رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

51. باب ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ مېنىڭ تىلىمدىن ئېيتقىنكى، گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇمەر 53- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَهَلْ نُجَازِي إِلَّا الْكَفُورَ﴾ بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز . («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەبەئ 17- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا قَدْ أُوحِيَ إِلَيْنَا أَنَّ الْعَذَابَ عَلَى مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّى﴾ بىزگە شەك-شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرىگەن ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تاھا 48- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ﴾ مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراب 156- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

412. ئۇبادە ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ شَهِدَ أَنْ لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وأَنَّ مُحمَّداً عبْدُهُ وَرَسُولُهُ، وأَنَّ عِيسى عَبْدُ اللَّهِ وَرَسُولُهُ، وَكَلِمَتُهُ أَلْقاها إِلى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ، وأَنَّ الجَنَّةَ حَقٌّ وَالنَّارَ حَقٌّ، أَدْخَلَهُ اللَّهُ الجَنَّةَ عَلى ما كانَ مِنَ العمَلِ » « كىمكى يېگانە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ مەريەمگە ئىلقا قىلغان كەلىمىسى، ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولغان روھتۇر، جەننەت بىلەن دوزاخ ھەقتۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭ ئەمىلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھ تائالا ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، « مَنْ شَهِدَ أَنْ لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، وأَنَّ مُحَمَّداً رسُولُ اللَّهِ، حَرَّمَ اللَّهُ علَيهِ النَّارَ » « كىمكى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ » ، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىمكى ئىمان بىلەن ئۆلىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ ئىماندىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئۇ كىشىنىڭ مەڭگۈ دوزاختا قالمايدىغانلىقى.

413. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يقولُ اللَّهُ عزَّ وجَلّ: مَنْ جاءَ بِالحَسَنَةِ، فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِها أَوْ أَزْيَدُ، ومَنْ جاءَ بِالسَّيِّئَةِ، فَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا أَوْ أَغْفِرُ. وَمَنْ تَقَرَّبَ مِنِّي شِبْراً، تَقَرَّبْتُ مِنْهُ ذِرَاعاً، ومنْ تَقَرَّبَ مِنِّي ذرَاعاً، تَقَرَّبْتُ مِنْهُ باعاً، وَمَنْ أَتاني يمشي، أَتَيْتُهُ هَرْولَةً، وَمَنْ لَقِيَني بِقُرَابِ الأَرْضِ خَطِيئَةً لاَ يُشْرِكُ بِي شَيْئاً، لَقِيتُهُ بمثْلِها مغْفِرَةً » « ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، كىمكى بىرەر ياخشىلىقنى قىلغان بولسا، ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپەيتىپ بېرىمەن. كىمكى بىرەر يامانلىق قىلسا، پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەر جازا بېرىلىدۇ ياكى مەغفىرەت قىلىمەن. كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن. كىمكى ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي يەر يۈزى تولغۇدەك خاتالىق بىلەن دەرگاھىمغا كەلسە، مەن ئۇنىڭغا زېمىن توشقۇدەك مەغفىرەت بىلەن مۇلاقات بولىمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ۋە مەغفىرىتىنى داۋاملىق ئۈمىد قىلىشى، ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى لازىملىقى، بەندە قىلغان بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش ساۋابنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىر ياخشىلىققا 70ھەسسىدىن 700ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى.

414. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر ئەئرابى كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىنى جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىشكە تېگىشلىك قىلىدىغان ئىككى ئىش قايسى؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « مَنْ مَات لاَ يُشرِكُ بِاللَّه شَيْئاً دخَلَ الجَنَّةَ، وَمَنْ ماتَ يُشْرِكُ بِهِ شَيْئاً، دَخَلَ النَّارَ » « بىرى، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلىدىكەن، ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ، يەنە بىرى، كىمكى ئاللاھ تائالاغا بىرەر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلىدىكەن ئۇ ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىمان بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ ھەر قانداق گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقى ۋە كۇففارلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۆلىمالار ئورتاق پىكىرگە كەلگەن.

415. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىلەن مۇئاز بىر ئۇلاغقا مىنىگلىك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: « يا مُعاذُ » « ئى مۇئاز! »، د ېدى. مۇئاز: « خوش، لەببەي، ئي رەسۇلۇللاھ! »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « يا مُعاذ » « ئى مۇئاز! »، د ېدى. مۇئاز: « خوش، لەببەي، ئي رەسۇلۇللاھ! »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « ما مِن عَبدٍ يَشْهَدُ أَنْ لاَ إِله إِلاَّ اللَّهُ، وَأَنَّ مُحَمدا عَبْدُهُ ورَسُولُهُ صِدْقاً مِنْ قَلْبِهِ إِلاَّ حَرَّمَهُ اللَّهُ على النَّارِ » « بىر بەندە چىن قەلبى بىلەن راستتىن ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ » ، دېدى. مۇئاز: « ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ سۆزۈڭنى كىشىلەرگە يەتكۈزمەيمەنمۇ، ئۇلارمۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇشاللانسۇن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « إِذاً يَتَّكلُوا » « ئۇنداقتا ئۇلار بۇ سۆزگە يۆلىنىۋالىدۇ » ، دېدى. مۇئاز ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا (ئىلىمنى يوشۇرغانلىق سەۋەبى بىلەن) گۇناھكار بولۇپ قالماي دەپ، كىشىلەرگە بۇنى سۆزلەپ بەرگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سۆزلىسە باشقىچە مەنە چىقىپ قالىدىغان ۋە كىشىلەرنى ئەمەل قىلماي يۆلىنىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەرنى سۆزلىمەسلىكنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلىمنى يوشۇرۇش گۇناھىغا قېلىشتىن قورقۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى كىشىلەرگە ئېيتقانلىقى.

416. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، تەبۇك غازىتىدا كىشىلەر ئاچلىقتىن قىينالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر رۇخسەت قىلساڭ، تۆگىلىرىمىزنى سويۇپ يېسەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مايلانساق » ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: « افْعَلُوا » « شۇنداق قىلىڭلار » ، دېدى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنداق قىلىدىغان بولساق، ئۇلاغلىرىمىز ئازىيىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ سەپەرگە تەييارلىغان ئېشىنچە ئوزۇقلىرىنى يىغىپ، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىشى مۇمكىن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « نَعَمْ » « بولىدۇ » ، دېدى. ئاندىن بىر تېرە داستىخاننى يايدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېشىنچە ئوزۇقلىرىنى ئەكېلىشكە بۇيرۇدى. بىرى بىر سىقىم تېرىق ئەكەلدى. بىرى بىر چاڭگال خورما ئەكەلدى. يەنە بىرى بىر پارچە نان ئەكەلدى. شۇنىڭ بىلەن داستىخانغا ئازراق بىر نەرسە يىغىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىغا دۇئا قىلدى. ئاندىن: « ئۇلارنى قاچاڭلارغا سېلىڭلار » ، دېدى. ئۇلار قاچىلىرىغا سالدى. ھەتتا قوشۇندىن ئېشىپمۇ قالدى. رەسۇلۇللاھ: « أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، وَأَنِّي رَسُولُ اللَّهِ لاَ يَلْقَى اللَّه بهما عَبْدٌ غَيْرُ شاكٍّ، فَيُحْجبَ عَنِ الجَنَّةِ » « بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىدۇرمەن. ھەر قانداق بەندە بۇ ئىككى كەلىمە بىلەن ھېچ قانداق شەك كەلتۈرمەستىن ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ جەننەتكە كىرمەي قالمايدۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھتىن رۇخسەت سوراپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنى يولباشچى بىلىپ، سۆزىنى ئاڭلايدىغان ئەدەپ-ئەخلاقى بايان قىلىنغان.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاز تائامغا دۇئا قىلىپ بەرىكەتلىك قىلىشتەك مۆجىزىسى بايان قىلىنغان. بۇ خىل ئەھۋال مۇشۇ بىر قېتىمدىلا ئەمەس، بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن.

417. ئىتبان ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى(ئۇ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن ئىدى)، مەن قەۋمىم بەنى سالىمگە ئىمام بولۇپ، ناماز ئوقۇپ بېرەتتىم. مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بولۇپ، يامغۇر ياغقاندا مەسجىد تەرەپكە ئۆتۈشۈم قىيىن بولاتتى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: « مېنىڭ كۆزۈم ئاجىزلاپ قالدى، مەن بىلەن قەۋمىمنىڭ ئارىسىدا بىر جىلغا بار، يامغۇر ياغقان چاغدا جىلغىدا سۇ كۆپىيىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈشۈم قىيىنلىشىدۇ، ئۆيۈمدىكى بىرەر جاينى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن ئۆيۈمگە كېلىپ ناماز ئوقۇپ بەرسەڭكەن، دەيمەن » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « سأَفْعَلُ » « شۇنداق قىلاي » ، دېدى. ئەتىسى قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن بىللە كەلدى. رەسۇلۇللاھ كىرىشكە ئىجازەت سورىدى، مەن ئىجازەت بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئولتۇرمايلا: « أَيْنَ تُحِبُّ أَنْ أُصَلِّيَ مِنْ بَيْتِكَ؟ » « ئۆيۈڭنىڭ قەيىرىدە ناماز ئوقۇپ بېرىشىمنى ياخشى كۆرىسەن؟»، دېدى. مەن ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان جاينى كۆرسىتىپ بەردىم. رەسۇلۇللاھ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ، قۇلاق قاقتى. بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدە سەپ بولۇپ تۇردۇق. رەسۇلۇللاھ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ سالام بەردى. بىزمۇ سالام بەردۇق. ئاندىن رەسۇلۇللاھنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان خەزىرە تامىقى (ئۇن بىلەن مايدا پىشۇرۇلىدىغان تاماق)غا تۇتۇپ قالدىم. مەھەللىدىكىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، توپ-توپ بولۇپ كېلىپ، ئۆيدە ئادەم كۆپىيىپ كەتتى. بىر كىشى: « مالىك كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ » ، دېدى. يەنە بىر كىشى: « ئۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنى سۆيمەيدىغان مۇناپىق » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « لاَ تَقُلْ ذَلِكَ أَلاَ تَراهُ قالَ: لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ يَبْتَغِي بِذَلِكَ وَجْهَ اللَّهِ تَعالى؟ » « ئۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېگەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ » ، دېدى. مەن: « ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ياخشى بىلىدۇ، ئەمما ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇنىڭ مۇناپىقلاردىن باشقا كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە دوستلاشقانلىقىنى كۆرمىدۇق » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « فَإِنَّ اللَّه قَدْ حَرَّمَ على النَّارِ مَنْ قَالَ: لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ يَبْتَغِي بِذَلِكَ وَجْهِ اللَّهِ » « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق›، دېگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا دوزاخنى ھارام قىلدى » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆينىڭ بىرەر جايىنى ناماز ئوقۇيدىغان يەر قىلىشنىڭ پەزلى ۋە شۇ جايدا ناماز ئوقۇشنىڭ باشقا يەرگە قارىغاندا ئەۋزەل ئىكەنلىكى. مۇشۇنداق ناماز ئوقۇيدىغان جايدا بەرىكەتنىڭ كۆپ بولۇشى ئۈچۈن ئەمىلى ياخشى كىشىلەرنىڭ شۇ جايدا ناماز ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە قۇرۇق شۈبھە بىلەن يامان گۇماندا بولۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

418. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر نەچچە ئەسىر ئېلىپ كېلىندى. شۇ ۋاقىتتا ئەسىرلەر ئىچىدىكى بىر ئايال مېڭىپ يۈرۈپ ئەسىرلەر ئارىسىدىن بىر كىچىك بالىنى تاپتى ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئىمىتتى. رەسۇلۇللاھ: « أَتُرَوْنَ هَذِهِ المَرْأَةَ طارِحَةً وَلَدَهَا في النَّارِ؟ » « قاراڭلار، بۇ ئايال ئۆز بالىسىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟»، دېدى. بىز: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايدۇ » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « للَّهُ أَرْحمُ بِعِبادِهِ مِنْ هَذِهِ بِولَدِهَا » « ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە بۇ ئايالنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ ئارتۇق مېھرىباندۇر » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ناھايىتى رەھىمدىل، مېھرىبان ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ياخشىلىقنى خالايدىغانلىقى، بەندىلىرىگە تەۋبە ۋە ئۈمىدنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى.

2) كىشىنىڭ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا قاراپ ئۇنى تەلىم-تەربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھېكمەت ئۆگىنىشى، ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكى.

419. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لما خَلَقَ اللَّهُ الخَلْقَ، كَتَبَ في كِتَابٍ، فَهُوَ عِنْدَهُ فَوْقَ العَرْشِ: إِنَّ رَحْمتي تَغْلِبُ غَضَبِي » « ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتقان چاغدا، ئەرشنىڭ ئۈستىدىكى ئۆز دەرگاھىدىكى كىتابقا: ‹ھەقىقەتەن مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمنى يەڭدى›، دەپ يازغان » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « غَلَبَتْ غَضَبِي » « رەھمىتىم غەزىپىمدىن غالىب كەلدى » ، دەپ يازدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « سَبَقَتْ غَضَبِي » « رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۆتۈپ كەتتى » ، دەپ يازدى، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە رەھمىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلايدىغان ۋە بەندىلىرىگە ياخشىلىقنى خالايدىغان ئىرادىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالا ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالايدىغان ئىرادىسى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ئىكەنلىكى.

2) ھەدىستە دېيىلگەن غالىب كېلىش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا قارىتىلغان.

3) ئاللاھ تائالانىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىنى ۋە كۇففارلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقى، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى. ئىتائەت قىلغۇچىغىمۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىغىمۇ رىزىق بىرىلىدىغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

420. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « جَعَلَ اللَّهُ الرَّحْمَةَ مائَةَ جُزْءٍ، فَأَمْسَكَ عِنْدَهُ تِسْعَةً وتِسْعِينَ، وَأَنْزَلَ في الأَرْضِ جُزْءَا واحِداً، فَمِنْ ذَلِكَ الجُزْءِ يَتَراحمُ الخَلائِقُ حَتَّى تَرْفَعَ الدَّابَّةُ حَافِرَهَا عَنْ ولَدِهَا خَشْيَةَ أَنْ تُصِيبَهُ » « ئاللاھ تائالا رەھىمدىللىقنى 100 ئۈلۈش قىلىپ، ئۆزىنىڭ قېشىدا 99ىنى ئېلىپ قېلىپ، زېمىنغا پەقەت بىر ئۈلۈشىنى چۈشۈرگەن، مەخلۇقاتلارنىڭ ئۆزئارا سىلە-رەھىم قىلىشى، ھەتتا ئاتنىڭ ئۆز بالىسىنى دەسسىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇۋىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشىمۇ ئەنە شۇ بىر ئۈلۈشنىڭ سەۋەبىدىندۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « إِنّّ لِلَّهِ تَعَالى مِائَةَ رَحْمَةٍ أِنْزَلَ مِنْهَا رَحْمَةً وَاحِدَةً بَيْنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالْبَهَائِمِ وَالْهَوَامِّ فََبِهَا يَتَعَاطَفُوْنَ وَبِهَا يَتَرَاحَمُوْنَ وَبِهَا تَعْطِفُ الْوَحْشُ عَلى وَلَدِهَا وَأَخَّرَ اللهُ تَعَالى تِسْعًا وَتِسْعِيْنَ رَحْمَةً يَرْحَمُ بِهَا عِبَادَهَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ » «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ 100 ئۈلۈش رەھمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈش رەھمەتنى جىنلار، ئىنسانلار، ئۇچار قۇشلار ۋە ھاشاراتلار ئارىسىغا چۈشۈردى، ئاشۇ بىر ئۈلۈش رەھمەتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇلار ئۆزئارا مېھرىبانلىق قىلىشىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 99 ئۈلۈش رەھمەتنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىگە رەھىم قىلىدۇ»، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ سەلمان فارىسىدىن قىلغان يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، دېيىلگەن: « إِنَّ للَّهِ تَعَالَى ماِئَةَ رَحْمَةٍ فَمِنْها رَحْمَةٌ يَتَراحَمُ بها الخَلْقُ بَيْنَهُمْ، وَتِسْع وَتِسْعُونَ لِيَوْم القِيامَةِ » « ئاللاھ تائالانىڭ 100 ئۈلۈش رەھمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈش رەھمىتى بىلەن مەخلۇقاتلار ئۆزئارا رەھىم قىلىشىدۇ، قالغان 99 ئۈلۈشى بولسا، قىيامەت كۈنىگە قالدۇرۇلغان » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « إِنَّ اللَّه تعالى خَلَقَ يَومَ خَلَقَ السَّمَواتِ والأَرْضَ مِائَةَ رَحْمَةٍ كُلُّ رَحْمَةٍ طِبَاقُ مَا بَيْنَ السَّمَاءِ إِلى الأَرْضِ، فَجَعَلَ مِنها في الأَرْضِ رَحْمَةً فَبِها تَعْطِفُ الوَالِدَةُ عَلَى وَلَدِهَا وَالْوحْشُ وَالطَّيْرُ بَعْضُها عَلَى بَعْضٍ فَإِذا كانَ يَوْمُ القِيامَةِ، أَكْمَلَها بهِذِهِ الرَّحْمَةِ » « ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈنى ھەر بىرى ئاسمان ۋە زېمىنچە كېلىدىغان 100 رەھمەتنى يارىتىپ، ئۇنىڭدىن بىر رەھمەتنى زېمىندا قالدۇردى. ئاشۇ بىر رەھمەت بىلەن ئانا بالىسىغا، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچار قۇشلارمۇ بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. قىيامەت بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۆز ھۇزۇرىدىكى 99 رەھمەتنى يايىدۇ » ، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالا رەھمەتنى يارىتىپ ئۇنى بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناتقان. بەندىلەرگە چۈشۈرگەن ياخشىلىق بولسا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىدىندۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىلىرى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان رەھمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا مۇئمىنلەر ئۈچۈن چوڭ خۇش خەۋەر ۋە ئۈمىد بارلىقى.

421. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَذنَب عبْدٌ ذَنباً، فقالَ: اللَّهُمَّ اغفِرْ لي ذَنبي، فقال اللَّهُ تَبَارَكَ وَتَعالى: أَذَنَبَ عبدِي ذنباً، فَعلِم أَنَّ لَهُ ربًّا يَغْفِرُ الذَّنْبَ، وَيأْخُذُ بِالذَّنبِ، ثُمَّ عَادَ فَأَذَنَبَ، فقال: أَيْ ربِّ اغفِرْ لي ذنبي، فقال تبارك وتعالى: أَذنبَ عبدِي ذَنباً، فَعَلَمَ أَنَّ لَهُ رَبًّا يَغفِرُ الذَّنبَ، وَيَأخُذُ بِالذنْبِ، ثُمَّ عَادَ فَأَذنَبَ، فقال: أَي رَبِّ اغفِرْ لي ذَنبي، فقال تَبَارَكَ وَتَعَالى: أَذنَبَ عَبدِي ذَنباً، فعَلِمَ أَنَّ لَهُ رَبًّا يَغْفِرُ الذَّنبَ، وَيأْخُذُ بِالذَّنبِ، قدَ غَفَرْتُ لِعبدي.. فَلْيَفعَلْ ما شَاءَ » « بىر بەندە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى›، دەيدۇ، ئاندىن ئۇ بەندە قايتا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى›، دەيدۇ، ئاندىن ئۇ بەندە قايتا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا: ‹مېنىڭ بەندەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالايدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، ھەقىقەتەن مەن بەندەمنى مەغفىرەت قىلدىم، خالىغىنىنى قىلسۇن›، دەيدۇ (يەنى مادامىكى بەندەم ماڭا شۇ يوسۇندا ئېتىقاد قىلىپ، قىلغان ھەربىر گۇناھى ئارقىسىدىن چىن دىلى بىلەن تەۋبە قىلىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەن مەغفىرەت قىلىپ تۇرىمەن) » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بەندىلەر ئەمەللىرىدىن ھېساب ئالىدىغان پەرۋەردىگارىنى تونۇسىلا، ئۇنىڭ خالىسا بەندىسىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغان، خالىسا جازالايدىغان مۇتلەق خاھىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسىلا، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رەھمىتى ۋە پەزلى كەڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقى.

2) بەندىنىڭ چىن كۆڭلى بىلەن قىلغان تەۋبىسىنىڭ ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

3) ئاللا تائالاغا ئىمان ئېيتقۇچى بەندە گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ، گۇناھىدا چىڭ تۇرۇۋالماي، چىن كۆڭلى بىلەن تەۋبە قىلىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ مەغفىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەكلىكى.

422. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « وَالَّذِي نَفْسي بِيَدِهِ لَوْ لَمْ تُذنِبُوا، لَذَهَبَ اللَّهُ بِكُمْ، وَجَاءَ بِقوم يُذْنِبُونَ، فَيَسْتَغْفِرُونَ اللَّه تعالى، فيَغْفرُ لَهُمْ » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان بىر قەۋمنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تەلەپ قىلغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغفىرەت قىلغان بولاتتى » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە مەغفىرىتى، ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى، مۇمئىمىننىڭ ئىستىغفار ئېيتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىنى تەلەپ قىلىشقا ئالدىرىشى لازىملىقى.

423. ئەبۇ ئەييۇب خالىد ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « لَوْلا أَنَّكُمْ تُذنبُونَ، لخَلَقَ اللَّهُ خَلقاً يُذنِبونَ، فَيَسْتَغْفِرُونَ، فَيَغْفِرُ لَهُمْ » « ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئاللاھ تائالا گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاندىن ئۇلار مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ-دە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشى لازىملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەپۇسى ۋە پەزلىنى ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن ئاسىيلىق قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى.

2) بۇ ھەدىسنىڭ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش مەنىسى يوق، بەلكى بۇ ھەدىس ساھابىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندىكى قاتتىق قورقۇنچى ۋە ئۈمىدسىزلىنىشىنى تۈگىتىشنى ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشىنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورققاننىڭ دەستىدىن تاغلارغا چىقىپ كېتىپ، زاھىدلارچە تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ ھەدىس ئارقىلىق ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار قىلىش ۋە دىللىرىغا خاتىرجەملىك بېغىشلاشنى مەقسەت قىلغان.

424. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، « بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئولتۇرغانىدۇق، بىز بىلەن ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر قاتارلىق بىر قانچە كىشىلەر بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقىپ كېتىپ خېلى ۋاقىتقىچە قايتىپ كەلمىدى. بىز رەسۇلۇللاھقا بىرەر ئىش يېتىپ قالمىسۇن، دەپ چۆچۈپ، ئىزدەش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇردۇق. چۆچۈگەن كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى مەن ئىكەنمەن، مەن رەسۇلۇللاھنى ئىزدەپ سىرتقا چىقتىم. ھەتتا ئەنسارىيلارنىڭ بىر تېمىغا باردىم » ، دەپ ئۇزۇن ھەدىسنى بايان قىلغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ ماڭا: « اذْهَبْ فَمَنْ لَقِيتَ وَرَاءَ هَذَا الحَائِطِ يَشْهَدُ أَنْ لا إِلَه إلاَّ اللَّه، مُسْتَيقِناً بهَا قَلَبُهُ فَبَشِّرْهُ بِالجَنَّةِ » « بارغىن، چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىپ ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق›، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىرەر كىشىنى مۇشۇ تامنىڭ كەينىدە ئۇچراتساڭ ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چىن دىلىدىن ئېيتىلغان ئىمان بەندىنى ياكى دەسلىپىدىلا ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ ۋە ياكى دوزاختىن چىققاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ جەننەتكە كىرىشكە نېسىپ قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2) خۇش خەۋەر بىلەن كىشىگە بېشارەت بېرىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى.

425. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى ﴿رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْللْنَ كَثيراً مِنَ النَّاسِ فَمَن تَبِعَني فَإِنَّهُ مِنِّي﴾ پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن ئۇلار (بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. كىمكى ماڭا ئەگەشكەن بولسا، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىبراھىم 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ﴿إِنْ تُعَذِّبْهُم فَإِنَّهُم عِبَادُكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُم فَإِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الحَكِيمُ﴾ ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن)، ئەگەر ئۇلارنى مەغفىرەت قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 118- ئايەت) تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: « اللَّهُمَّ أُمَّتِي أُمَّتِي » « ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم! » ، دەپ يىغلاپ كەتتى. ئاللاھ تائالا: « يا جبريلُ اذْهَبْ إِلى مُحَمَّدٍ وَرَبُّكَ أَعْلَمُ،فسلْهُ مَا يُبكِيهِ؟ » « ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بارغىن، گەرچە پەرۋەردىگارىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سورىغىنكى، ئۇ نېمىشقا يىغلايدۇ؟»، دېدى. ئاندىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ » ، دەپ يىغلىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەردى. ئاللاھ تائالا: « يا جِبريلُ اذهَبْ إِلى مُحَمَّدٍ فَقُلْ: إِنَّا سَنُرضِيكَ في أُمَّتِكَ وَلا نَسُوؤُكَ » « ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ‹بىز ئۈممىتىڭ توغرىسىدا سېنى رازى قىلىمىز ۋە سېنى رەنجىتمەيمىز›، دېگىن » ، دېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋە مەنپەئەتىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىگە رەھىمدىل ئىكەنلىكى.

426. مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا: « يَا مُعَاذُ هَل تَدري مَا حَقُّ اللَّه عَلى عِبَادِهِ، ومَا حَقُّ الْعِبادِ عَلى اللَّه؟ » « ئى مۇئاز، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىدىكى ھەققى نېمە ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈستىدىكى ھەققى نېمە، بىلەمسەن؟ » ، دېدى. مەن: « بۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَإِنَّ حَقَّ اللَّهِ عَلَى العِبَادِ أَن يَعْبُدُوه، وَلا يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئاً، وَحقَّ العِبادِ عَلى اللَّهِ أَنْ لا يُعَذِِّبَ مَنْ لا يُشِركُ بِهِ شَيْئاً » « ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىدىكى ھەققى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالادىكى ھەققى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابلىماسلىقىدۇر » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەرگە بۇنىڭ بىلەن بېشارەت بەرمەيمۇ؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « لا تُبَشِّرْهُم فَيَتَّكِلُوا » « بېشارەت بەرمىگىن، ئۇلار بۇنىڭغا يۆلىنىۋالمىسۇن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى ۋە مەغفىرىتىنىڭ كەڭلىكى.

2) كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەۋزەل ئەمەللەرنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزمەسلىكنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

427. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُسْلِمُ إِذَا سُئِلَ في القَبرِ يَشهَدُ أَن لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّه، وأَنَّ مُحَمَّداً رسولُ اللَّه، فذلك قولهُ تعالى:)يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالقَوْل الثَّابِتِ في الحَياةِ الدُّنيَا وفي الآخِرَةِ( » « مۇسۇلمان بەندە قەبرىدە سوراق قىلىنغان چاغدا ئۇ ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى›، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ مۆئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەرقارار قىلىدۇ » . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىبراھىم 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) »

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتنىڭ قەبرىدە سوئال-سوراق قىلىنىشى ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىسىگە شۇ كىشىنى ئازابتىن قۇتقۇزغۇچى كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىشنى دىلىغا سېلىپ شۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى.

428. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ الكَافِرَ إِذَا عَمِلَ حَسَنَةً، أُطعِمَ بِهَا طُعمَةً مِنَ الدُّنيَا، وَأَمَّا المُؤمِن، فَإِنَّ اللَّه تعـالى يَدَّخِرُ لَهُ حَسَنَاتِهِ في الآخِرَةِ، وَيُعْقِبُهُ رِزْقاً في الدُّنْيَا عَلى طَاعَتِهِ » « ھەقىقەتەن كۇففارلاردىن بولغان ئادەم قىلغان ياخشى ئىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمما، مۇئمىنغا كېلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ تائەت-ئىبادىتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيادىمۇ رىزىق بېرىدۇ » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « إِنَّ اللَّه لا يَظْلِمُ مُؤْمِناً حَسَنَةً يُعْطَى بِهَا في الدُّنْيَا، وَيُجْزَى بِهَا في الآخِرَة، وَأَمَّا الْكَافِرُ، فَيُطْعَمُ بِحَسَنَاتِ مَا عَمِلَ للَّهِ تعالى، في الدُّنْيَا حَتَّى إِذَا أَفْضَى إِلى الآخِرَة، لَمْ يَكُنْ لَهُ حَسَنَةٌ يُجْزَى بِهَا » « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇئمىنغا قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا دۇنيادىمۇ رىزىق بېرىدۇ. ئاخىرەتتىمۇ مۇكاپاتلايدۇ. ئەمما، كۇففارلارغا كەلسەك، ئۇلار قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىلا رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلانغۇدەك ياخشىلىقلىرى قالمايدۇ » ، دېيىلگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كۇففار قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بەدىلىگە بۇ دۇنيادا ياكى مال-مۈلكى كۆپ بولۇش، ۋە ياكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بېشىدىن كۆتۈرۈۋېتىشتەك ئىشلار بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق ساۋاب بېرىلمەيدىغانلىقى. چۈنكى، كۇففارلىق ئۇنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەجرىنى بىكار قىلىۋىتىدىغانلىقى. ئەمما مۇئمىن قىلغان ياخشى ئەمەللىرى سەۋەبلىك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

429. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَثَلُ الصَّلَوَاتِ الخَمْسِ كَمَثَلِ نَهَرٍ جَارٍ غَمْرٍ عَلَى بَابِ أَحَدِكُمْ يَغْتَسِلُ مِنْهُ كُلَّ يَوْمٍ خَمْسَ مَرَّاتٍ » « بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالى سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئېقىپ تۇرغان چوڭقۇر بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەش ۋاخ ناماز كىشىنىڭ مەنىۋى كىرلىرى يەنى كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.

430. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « مَا مِنْ رَجُلٍ مُسلِمٍ يَمُوتُ فَيَقُومُ عَلَى جَنازتِه أَرَبَعُونَ رَجُلاً لا يُشرِكُونَ بِاللَّهِ شَيئاً إِلاَّ شَفَّعَهُمُ اللَّهُ فيه » « ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆلسە، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان 40 ئادەم ھازىر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ مۇسۇلمان ھەققىدىكى شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئمىنلەرگە شاپائەت قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر ئۆلگۈچى شاپائەتكە لايىق كىشىلەردىن بولسا، مۇئمىنلەرنىڭ شۇ كىشى ھەققىدىكى شاپائىتى قوبۇل قىلىنىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەن مىيىتنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن، جىنازا نامىزىغا كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ھازىر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

431. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز بىر چېدىردا 40 تەك ئادەم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئىدۇق. رەسۇلۇللاھ: « أَتَرضَونَ أَنْ تَكُونُوا رُبُعَ أَهْلِ الجَنَّةِ؟ » « سىلەر ئەھلى جەننەتنىڭ تۆتتىن بىرى بولۇشقا رازى بولامسىلەر؟»، دېدى. بىز: « ھەئە، رازى بولىمىز » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « أَتَرضَونَ أَن تَكُونُوا ثُلُثَ أَهْلِ الجَنَّةِ؟ » « سىلەر ئەھلى جەننەتنىڭ ئۈچتىن بىرى بولۇشقا رازى بولامسىلەر؟»، دېدى. بىز: « ھەئە، رازى بولىمىز » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « وَالَّذِي نَفسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ إِنِّي لأَرجُو أَنْ تَكُونُوا نِصفَ أَهْلِ الجَنَّة، وَذَلِك أَنَّ الجَنَّةَ لا يَدخُلُهَا إِلاَّ نَفسٌ مُسلِمَةٌ، وَمَا أَنتُمْ في أَهْلِ الشِّركِ إِلاَّ كََالشَّعرَةِ البَيَضَاءِ في جلدِ الثَّورِ الأَسودِ، أَوْ كَالشَّعَرَةِ السَّودَاءِ في جلدِ الثَّورِ الأَحْمَرِ » « مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ ئەھلى جەننەتنىڭ يېرىمى بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سەۋەبى جەننەتكە پەقەت مۇسۇلمان ئادەم كىرىدۇ. سىلەرنى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان ئەھلى مۇشرىككە سېلىشتۇرغاندا، قارا ئۆكۈزنىڭ تېرىسىدىكى ئاق تۈككە ياكى قىزىل ئۆكۈزنىڭ تېرىسىدىكى قارا تۈككە ئوخشايسىلەر » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالاغا كۆپتىن-كۆپ شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن خۇش خەۋەرنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ يېرىمى يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ئۈچتىن بىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بارلىقى. جەننەتكە پەقەت ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭلا كىرىدىغانلىقى. شېرىك ئەھلىنىڭ سانى مۇئمىنلەردىن كۆپ ئىكەنلىكى.

432. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا كَانَ يَوْمُ الْقِيامَةِ دَفَعَ اللَّهُ إِلى كُلِّ مُسْلِمٍ يَهُوديًّا أو نَصْرَانِيّآً فَيَقُولُ: هَذَا فِكَاكُكَ مِنَ النَّارِ » « قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلمانغا بىر يەھۇدىي ياكى ناسارانى ئېلىپ كېلىپ: ‹مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنىڭنى ئالغان كىشىدۇر›، دەيدۇ » .

يەنە بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: « يَجِيءُ يَوْمَ الْقِيامَةِ نَاسٌ مِنَ المُسْلِمِين بِذُنُوبٍ أَمْثَالِ الجبَالِ يَغفِرُهَا اللَّهُ لهمُ » « قىيامەت كۈنى بىر مۇنچە مۇسۇلمان ئادەملەر تاغدەك گۇناھلارنى يۈكلىۋېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يۇقىرىدىكى « إِذَا كَانَ يَوْمُ الْقِيامَةِ دَفَعَ اللَّهُ إِلى كُلِّ مُسْلِمٍ يَهُوديًّا أو نَصْرَانِيّآً فَيَقُولُ: هَذَا فِكَاكُكَ مِنَ النَّارِ » « قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلمانغا بىر يەھۇدىي ياكى ناسارانى ئېلىپ كېلىپ: ‹مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭنى ئالغان كىشىدۇر›، دەيدۇ »، د ېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە كەلگەن مانا بۇ سۆزنىڭ ئەينەن ئۆزىدۇر: « لِكُلِّ أَحَدٍ مَنزِلٌ في الجَنَّةِ، ومَنزِلٌ في النَّارِ، فالمُؤْمِن إِذَا دَخَلَ الجنَّةَ خَلَفَهُ الكَافِرُ في النَّارِ، لأَنَّهُ مُسْتَحِق لذلكَ بكُفْرِه » « ھەر بىر كىشىنىڭ جەننەتتە بىر ئورنى بولىدۇ. دوزاختا بىر ئورنى بولىدۇ. مۇئمىن ئادەم جەننەتكە كىرسە، ئۇنىڭ دوزاختىكى ئورنىنى كۇففارلاردىن بولغان ئادەم باسىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك شۇنىڭغا تېگىشلىك بولغان ئادەمدۇر » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى، كۇففارلارنى بولسا قىلغان ئەمەللىرى ۋە گۇناھلىرى سەۋەبلىك دوزاخقا تاشلايدىغانلىقى.

433. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « يُدْنَى المُؤْمِنُ يَومَ القِيَامَةِ مِنُ رَبِّهِ حتَّى يَضَعَ كَنَفَهُ عَلَيهِ، فَيُقَرِّرَهُ بِذُنُوبِه، فيقولُ: أَتَعرفُ ذنبَ كَذا؟ أَتَعرفُ ذَنبَ كَذَا؟ فيقول: رَبِّ أَعْرِفُ، قال: فَإِنِّي قَد سَتَرتُهَا عَلَيكَ في الدُّنيَا، وَأَنَا أَغْفِرُهَا لَكَ اليَومَ، فَيُعطَى صَحِيفَةَ حسَنَاته » « قىيامەت كۈنى مۇئمىن ئۆز رەببىگە يېقىن قىلىنىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېيىپ، ئۇنىڭغا گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹سەن مۇنداق-مۇنداق گۇناھلىرىڭنى بىلەمسەن؟›، دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹ئى رەببىم! بىلىمەن›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى دۇنيادا ياپقانىدىم. بۈگۈن بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلىمەن›، دەيدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەللىرى پۈتۈلگەن دەپتىرى بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يېپىپ، ئۇلارغا رەھمەت قىلىدىغان پەزلى-رەھمىتى بايان قىلىنغان.

2) گۇناھنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ بەندىنى ئەپۇغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.

3) ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە مۇئمىننىڭ گۇناھلىرىنى يېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

434. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى بىر ئايالنى سۆيۈۋالغانىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇ ئىشنى ئېيتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿وَأَقِمِ الصَّلاَةَ طَرََفي النَّهَارِ وَزُلَفاً مِنَ الَّليْلِ إِنَّ الحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾ كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ... . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 114- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئۇ كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئايەت مەن ئۈچۈنلا نازىل قىلىنغانمۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « لجَميعِ أُمَّتي كُلهِمْ » « ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نامازنىڭ كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى، خاس سەۋەبلەر يۈزىسىدىن نازىل قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ ئومۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

2) گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھىنى يېپىش ۋە ئۇنى يېيىۋەتمەسلىكنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

435. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىر كىشى كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن تەئزىر ئۇرۇلۇشقا لايىق (ئەمەلىيەتتە شەرىئەتتە ھەد كەلمەيدىغان ئادەتتىكى گۇناھ ئىدى. ― ت) بولۇپ قالدىم، ماڭا تەئزىر ئۇرغىن » ، دېدى. ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى. ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن تەئزىر ئۇرۇشقا لايىق بولۇپ قالدىم. ماڭا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغىن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « هَلْ حَضَرْتَ مَعَنَا الصَّلاَةَ؟ » « سەن بىز بىلەن ناماز ئوقۇدىڭغۇ؟»، دېدى. ئۇ: « ھەئە » ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « قد غُفِرَ لَكَ » « ساڭا مەغفىرەت قىلىندى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

436. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه لَيَرضي عن الْعَبْدِ أَنْ يَأْكُلَ الأَكلَةَ، فَيحْمَدُهُ عليها، أَوْ يَشْربَ الشَّرْبَةَ، فَيَحْمدُهُ عَليها » « شۈبھىسىزكى، يەيدىغاننى يەپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتقان ۋە ئىچىدىغاننى ئىچىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتقان بەندىسىدىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ ھەر قېتىم تاماق يېگەن ۋە ئۇسسۇزلۇق ئىچكەندە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش بولۇپ، ئاللاھنى رازى قىلىدىغانلىقى.

437. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه تعالى، بَبْسُطُ يَدَهُ باللَّيلِ لَيَتُوبَ مُسيِءُ النَّهَارِ، وَيَبْسُطُ يَدهُ بِالنَّهارِ ليَتُوبَ مُسيءُ اللَّيلِ حتى تَطْلُعَ الشمسُ مِنْ مَغْرِبَها » « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە رەھمەت قولىنى يايىدۇ ۋە كېچىسى گۇناھ قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزى رەھمەت قولىنى يايىدۇ، تاكى قۇياش مەغرىبتىن كۆتۈرۈلگۈچىلىك شۇنداق داۋاملىشىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىملىقى، كۈن غەربتىن چىقىشتىن ئىلگىرى قىلغان تەۋبىنى ئاللاھ تائالانىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقى، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان كۈن غەربتىن چىققان چاغدا قىلغان تەۋبىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقى.

438. ئەبۇ نەجىھ ئەمر ئىبن ئەبەسە سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن جاھىلىيەتتىكى چېغىمدا كىشىلەرنى گۇمراھلىقتا بولۇپ، ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. كىشىلەر بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتى. شۇ چاغدا مەن مەككىدە تۈرلۈك خەۋەرلەرنى سۆزلەيدىغان بىر ئادەم مەيدانغا كەپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، ئۇلىغىمغا مىنىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئىسلام دىنىغا يوشۇرۇن دەۋەت قىلىۋاتقانىكەن. قەۋمى ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىكەن. مەن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ: « سەن قانداق ئادەم؟»، دېدىم. ئۇ: « أَنا نَبي » « مەن پەيغەمبەرمەن » ، دېدى. مەن: « پەيغەمبەر دېگەن نېمە؟»، دېدىم. ئۇ: « أَرْسَلِني اللَّه » « ئاللاھ تائالا مېنى ئەۋەتتى » ، دېدى. مەن: « سېنى نېمىگە ئەۋەتتى؟»، دېدىم. ئۇ: « أَرْسَلني بِصِلَةِ الأَرْحامِ، وكسرِ الأَوْثان، وَأَنْ يُوَحَّدَ اللَّه لايُشْرَكُ بِهِ شَيْء » « مېنى سىلە-رەھىم قىلىشقا، بۇتلارنى چېقىپ تاشلاشقا ۋە ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئاللاھ تائالانى بىر دەپ بىلىشكە ئەۋەتتى » ، دېدى. مەن: « بۇ ئىشتا كىملەر ساڭا ئەگەشتى؟»، دېدىم. ئۇ: « حُر وَعَبْدٌ » « ماڭا ئەگەشكەن بىر ھۆر ئادەم ۋە بىر قۇل بار » ، دېدى. ئۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئەبۇ بەكرى ۋە بىلال ئەگەشكەن ئىدىكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن. مەن: « مەن ساڭا ئەگىشەي » ، دېدىم. ئۇ: « إِنَّكَ لَنْ تَستطِيعَ ذلكَ يَوْمَكَ هَذا. أَلا تَرى حَالى وحالَ النَّاسِ؟ وَلَكِنِ ارْجعْ إِلى أَهْلِكَ فَإِذا سمعْتَ بِي قد ظَهَرْتُ فَأْتِني » « سەن بۇ كۈنلەردە بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايسەن، مېنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھازىرچە مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆيۈڭگە قايتىپ تۇرغىن، سەن مېنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىمنى ئاڭلىغىنىڭدا كەلگىن » ، دېدى. مەن ئۆيۈمگە قايتتىم. كېيىن رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەپتۇ. مەن بولسام ئۆز قەۋمىم ئارىسىدا ئىدىم. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلگەن چاغدا مەن كىشىلەردىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردۇم. كېيىن مەدىنىلىكلەردىن بىر قانچىسى كەلدى. مەن ئۇلاردىن: « مەدىنىگە كەلگەن بۇ كىشى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟»، دەپ سورىدىم. ئۇلار: « كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا ئارقىمۇ ئارقا كېلىۋېتىپتۇ، قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلىپتۇ، لېكىن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولالماپتۇ » ، دېيىشتى. مەن مەدىنىگە كېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى تونۇدىڭمۇ؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « نَعم أَنتَ الَّذي لَقيتنَي بمكةَ » « شۇنداق، تونۇدىم، سەن ماڭا مەككىدە مۇلاقات بولغان » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئاللاھ تائالا ساڭا بىلدۈرگەن، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن دەپ بەرسەڭ، ناماز ھەققىدە دەپ بەرسەڭ » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « صَلِّ صَلاَةَ الصُّبحِ، ثُمَّ اقْصُرْ عَنِ الصَّلاةِ حَتَّى تَرتفَعِ الشَّمْسُ قِيدَ رُمْحٍ، فَإِنَّهَا تَطْلُعُ حين تطلع بَيْنَ قَرْنَي شَيْطَانٍ، وَحِينئِذٍ يَسْجُدُ لَهَا الكفَّارُ، ثُمَّ صَل، فَإِنَّ الصَّلاَةَ مشهودة محضورة. حتى يستقِلَّ الظِّلُّ بالرُّمحِ، ثُمَّ اقْصُر عن الصَّلاةِ، فإِنه حينئذٍ تُسجَرُ جَهَنَّمُ، فإِذا أَقبلَ الفَيء فصَلِّ، فإِنَّ الصَّلاةَ مَشهودةٌ محضورة حتى تُصَلِّيَ العصرَ ثم اقْصُر عن الصلاةِ حتى تَغْرُبَ الشمسُ، فإِنها تُغرُبُ بين قَرنيْ شيطانٍ، وحينئذٍ يَسْجُدُ لها الكُفَّارُ » « ناماز بامداتنى ئوقۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگۈچە ناماز ئوقۇمىغىن، كۈن بولسا شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدىن چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۇففارلار كۈنگە باش ئۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ناماز ئوقۇغىنكى، ناماز ۋاقتىدا رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. كۈننىڭ سايىسى قىسقىراپ نەيزە باراۋىرىدە بولغان چاغدا ناماز ئوقۇشنى توختاتقىن. بۇ ۋاقىتتا دوزاخ قىزىتىلىدۇ. سايە چۈشۈپ كۈن قايرىلغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇغىن، ناماز ۋاقتىدا رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. ناماز دىگەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن تاكى كۈن ئولتۇرغۇچىلىك ناماز ئوقۇمىغىن، چۈنكى كۈن شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدا پاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۇففارلار كۈنگە باش ئۇرىدۇ » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا تاھارەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىن » ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: « ما منْكُمْ رجُل يُقَرِّبُ وَضُوءَهُ، فَيَتَمَضْمضُ ويستنْشِقُ فَيَنْتَثِرُ، إِلاَّ خَرَّتْ خطايَا وجههِ وفيهِ وخياشِيمِهِ. ثم إِذا غَسَلَ وجهَهُ كما أَمَرَهُ اللَّه إِلاَّ خرّت خطايا وجهِهِ مِنْ أَطرافِ لحْيَتِهِ مع الماءِ. ثم يغسِل يديهِ إِلى المِرفَقَينِ إِلاَّ خرّت خطايا يديه من أَنامِلِهِ مع الماءِ، ثم يَمْسحُ رَأْسَهُ، إِلاَّ خَرَّتْ خَطَايَا رَأْسِهِ من أَطرافِ شَعْرهِ مع الماءِ، ثم يَغْسِل قَدَمَيهِ إِلى الكَعْبَيْنِ، إلاَّ خَرت خطايا رِجْلَيه من أَنَامِلِهِ مَع الماءِ، فإِن هو قامَ فصلَّى، فحمِدِ اللَّه تعالى، وأَثْنَى عليهِ وَمجَّدَهُ بالذي هو له أَهل،وَفَرَّغَ قلبه للَّه تعالى. إِلا انصَرَفَ من خطيئَتِهِ كَهَيْئَتِهِ يومَ وَلَدَتْهُ أُمُّهُ » « سىلەردىن كىمكى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بىلەن ئاغزىنى، بۇرنىنى چايقىسا، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى ۋە بۇرنىدىكى خاتالىقلار يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يۈزىنى يۇسا، يۈزىنىڭ خاتالىقلىرى سۇ بىلەن ساقاللىرىنىڭ ئارىسىدىن يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئاندىن قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇسا، ئۇنىڭ قولىنىڭ خاتالىقلىرى سۇ بىلەن بارماقلىرى ئارىسىدىن يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇ بېشىغا مەسىھ قىلسا، ئۇنىڭ بېشىنىڭ خاتالىقلىرى چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇسا ئۇنىڭ پۇتىنىڭ خاتالىقلىرى پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتسا، ئاللاھ تائالانى لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىسا ۋە قەلبىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرسا، ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، ئانىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك پاك بولىدۇ » ، دېدى. كېيىن ئەمر ئىبن ئەبەسە بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەبۇ ئۇمامەگە سۆزلەپ بەرگەندە، ئەبۇ ئۇمامە: « ئى ئەمر ئىبن ئەبەسە! نېمە دەيدىغانسەن، پەقەت تاھارەت ئالغان كىشىگە شۇنچىۋالا ساۋاب بېرىلەمدۇ؟»، دېۋىدى، ئەمر: « ئى ئەبۇ ئۇمامە، مەن ياشىنىپ قالدىم، ئەجىلىممۇ يېقىنلاپ قالدى، مۇشۇ ھالىتىمدە ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا يالغاننى چاپلاشقا نېمە ھەددىم بولسۇن، مەن بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن بىر-ئىككى-ئۈچ... نۆۋەت دەپ، يەتتە قېتىمىغىچە ساناپ، كۆپ قېتىم ئاڭلىمىغان بولسام، بۇ ھەدىسنى ھەرگىزمۇ سۆزلەپ بەرمىگەن بولاتتىم، لېكىن بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم ئاڭلىغانمەن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلمانلار ئاجىز ھالەتتە تۇرغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبى نەجىھكە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇشىنىڭ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشقا بولغان ئۈمىدۋارلىقى.

3) تاھارەت، نامازغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنىڭ بەندىنىڭ ئۆتكۈزگەن كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيۇۋىتىدىغانلىقى.

4) نامازنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە تەۋەززۇ بىلەن ئوقۇش لازىملىقى، پەرىشتىلەرنىڭ نامازغا ھازىر بولۇپ گۇۋاھچى بولىدىغانلىقى.

5) ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان ۋاقىتلارنى بايان قىلغان.

439. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا أَرادَ اللَّه تعالى، رحمةَ أُمَّةٍ، قَبضَ نبيَّهَا قَبلَها، فجعلَهُ لها فَرَطاً وسلَفاً بين يَدَيها، وإذا أرادُ هَلَكةَ أُمَّةٍ، عذَّبها ونبيُّهَا حَيُّ، فَأَهْلَكَهَا وهوَ حَيُّ ينظُرُ، فَأَقَرَّ عينَهُ بِهلاكها حين كذَّبوهُ وعصَوا أَمْرَهُ » « ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، پەيغەمبىرىنى ئۆز ئۈممىتىگە نازۇ نېئمەت ۋە ئۇسسۇلۇق تەييارلاش ھازىرلىقلىرى ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۈممەتنى ھالاك قىلماقچى بولسا، پەيغەمبەرلەر ھايات تۇرۇقلۇق ئۇلارنى ئازابلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان چاغدا، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ پەيغەمبەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىس قەۋمىنى ياخشىلىققا، ھىدايەتكە دەۋەت قىلسا، قەۋمى يالغانغا چىقارغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن تەسەللىي ھېسابلىنىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ