98. باب ھېيت نامىزىغا، كېسەل يوقلاشقا، ھەجگە، جەڭگە، جىنازا نامىزىغا بارغاندا ساۋابنىڭ كۆپ بولۇشى ئۈچۈن، بارغاندا بىر يول بىلەن، كەلگەندە باشقا بىر يول بىلەن مېڭىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
719. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا بارغاندا بېرىش ۋاقتىدا بىر يول بىلەن، قايتىش ۋاقتىدا باشقا بىر يول بىلەن ماڭاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن ھېيت نامىزىغا بىر يول بىلەن بېرىپ باشقا بىر يول بىلەن قايتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالا: رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە ، دېگەن.
2) ئىمام نەۋەۋى يول ئۆزگەرتىشتىكى ھېكمەت «ئىبادەتنى كۆپەيتىش ئۈچۈن»، دېدى. باشقا ئالىملار ئۇنىڭدىكى ھېكمەت: «قىيامەت كۈنى ئىككىلا يولنىڭ ئۇ كىشىگە گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن ياكى ئىككىلا يولنى ئاللاھ تائالانى ئەسلەشتىن خالىي قىلماسلىق ئۈچۈن، ياكى شۇ يولدىكى پىقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە بېرىش ئۈچۈن، ياكى مۇناپىقلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ياكى ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەش ئۈچۈن، ياكى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياخشى پال ئېلىش ئۈچۈن ۋە ياكى رەھمەتكە ئۇچراش ئۈچۈن»، دېيىشتى.
720. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىدىن چىققاندا، شەجەرە دېگەن يولدىن چىقىپ، مۇئەررەس دېگەن يولدىن كىرەتتى، مەككىگە كىرگەندە يۇقىرى يولدىن كىرىپ، چىققاندا تۆۋەن يولدىن چىقاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەجگە بارغاندا ياكى غازاتقا چىققاندا بىر يول بىلەن بېرىپ باشقا بىر يول بىلەن قايتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، كىرگۈچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا كىرىشنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى ئورۇندىن كىرىش خاس قىلىندى، چىققاندا بولسا ئەكسىچە.