىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، شۇڭا ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ كەمتۈكلۈكنى دۇنياغا بېرىلمەسلىك، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ھەردائىم ئاخىرەتلىكىنى كۆز ئوڭىدا تۇتۇشتەك تەشەببۇس ئارقىلىق داۋالايدۇ. مانا مۇشۇ خىل تەشەببۇس بىلەن ئىنسان دۇنيا ئىشلىرىدا مۆتىدىل بولۇپ، پۇل-مال ۋەسۋەسىسىدە ھارامنى يەپ، گۇناھ پاتقىقىغا پېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ساھابىلەرنىڭ دۇنيانىڭ پۇل-مال، نازۇنېئمەتلىرىگە پەقەتلا بېرىلمەسلىكى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. چۈنكى، ئۇ مەزگىلدە ئىسلام دىنى جاھىلىيەتنىڭ بارلىق نەرسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دۇنياغا بېرىلمىگەن ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرگە موھتاج ئىدى. ساھابىلەر دۇنياغا بېرىلمىگەن، ئاچلىق، جاپا-مۇشەققەتكە ئاجايىپ سەۋرلىك ئىدى، ئەمما كۆپچىلىك كىشىلەر مۇنداق قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا، دۇنيالىق پۇل-مال جەھەتلەردە ئوتتۇراھال بولۇپ، نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشتىن باشقا يۇقىرى تەلەپمۇ قويۇلمايدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن (يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپخورلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ).
521. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاۋازىنىڭ ناھايىتى بوشلىقىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، بىرەر نەرسەڭ بارمۇ؟»، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم: « بار » ، دېدى ۋە بىر نەچچە ئارپا ناننى ئېلىپ رومىلىغا ئوراپ، كىيىمىمنىڭ ئاستىغا تىقتى ۋە يەنە بىر تەرىپىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ مېنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. مەن ناننى ئېلىپ بېرىپ رەسۇلۇللاھنى كىشىلەر بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتىم. مەن ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇردۇم. رەسۇلۇللاھ ماڭا: « أَرْسَلَكَ أَبُو طَلْحَةَ؟ » « سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟»، دېدى. مەن جاۋابەن: « ھەئە » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « أَلِطَعَام » « تاماققا چاقىرىپتىمۇ؟»، دېدى. مەن: « ھەئە » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « قُومُوا » « تۇرۇڭلار » ، دېدى. ئۇلار ھەممىسى ماڭدى. مەن ئالدىدا كېلىپ ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر قىلدىم. ئۇ: « ئى ئۇممۇ سۇلەيم! رەسۇلۇللاھ كىشىلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا يەتكۈدەك تامىقىمىز بولمىسا قانداق قىلىمىز » ، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم: « ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى بىلىدۇ » ، دېدى. ئەبۇ تەلھە چىقىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن سالاملىشىپ بىللە ئۆيگە كىردى. رەسۇلۇللاھ: « هَلُمِّي ما عِندَكِ يا أُمِّ سُلَيْمٍ » « بار نەرسىلىرىڭنى كەلتۈر! ئى ئۇممۇ سۇلەيم! »، د ېدى. ئۇ ئاشۇ ئارپا نېنىنى ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن نان ئوشتۇلدى. ناننىڭ ئۈستىگە ئۇممۇ سۇلەيم ياغ ئالىدىغان تېرە تۇلۇمنى سىقىپ، نانغا ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈدەك نەرسە قىلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ نانغا بىر نېمىلەرنى ئوقۇدى. ئاندىن « ائذَن لِعَشَرَةٍ » « ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل » ، دېدى. ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى. يەنە ئون ئادەم كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى. شۇ تەرىقىدە كەلگەن بارلىق ئادەم يەپ تويدى. كەلگەنلەر 70 ~ 80 ئادەم ئىدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئادەملەر ئوندىن، ئوندىن كىرىپ تاماقتىن يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن قالغان تاماقنى يىغىپ كۆرۈۋىدى، ئۇلار يېيىشتىن بۇرۇن قانچىلىك بولسا، خورىماي شۇنچىلىك تۇرۇپتۇ، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: كىشىلەر ئوندىن كىرىپ يېدى، شۇ تەرىقىدە تويغۇچە يېدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىمۇ ئۇلاردىن ئېشىپ قالدى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار قوشنىلىرىغىمۇ يەتكۈدەك ئاشۇرۇپ قويدى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلسەم، ئۇ ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغانىكەن. ئۇ قورسىقىنى تېڭىۋالغانىدى. مەن ساھابىلەردىن: « رەسۇلۇللاھ نېمىشقا قورسىقىنى تېڭىۋالدى؟! »، د ېسەم، ئۇلار: « ئاچلىقتىن شۇنداق قىلدى » ، دېيىشتى. مەن مىلھاننىڭ قىزى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئېرى ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا باردىم ۋە ئۇنىڭغا: « ئى ئاتا! رەسۇلۇللاھنىڭ قورسىقىنى تېڭىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ساھابىلەردىن نېمىشقا تېڭىۋالغانلىقىنى سورىسام، ئۇلار ئاچلىقتىن، دەيدۇ » ، دېدىم. ئەبۇ تەلھە ئانامنىڭ يېنىغا كىرىپ: « يېگۈدەك نەرسەڭ يوقمۇ؟»، دېۋىدى، ئانام: « بار، بىر پارچە نان ۋە نەچچە تال خورما بار، ئەگەر رەسۇلۇللاھ يالغۇز كەلسە يېتىدۇ، باشقىلار ئەگىشىپ كەلسە ئازلىق قىلىدۇ » ، دېدى.
ئەنەس ھەدىسنى ئاخىرىغىچە بايان قىلدى.