97. باب ئىستىخارە قىلىش ۋە مەسلىھەت توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَشَاوِرْهُمْ فِي الأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللّهِ﴾ ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن، بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەتنىڭ بىر قسىمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَمَا أُوتِيتُم مِّن شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَا عِندَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَى لِلَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ(وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَ﴾ ﴿وَالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَى بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ﴾ ﴿وَالَّذِينَ إِذَا أَصَابَهُمُ الْبَغْيُ هُمْ يَنتَصِرُون﴾ سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرىلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇرا -36 ~ 39 ئايەتلەر)
718. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى بىزگە خۇددى « قۇرئان كەرىم » سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: « إِذا هَمَّ أَحَدُكُمْ بالأمر، فَليَركعْ رَكعتَيْنِ مِنْ غَيْرِ الفرِيضَةِ ثم ليقُلْ: اللَّهُم إِني أَسْتَخِيرُكَ بعِلْمِكَ، وأستقدِرُكَ بقُدْرِتك، وأَسْأَلُكَ مِنْ فضْلِكَ العَظِيم، فإِنَّكَ تَقْدِرُ ولا أَقْدِرُ، وتعْلَمُ ولا أَعْلَمُ، وَأَنتَ علاَّمُ الغُيُوبِ. اللَّهُمَّ إِنْ كنْتَ تعْلَمُ أَنَّ هذا الأمرَ خَيْرٌ لي في دِيني وَمَعَاشي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي » أَوْ قالَ: « عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِله، فاقْدُرْهُ لي وَيَسِّرْهُ لي، ثمَّ بَارِكْ لي فِيهِ، وَإِن كُنْتَ تعْلمُ أَنَّ هذَا الأَمْرَ شرٌّ لي في دِيني وَمَعاشي وَعَاقبةِ أَمَرِي » أَو قال: « عَاجِل أَمري وآجِلهِ، فاصْرِفهُ عَني، وَاصْرفني عَنهُ، وَاقدُرْ لي الخَيْرَ حَيْثُ كانَ، ثُمَّ رَضِّني بِهِ » « سىلەردىن بىركىم بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا، پەرزدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: ‹ئى ئاللاھ ماڭا بۇ ئىشتا قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىڭ بىلەن تىلەيمەن. شۇنى قىلىشقا ماڭا قۇدرىتىڭ بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشىڭنى تىلەيمەن. سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. چۈنكى، ھەممىگە سەن قادىرسەن. مەن قادىر ئەمەسمەن. ھەممىنى سەن بىلىسەن. مەن بىلمەيمەن. ھەممە غەيب ساڭا ناھايىتى ئايدىڭ. ئى ئاللاھ، ئەگەر سەن بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى، ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇ ئىشنى ماڭا مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن. ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئاندىن شۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن ۋە مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن. ياخشىلىق قەيەردە بولسۇن، ئۇنى ماڭا مۇيەسسەر قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن مېنى مەمنۇن قىلغىن›». ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشنىڭ ۋە نامازدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىستىخارە دۇئاسىنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) مۇسۇلمان كىشى مۇباھ ئىشلاردا (يەنى، قىلسا شەرىئەتتە گۇناھمۇ بولمايدىغان، ساۋابمۇ بولمايدىغان ئىشتا) ئىستىخارە قىلسا بولىدۇ. ئەمما، پەرز، ۋاجىب، ھارام، مەكرۇھ ئىشلاردا ئىستىخارە قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن ئىشلاردا شۇ بويىچە قىلىش زۆرۈر بولۇپ ئىستىخارىگە ئورۇن يوق.
3) مۇئمىن ھەممە ئىشلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى، ھەممە ئاللاھ تائالاغا تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يۆلىنىدۇ.
4) ھەدىسنىڭ زاھىرى ئىستىخارە دۇئاسىنى ئىستىخارە نامىزىدىن كېيىن قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت ئالىملىرى بۇ دۇئانى ناماز ئىچىدە بولۇپمۇ سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.