42. باب ئاتا-ئانىسىــنىڭ دوستــلىرىغا، ئۇرۇق-تۇغقانــلىرىغا، يېقىنلىرىغا، ئايالىغا ۋە بارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرگە ياخـــشىــلىق قىــلــىش توغــرىــسىدا
341. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِن أَبرَّ البرِّ أَنْ يصِلَ الرَّجُلُ وُدَّ أَبِيهِ » « كىشىنىڭ دادىسىنىڭ دوستلىرىغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ چوڭ ياخشىلىقتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرۈشى دادىسىغا ياخشىلىق قىلىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.
342. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇنىڭغا بىر ئەئرابى مەككىنىڭ يولىدا ئۇچراشتى. ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر سالام قىلدى ۋە ئۆزى مىنگەن ئېشەككە مىندۈرۈۋالدى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئىبن دىنار مۇنداق دېدى: « بىز ئابدۇللاھقا: ‹ئاللاھ تائالا ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئۇلار بولسا ئەئرابى، ھەقىقەتەن ئەئرابىلارغا ئازراق نەرسە بەرسەڭلا رازى بولاتتى›، دېدۇق. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر: ‹بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۇمەر ئىبن خەتتابنىڭ دوستى ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « إِنَّ أَبرَّ البِرِّ صِلةُ الرَّجُلِ أَهْلَ وُدِّ أَبِيهِ » « بىر كىشىنىڭ دادىسىنىڭ دوستىغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ كاتتا ياخشىلىقتۇر » ، دېدى.
ئىبن دىنارنىڭ ئىبن ئۇمەر توغرۇلۇق قىلغان يەنە بىر رىۋايىتىدە: ئىبن ئۇمەر مەككىگە چىققاندا تۆگە مىنىشتىن زېرىكىپ قالسا، مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكى ۋە بېشىغا ئورىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئېشەكلىك كېتىۋاتقاندا، بىر ئەئرابى ئۇچرىشىپ قالدى. ئىبن ئۇمەر: « سەن پالانىنىڭ بالىسى پالانى ئەمەسمۇ؟»، دېدى. ئەئرابى: « شۇنداق » ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبن ئۇمەر ئېشەكنى مىنگىن ۋە سەللىنى بېشىڭغا ئورىغىن، دەپ ئۇلارنى ئۇنىڭغا بەردى. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: « ئاللاھ تائالا ساڭا مەغفىرەت قىلسۇن، سەن بۇ ئەئرابىغا ئۆزۈڭ مىنىپ ئارام ئالىدىغان ئېشىكىڭنى، بېشىڭغا ئورايدىغان سەللەڭنى بېرىۋەتتىڭغۇ؟»، دېگەندە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « إِنْ مِنْ أَبَرِّ البِرِّ أَنْ يَصِلَ الرَّجُلُ أَهْلَ وُدِّ أَبِيهِ بَعْد أَنْ يُولِّىَ » « بىر كىشىنىڭ ئاتىسىدىن كېيىنمۇ ئاتىسىنىڭ دوستلىرىغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ چوڭ ياخشىلىقتۇر » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى، دېدى، دېيىلگەن.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
343. مالىك ئىبن رەبىئە سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق. بەنى سەلەمەدىن بىر كىشى كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ساۋابى ئۇلارغا يېتىپ تۇرىدىغان، مەن قىلىدىغان ياخشىلىقلاردىن بىرەرسى بارمۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « نَعَمْ، الصَّلاَة علَيْهِمَا، والاسْتِغْفَارُ لَهُما، وإِنْفاذُ عَهْدِهِما، وصِلةُ الرَّحِمِ التي لا تُوصَلُ إِلاَّ بِهِمَا، وإِكَرَامُ صَدِيقهما » « شۇنداق، ئۇلارغا دۇئا قىلغايسەن، ئۇلارغا مەغفىرەت تىلىگەيسەن، ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىغايسەن، ئۇلار ئارقىلىق قىلىنىدىغان سىلە-رەھىمنى قىلىپ تۇرغايسەن ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەتلىگەيسەن » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتلىقىدا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش كېرەكلىكى، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياخشىلىق قىلىش بولسا، ئۇلارغا دۇئا قىلىش، ئۇلارغا ئىستىغفار ئېيتىش بىلەن بولىدىغانلىقى.
2) ئاتا-ئانىغا رىئايە قىلىش بولسا، ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش، تۇغقانلىرىغا سىلە-رەھىم قىلىش، دوست-بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەتلەش بىلەن بولىدىغانلىقى.
3) ئاتا-ئانا ۋاپات بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئاسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىپ تۇرىدىغانلىقى.
344. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچبىرىگە خەدىچىگە كۈندەشلىك قىلغاندەك كۈندەشلىك قىلىپ باقمىغانىدىم. مەن خەدىچىنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گېپىنى كۆپ قىلاتتى ۋە قوي سويغان چاغلىرىدا قوينى بىر نەچچىگە بۆلۈپ، ئاندىن ئۇنى خەدىچىنىڭ دوستلىرىغا ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن كۆپ قېتىم رەسۇلۇللاھقا: ‹دۇنيادا گويا خەدىچىدىن باشقىسى يوقتەك›، دېسەم، رەسۇلۇللاھ خەدىچىنى ماختاپ: « إِنَّها كَانتْ وكَانَتْ وكَانَ لي مِنْهَا ولَدٌ » « خەدىچە مۇنداق-مۇنداق ئايال ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن بالىلىقمۇ بولغان » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر رەسۇلۇللاھ قوي سويۇپ قالسا، خەدىچىنىڭ دوستلىرىغا يېتەرلىك ھەدىيە قىلاتتى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر رەسۇلۇللاھ قوي سويۇپ قالسا: « أَرْسِلُوا بِهَا إِلى أَصْدِقَاءِ خَدِيجةَ » « بۇنى خەدىچىنىڭ دوستلىرىغا ئاپىرىپ بېرىڭلار » ، دەيتتى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: خەدىچىنىڭ سىڭلىسى خۇۋەيلىدنىڭ قىزى بولغان ھالە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىدى. (ئاۋازنىڭ ئوخشاشلىقىدىن) رەسۇلۇللاھ ئۇنى خەدىچىنىڭ ئاۋازى دەپ بىلىپ خۇش بولۇپ كەتتى. ئاندىن: « اللَّهُمَّ هَالَةُ بِنْتُ خوَيْلِدٍ » « خۇدا ھەققى، ئۇ خۇۋەيلىدنىڭ قىزى ھالەكەنغۇ؟»، دېدى.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوللىغان، ياردەم بەرگەن پەزلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئۇنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقى.
345. ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ بەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە سەپەرگە چىقتىم. ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلدى. (ياشتا ئۇ مېنىڭدىن چوڭ ئىدى). مەن ئۇنىڭغا: « ئۇنداق قىلمىغىن » ، دېدىم. ئۇ: « مەن ھەقىقەتەن ئەنسارىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن ئەنسارىيلارنىڭ بىرەرسىگە ھەمراھ بولۇپ قالسام، چوقۇم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن، دەپ قەسەم قىلغان » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ بەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزلى، كەمتەرلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتى بايان قىلىنغان.