87. باب ئادەتلەنگەن ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الله لاَ يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنْفُسِهِمْ﴾ ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە تۇزكۇرلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېئمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ) . («قۇرئان كەرىم» سۈرە رەئد 11- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَكُونُواْ كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِن بَعْدِ قُوَّةٍ أَنكَاثًا﴾ سىلەر پىششىق ئېگىرىگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار . («سۈرە قۇرئان» سۈرە نەھل 92- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ﴾ ئۇلار (مۇئمىنلەر)، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەدىد 16- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا﴾ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەدىد 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
692. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يا عبْدَ اللَّه، لا تَكُنْ مِثل فُلانٍ، كَانَ يقُوم اللَّيْلَ فَترَك قيَامَ اللَّيْل » « ئابدۇللاھ، سەن پالانىغا ئوخشاش كېچىسى ناماز ئوقۇيدىغان، كېيىن ئۇنى تاشلاپ قويىدىغان كىشىلەردەك بولما » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەمەللەرنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى.
2) ئادەتلەنگەن ياخشى ئەمەل-ئىبادەتنى تەرك ئەتكەنلىك شۇ كىشىنىڭ تائەت-ئىبادەتكە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە قەلبىنىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.