43. باب رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا﴾ ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 33- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ﴾ كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
346. يەزىد ئىبن ھەييان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ۋە ھۇسەين ئىبن سەبرە ۋە ئەمر ئىبن مۇسلىم بىلەن بىرلىكتە زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭكىگە باردۇق (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن)، بىز ئۇنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھۇسەين: « ئى زەيد! رەسۇلۇللاھنى كۆردۈڭ، ھەدىسلىرىنىمۇ ئاڭلىدىڭ، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇرۇشتا بىللە بولدۇڭ، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇڭ، ھەقىقەتەن سەن كۆپ ياخشىلىقلارنى بېشىڭدىن كەچۈردىڭ، سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانلىرىڭنى سۆزلەپ بەرگىن » ، دېدى. ئۇ: « ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن مەن ياشىنىپ قالدىم، ئۇ ئىشلارغا ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتتى. مەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان نەرسىلىرىمنىڭ بەزىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم، سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، سۆزلەپ بەرمىگەنلىرىمگە مېنى تەكلىپ قىلماڭلار » ، دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: « رەسۇلۇللاھ مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى خۇمما دەپ ئاتىلىدىغان سۇ بويىدا سۆز قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتتى ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلدى. « أَمَّا بعْدُ: أَلا أَيُّهَا النَّاسُ، فَإِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ يُوشِكُ أَنْ يَأْتِيَ رسولُ ربي فَأُجيبَ، وأَنَا تَارِكٌ فِيكُمْ ثَقَلَيْنِ: أَوَّلهُما كِتابُ اللَّهِ، فِيهِ الهُدى وَالنُّورُ، فَخُذُوا بِكِتابِ اللَّه، وَاسْتَمْسِكُوا به » « مەقسەتكە كەلسەك: ئى خالايىق! ئاگاھ بولۇڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ بىر ئىنسان، پات يېقىندا رەببىم ئەۋەتكەن ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلسە، ئۇنىڭغا جان تەسلىم قىلىمەن، مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قويۇپ كېتىمەن، ئۇلارنىڭ بىرسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر، ئۇ ھىدايەت ۋە نۇردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىڭلار! » ، دېدى ۋە بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا قىزىقتۇردى، رىغبەتلەندۈردى. ئاندىن: « وأَهْلُ بَيْتِي، أُذكِّركم اللَّه في أهلِ بيْتي، أذكِّرُكم اللَّه في أهل بيتي » « مەن سىلەرگە ئائىلە-تاۋاباتىم ھەققىدە ئاللاھ تائالانى يادىڭلارغا سالىمەن » ، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا ھۇسەين: « ئى زەيد! رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى كىم؟ رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ئۇنىڭ ئاياللىرى ئەمەسمۇ؟»، دېدى. زەيد: « رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا كىرىدۇ، لېكىن، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى سەدىقە ھارام قىلىنغان كىشىلەردۇر » ، دېدى. ھۇسەين: « ئۇلار كىم؟»، دېدى. زەيد: « ئۇلار ئەلىنىڭ ئائىلىسى، ئەقىيلنىڭ ئائىلسى، جەئفەرنىڭ ئائىلىسى ۋە ئابباسنىڭ ئائىلىسى » ، دېدى. ھۇسەين: « ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەدىقە ھاراممۇ؟»، دېدى. زەيد: « شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەدىقە ھارام » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « أَلا وَإِنِّي تَارِكٌ فِيكُمْ ثَقْلَيْن: أَحدُهَما كِتَابُ اللَّه وَهُو حبْلُ اللَّه، منِ اتَّبَعه كَانَ عَلَى الهُدى، ومَنْ تَرَكَهُ كانَ على ضَلالَةٍ » « ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرگە ئىككى كاتتا نەرسىنى قويۇپ كېتىمەن، ئۇنىڭ بىرسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئارغامچىسىدۇر، كىمكى ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلسا ئۇ توغرا يولدا بولغان بولىدۇ، كىمكى ئۇنى تاشلاپ قويسا، ئۇ ئازغۇنلۇقتا بولغان بولىدۇ » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يېشى چوڭىيىپ قېرىپ كەتكەندە كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلىشىپ كېتىپ ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى ئىنسان ئىكەنلىكى.
3) ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇيرۇلغاننى قىلىش، چەكلەنگەننى تەرك ئېتىش لازىملىقى.
4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەيتىگە ياخشىلىق قىلىش ھەققىدىكى ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى.
347. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: « ارْقُبُوا مُحَمَّداً صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم في أَهْلِ بيْتِهِ » « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ھۆرمەتلەش بىلەن ھۆرمەتلەڭلار » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى.