88. باب كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش چىراي بولۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ﴾ مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھىجىر 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لاَنفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ﴾ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
693. ئەدىي ئىبن ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اتَّقُوا النَّارَ وَلَوْ بِشِقِّ تَمْرَةٍ فَمَنْ لَمْ يجدْ فَبِكَلِمَةٍ طَيِّبَةٍ » « سىلەر يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاز بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئەگەر يېنىدا بەرگۈدەك نەرسىسى بولمىسا، سائىلنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ياخشى ۋەدىلەرنى بېرىپ قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
694. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « والكلِمةُ الطَّيِّبَةُ صدَقَةٌ » « ياخشى سۆزنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەدىقە » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋە باشقىلارغا ياخشى سىلىق گەپ قىلىش سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.
2) سەدىقىنىڭ بارچە ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى. گەرچە سەدىقە كۆپىنچە ھاللاردا پۇل-مالغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈلۈمسىرەش، سىلىق گەپ قىلىشقا ئوخشاش باشقا ئىشلارنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.
695. ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تحْقِرَنَّ مِنَ المعْرُوفِ شَيْئاً، وَلَوْ أَنْ تَلْقَى أخَاكَ بِوَجْهٍ طَلِيقٍ » « ھەرقانداق بىر ياخشى ئىشنى كىچىك سانىمىغىن، ھەتتاكى قېرىندىشىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي مۇلاقات بولۇشۇڭمۇ ياخشى ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىنلەر ئارا بىر-بىرىدىن دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئىزدەش، خۇش چىراي بولۇش، كۈلۈمسىرەش قەلبتىكى دوستلۇق-مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.