رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

52. باب ئۈمىدۋار بولۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ﴾ ﴿فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا﴾ مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى فىرئەۋىن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستىدىن ساقلىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە غافىر 44- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

440. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قالَ اللَّه، عَزَّ وَجلَّ، أَنَا عِنْدَ ظَنِّ عَبْدي بي، وأَنَا مَعَهُ حَيْثُ يَذْكُرُني، وَاللَّهِ للَّهُ أَفْرَحُ بتَوْبةِ عَبْدِهِ مِنْ أَحَدِكُمْ يجدُ ضالَّتَهُ بالْفَلاةِ، وَمَنْ تَقَرَّبَ إِلَيَّ شِبْراً، تَقرَّبْتُ إِلَيْهُ ذِرَاعاً، وَمَنْ تَقَرّبَ إِلَيَّ ذِراعاً، تقَرَّبْتُ إليه بَاعاً، وإِذَا أَقْبَلَ إِلَيَّ يمْشي، أَقبلتُ إلَيه أُهَرْوِلُ » « ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندەم مېنىڭ قانداق بولۇشۇمنى ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن، ئۇ مېنى ئەسلىگەن چاغدا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن›. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆل-باياۋاندا تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، تېپىۋالغان چاغدىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، مەن تەرەپكە مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن› » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ياخشىلىقنى كۈتۈش. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش لازىملىقى.

441. جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « لا يموتن أَحَدُكُم إِلاَّ وَهُوَ يُحْسِنُ الظَّنَّ باللَّه عزَّ وَجَلَّ » « سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ئۈمىدسىزلىكتىن ساقلىنىپ، ئۈمىدۋار بولۇشقا، بولۇپمۇ ئۆلۈم ئالدىدا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

442. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « قال اللَّه تعالى: يَا ابْنَ آدَمَ إِنَّكَ مَا دَعوْتَني وَرَجوْتَني غَفَرْتُ لَكَ عَلى ما كَانَ مِنكَ ولا أُبَالِي، يا ابن آدمَ، لَوْ بَلغَتْ ذُنُوبُكَ عَنَانَ السماءِ، ثم اسْتَغْفَرْتَني غَفَرتُ لَكَ، يَا ابْنَ آدَم، إِنَّكَ لَو أَتَيْتَني بِقُرابٍ الأَرْضِ خطايا، ثُمَّ لَقِيْتَني لا تُشْرِكُ بِي شَيْئاً، لأَتَيْتُكَ بِقُرَابِهَا مَغْفِرَةً » « ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹ئى ئادەم بالىسى! سەن قاچانكى ماڭا دۇئا-تەلەپتە بولساڭ ۋە مەندىن ئۈمىدۋار بولساڭ، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سېنى مەغفىرەت قىلىمەن، ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ ئاسمانغا تاقاشقۇدەك كۆپ گۇناھلىرىڭ بولسىمۇ مەندىن مەغفىرەت تەلەپ قىلساڭ، سېنى مەغفىرەت قىلىمەن، ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن يەر يۈزىنى قاپلىغۇدەك خاتالىقلىرىڭ بىلەن ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي دەرگاھىمدا ماڭا مۇلاقات بولساڭ، مەن ساڭا يەر يۈزىنى قاپلىغۇدەك مەغفىرەت بىلەن مۇلاقات بولىمەن » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-كەرىمنىڭ كەڭلىكى، رەھمىتىنىڭ چەكسىزلىكى.

2) بەندىنى ئىستىغفار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئۈمىدۋار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

3) بەندە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسىلا، ھەرقانچە كۆپ ۋە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىدىن ئۈمىد كۈتسە بولىدىغانلىقى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء﴾ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ تائالا ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغفىرەت قىلىدۇ . (سۈرە نىسا 116- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى)

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ