رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

47. باب ئاللاھ تائالانىڭ بەنــدىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامەتـلىرى ۋە بۇ ئالامەتـــلەرنى كىـــشى ئۆزىــگە سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى قولـــغا كەلـتۈرۈش ئۈچۈن تىرىـشـــچانــلىق كۆرســىتىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾ ( ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَلاَ يَخَافُونَ لَوْمَةَ لآئِمٍ ذَلِكَ فَضْلُ اللّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاء وَاللّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ﴾ ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كۇففارلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ (پەزلى) كەڭدۇر، ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 54- ئايەت)

386. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه تعالى قال: مَنْ عادَى ليَ ولِيّاً، فقدْ آذَنْتُهُ بِالحَرْبِ، ومَا تَقَرَّبَ إِليَّ عَبْدِي بِشَيءٍ أَحَبَّ إِلَيَّ مِمَّا افْتَرَضْتُ عَلَيْهِ، وَمَا يَزَالُ عَبْدِي يَتَقَرَّبُ إِلَيَّ بِالنَّوَافِلِ حَتَّى أُحِبَّهُ، فَإذَا أَحْببْتُهُ، كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِي يَسْمَعُ بِهِ، وَبَصَرَهُ الَّذِي يُبْصِرُ بِهِ، ويَدَهُ الَّتي يبْطِشُ بِهَا، وَرجْلَهُ الَّتي يَمْشِي بِها وإنْ سَأَلَني أَعْطَيْتُهُ، وَلَئِنْ اسْتَعَاذَنِي لأُعِيذَنَّهُ » « ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹كىمكى مېنىڭ ياخشى بەندەمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ئۇنىڭغا مەن ئۇرۇش ئاچقانلىقىمنى ئۇقتۇرىمەن. مەن بەندەمنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلىپ بېكىتكەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن، بەندەم نەفلى ئىبادەتلەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىۋەرسە، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چاغدا، ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ قالىمەن. ئەگەر ئۇ سورىسا سورىغىنىنى چوقۇم بېرىمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭدىن پاناھ تىلىسە، ئۇنىڭغا چوقۇم پاناھ بولىمەن› » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن كىشىگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى.

2) بەندىنىڭ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى، نەفلى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىدىغانلىقى.

3) پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش نەفلى ئەمەللەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى، چۈنكى پەرز ئەمەللەر ئاللاھ تائالانىڭ قەتئىي ئەمرى بولۇپ، ئەمەل قىلغۇچىغا ساۋاب-ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى، تەرك ئەتكۈچىگە گۇناھ يېزىلىدىغانلىقى، ئەمما نەپلى ئەمەللەرنى قىلغۇچىغا ساۋاب بېرىلىپ، تەرك ئەتكەن كىشىگە گۇناھ يېزىلمايدىغانلىقى.

4) ھەدىستە ئېيتىلغان « كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِي يَسْمَعُ بِهِ » «مەن ئۇ بەندىنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى...»، دېگەن سۈپەتلەرنى مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىن. بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىنىڭ قۇلىقىنى ۋە كۆز، قول، پۇتتەك ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىدىغانلىقى، ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلايدىغانلىقى. يەنە بىرى بۇ سۈپەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى. بۇنى ھەرگىزمۇ ھۇلۇل ۋە ئاھاد ئېقىمىدىكىلەر ئېيتقاندەك: «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندە بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشى ياكى ئەزالىرىغا كىرىشى»، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق ئىنسانچە ئوخشىتىشتىن پاكتۇر، ئۇلۇغدۇر.

5) ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن بەندىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغان تەقدىردىمۇ ھامان دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى.

387. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا أَحَبَّ اللَّهُ تعالى العَبْدَ، نَادَى جِبْريل: إِنَّ اللَّه تعالى يُحِبُّ فُلاناً، فَأَحْبِبْهُ، فَيُحبُّهُ جِبْريلَ، فَيُنَادى في أَهْلِ السَّمَاء: إِنَّ اللَّه يُحِبُّ فُلاناً، فَأَحِبوهُ، فَيُحِبُّهُ أَهْلُ السَّمَاءِ، ثُمَّ يُوْضَعُ له القَبُولُ في الأَرْضِ » « ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا: ‹ئاللاھ تائالا پالانى كىشىنى دوست تۇتىدۇ. سەنمۇ ئۇنى دوست تۇتقىن›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى دوست تۇتىدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماندىكىلەرنى توۋلاپ: ‹ئاللاھ تائالا پالانى ئادەمنى دوست تۇتىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنى دوست تۇتۇڭلار›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنى دوست تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زېمىندىكىلەر دوست تۇتىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: « إِنَّ اللَّه تعالى إِذا أَحبَّ عبْداً دَعا جِبْريلَ، فقال: إِنِّي أُحِبُّ فُلاناً فَأَحْبِبْهُ، فَيُحِبُّهُ جِبْريلُ، ثُمَّ يُنَادِي في السَّماءِ، فَيَقُولُ: إِنَّ اللَّه يُحِبُّ فُلاناً، فَأَحِبُّوهُ فَيُحبُّهُ أَهْلُ السَّمَاءِ ثُمَّ يُوضَعُ له القَبُولُ في الأَرْضِ، وإِذا أَبْغَضَ عَبداً دَعا جِبْريلَ، فَيَقولُ: إِنِّي أُبْغِضُ فُلاناً، فَأَبْغِضْهُ، فَيُبْغِضُهُ جِبْريلُ، ثُمَّ يُنَادِي في أَهْلِ السَّماءِ: إِنَّ اللَّه يُبْغِضُ فُلاناً، فَأَبْغِضُوهُ، فَيُبْغِضُهُ أَهْلُ السَّماءِ ثُمَّ تُوضَعُ له البَغْضَاءُ في الأَرْضِ » « ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىئىلنى چاقىرىپ: ‹مەن پالانى كىشىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن›، دەيدۇ. جىبرىئىل ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن ئاسماندا نىدا قىلىپ: ‹ئاللاھ تائالا پالانى كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پەرىشتىلەرمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەمنى زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەقبۇل كۆرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى يامان كۆرسە جىبرىئىلنى چاقىرىپ: ‹مەن پالانى كىشىنى يامان كۆرىمەن، ئۇنى يامان كۆرگىن›، دەيدۇ. ئۇنى جىبرىئىلمۇ يامان كۆرىدۇ ۋە پەرىشتىلەرگە نىدا قىلىپ: ‹پالانى كىشىنى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدۇ، ئۇنى يامان كۆرۈڭلار›، دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەرمۇ ئۇنى يامان كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كىشىلەر تەرىپىدىن يامان كۆرۈلىدۇ » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈش ياكى يامان كۆرۈشىدىكى ئۆلچەمدە ياخشىلارنى ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى، پاسىقلارنىڭ سالىھ كىشىنى يامان كۆرۈشىنىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش پاسىقلارنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئۇلارنىڭ ناچار تەبىئەتلىك بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكى. مۇئمىننىڭ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ نۇرى بىلەن قارايدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا كىمنى ياخشى كۆرسە شۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

388. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. ئۇ كىشى ئىمام بولۇپ نامىزىدا ئوقۇغان ئايەتلىرىگە « قُلْ هُوَ اللَّهُ اَحَدٌ... » نى قوشۇپ ئوقۇدى، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « سَلُوهُ لأِيِّ شَيءٍ يَصْنَعُ ذلكَ؟ » « سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار » ، دېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن سورىۋىدى، ئۇ: « ‹ قُلْ هُوَ اللَّهُ اَحَدٌ... › بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، مەن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « أَخْبِرُوهُ أَنَّ اللَّه تعالى يُحبُّهُ » « ئۇ كىشىگە ئېيتىپ قويۇڭلاركى، ئۇنى ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نامازدىكى بىر رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن باشقا ئىككى سۈرىنى بىللە ئوقۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئۆزلىرى يولۇققان ھەر بىر مەسىلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ ھۆكمىنى بىلىشكە ئالدىرايدىغانلىقى.

3) سۈرە ئىخلاسقا ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان سۈپەتلەرنىڭ جەملەنگەنلىكى، ئۇنىڭدا تەۋھىد، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھەممە ئىشىدا ئىلتىجا قىلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، بالا تاپقانمۇ ئەمەسلىك سۈپەتلىرى بايان قىلىنغانلىقى.

4) بەندىنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇنىڭ مەقسىتىگە يارىشا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، بەندە ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشماقچى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

5) نامازدا ئوخشاش بىر سۈرىنى تەكرارلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، چۈنكى ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ساھابە ھەر بىر قىرائەتتىن كېيىن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ