رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

48. باب ياخشى ئادەملەرنى، ئاجىز مىسكىنلەرنى رەنجىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 58- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ﴾ ﴿وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ﴾ يېتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇھا 9-، 10- ئايەتلەر)

بۇ توغرىسىدا ھەدىسلەر كۆپ، ئۇلاردىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئالدىنقى بابتىكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى مېنىڭ ياخشى بەندەمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئاچقانلىقىمنى ئۇقتۇرىمەن » .

سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىزلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش دېگەن بابتا كەلگەن 261- ھەدىستىكى رەسۇلۇللاھنىڭ: « يا أَبا بَكْر لَعلَّكَ أَغْضَبتَهُم؟ لَئِنْ كُنْتَ أَغْضَبْتَهُمْ لَقَدْ أَغْضَبتَ رَبَّكَ؟ » « ئى ئەبۇ بەكرى! ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويغان بولۇشىڭ مۇمكىن، سەن ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساڭ ئاللاھ تائالا ساڭا غەزەپلىنىدۇ »، د ېگەن سۆزىمۇ بۇ ماۋزۇدا بايان قىلىنىدىغان ھەدىسلەر جۈملىسىدىندۇر.

389. جۇندۇب ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صَلَّى صَلاَةَ الصُّبْحِ، فَهُوَ في ذِمَّةِ اللَّه، فَلا يَطْلُبَنَّكُمْ اللَّهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيءٍ، فَإِنَّهُ مَنْ يَطْلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيءٍ، يُدْرِكْهُ، ثُمَّ يَكُبُّهُ عَلى وَجْهِهِ في نَارِ جَهَنَّمَ » « كىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز كېپىللىكىدىكى بىرەر نەرسە توغرۇلۇق سىلەردىن ھېساب ئالماقچى بولۇپ قالمىسۇن. ئاللاھ تائالا ئۆز كېپىللىكىدىكى نەرسە توغرۇلۇق ھېساب ئالىدىكەن، تۇتماي قويمايدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىنى يەرگە قىلىپ دوزاخقا تاشلايدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىمكى جامائەت بىلەن بىللە بامدات نامىزىنى ئوقۇيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كېپىللىكى ۋە قوغدىشىدا بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ كېپىللىكىدىكى كىشىگە ئازار بەرمەسلىك كېرەكلىكى، ئەگەر كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە غەزەپلىنىپ، جازالايدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولماي، يۈزى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى، جامائەت بىلەن بىللە بامدات نامىزى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ