رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

64. باب شۈكۈر قىلغۇچى باينىڭ پەزىلىتى، شۈكۈر قىلغۇچى باي دېــگەن پۇلـنى ئۆز يولى بىــلەن تېـپىپ ئۆز يولىغا ئىشلەتكەن كىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَأَمَّا مَن أَعْطَى وَاتَّقَى﴾ ﴿وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَى﴾ ﴿فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَى﴾ پۇل-مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك. ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز . («قۇرئان كەرىم» سۈرە لەيل 5-6-7- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّى وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُ مِن نِّعْمَةٍ تُجْزَى إِلَّا ابْتِغَاء وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَى وَلَسَوْفَ يَرْضَى﴾ پاكلىنىش ئۈچۈن مال-مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە لەيل 17ّ-ـــ21- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِن تُبْدُواْ الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاء فَهُوَ خَيْرٌ لُّكُمْ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّئَاتِكُمْ وَاللّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ﴾ سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر، بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 217- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿لَن تَنَالُواْ الْبِرَّ حَتَّى تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيْءٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ﴾ ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 92- ئايەت)

571. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لا حَسَدَ إِلاَّ في اثَنَتَيْنِ: رَجُلٌ آتَاهُ اللَّهُ مَالاً، فَسَلَّطَهُ على هَلكَتِهِ في الحَقِّ. ورَجُلٌ آتَاه اللَّهُ حِكْمَةً فُهو يَقضِي بِها وَيُعَلِّمُهَا » « مۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل-مېلىنىڭ ھەممىسىنى تامامەن ئورۇنلۇق يەرگە سەرپ قىلغان كىشى. يەنە بىرى، ئاللاھ تائالا بەرگەن قۇرئان ئىلىملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن پۇل-مال يىغىش، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىلىم ئىگىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

2) فەزل-ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئادەمگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ شۇ ئادەمگە ئوخشاش ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇشنى ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

3) پۇل-مالنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن پۇل-دۇنيا نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش، ئۆگەنگەن ئىلمىگە ئەمەل قىلىش ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن ئىلىم نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش.

572. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا حَسَد إِلاَّ في اثنَتَين: رَجُلٌ آتَاهُ اللَّه القُرآنَ، فهو يَقُومُ بِهِ آنَاءَ اللَّيل وآنَاءَ النَّهارِ. وَرَجُلٌ آتَاهُ اللَّه مَالاً. فهوَ يُنْفِقهُ آنَاءَ اللَّيْلِ وآنَاءَ النَّهارِ » « مۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ قۇرئان ئىلمىنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ كېچە ۋە كۈندۈزلەردە قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى، ئاللاھ تائالا مال ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ مالنى كېچە ۋە كۈندۈزلەردە ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلىپ تۇرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

573. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نامرات مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مالدارلار جەننەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىرى ۋە نازۇ نېئمەتلىرىگە ئېرىشتى » ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ومَا ذَاكَ؟ » « بۇ قانداق گەپ؟»، دېۋىدى، ئۇلار: « پۇلدارلار بىز ئوقۇغان نامازنى ئوقۇيدۇ، بىز تۇتقان روزىنى تۇتىدۇ ۋە سەدىقە بېرىدۇ، بىز سەدىقە بېرەلمەيمىز، ئۇلار قۇللارنى ئازاد قىلىدۇ، بىز قىلالمايمىز » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَفَلا أُعَلِّمُكُمْ شَيئاً تُدرِكُونَ بِهِ مَنْ سبَقَكُمْ، وتَسْبِقُونَ بِهِ مَنْ بَعْدَكُمْ وَلاَ يَكُونُ أَحَدٌ أَفْضَلَ مِنْكُم إِلاَّ مَنْ صَنَعَ مِثلَ ما صَنَعْتُم؟ » « ئەگەر قىلساڭلار سىلەردىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە يېتىشىۋالىدىغان، سىلەردىن كېيىنكىلەر ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان، سىلەر قىلغاننى قىلمىغۇچە ھېچ ئادەم سىلەردىن ئارتۇق ھېسابلانمايدىغان نەرسىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟»، دېۋىدى، ئۇلار: « شۇنداق قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ! » ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « تُسبحُونَ، وتحمَدُونَ وتُكَبِّرُونَ، دُبُر كُلِّ صَلاة ثَلاثاً وثَلاثِينَ مَرَّةً » « ھەر نامازدىن كېيىن ‹ سُبْحَانَ اللَّهِ ›، (يەنى ئاللاھ تائالا پاكتۇر) ‹ الحَمْدُ لِلَّهِ ›، (يەنى جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) ‹ اَللَّهُ اَكْبَرُ ›، (يەنى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر) نىڭ ھەربىرىنى 33 قېتىمدىن دەڭلار » ، دېدى. كېيىن نامرات مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: « بىزنىڭ مالدار قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ قىلغىنىمىزنى ئاڭلاپ، بىز قىلغاننى قىلغىلى تۇردى » ، دەپ شىكايەت قىلىشىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ذلك فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يشَاءُ » « بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى خالىغان كىشىلەرگە بېرىدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىس ئىكەنلىكى ۋە بۇ يولدا ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىدىغانلىقى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مال-دۇنياغا شۈكۈر قىلىپ، خەير-ئېھسان بىلەن ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغانلىقى.

3) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئەجىرگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكى.

4) پەرز نامازلاردىن كېيىن ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنىڭ پەزلى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

5) بايلارنى پەقەت پۇل-ماللىرىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەنلا قالماي كۆپرەك ئىبادەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

6) كەمبەغەللەرنى پۇل-مالنى خەير-ئېھسان يولىغا سەرپ قىلىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇل-مال يىغىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش.

7) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە پۇل-مال ئاتا قىلىشى ۋە ياكى كەمبەغەل ھالەتتە قالدۇرۇشى ھەرئىككىسى ئاللاھ تائالانىڭ سىنىقى بولۇپ، مۇئمىن راھەتتە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. جاپادا بولسا سەۋر قىلىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ