رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

63. باب ئاخىرەتكە ئائىت ياخشى ئەمەللەردە رىقابەتلىشىش، بەرىكەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَفِي ذَلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ﴾ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ، قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇتەففىفىن 26- ئايەت)

569. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىچىش ئۈچۈن بىر نەرسە كەلتۈرۈلگەندە، ئۇنى ئىچتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۆسمۈر بالا، سول تەرىپىدە ياشانغانلار بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ تەرەپتىكى ئۆسمۈر بالىغا: « أَ تَأْذَنُ لي أَن أُعْطِيَ هُؤلاءِ؟ » « بۇلارغا بېرىشىمگە رۇخسەت قىلامسەن؟»، دېدى. ئۇ بالا: « ياق، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەندىن كەلگەن نېسىۋەمنى ھېچكىمگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمەن » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنى ئۇ بالىنىڭ قولىغا بەردى، ئۇ ئىبن ئابباس ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ پايدىلىق ئىشلارغا ھېرىس ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىشمۇ شۇ جۈملىدىن ئىكەنلىكى، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىپ ئېشىپ قالغان مۇبارەك سۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمىگەنلىكى.

2) مېھماندارچىلىق سورۇنىنى شۇ سورۇندىكى ئەڭ ئەۋزەل ئادەمدىن، ئاندىن قالسا ئوڭ تەرەپتىن باشلاش كېرەكلىكى.

3) كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ئەدەپ بىلەن چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

570. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بيْنَا أَيُّوبُ عليه السلام يَغتَسِلُ عُريَاناً، فَخَرَّ عَلَيْهِ جَرَادٌ مِن ذَهَبٍ، فَجَعَلَ أَيُّوبُ يَحِثي في ثَوبِهِ، فَنَادَاهُ رَبُّهُ عَزَّ وَجلَّ: يَا أَيُّوبُ، أَلَم أَكُنْ أَغْنَيْتُكَ عمَّا تَرَى؟ قال: بَلَى وَعِزَّتِكَ، وَلكِن لا غِنَى بي عَن بَرَكَتِكَ » « ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنۇۋاتقاندا، ئۈستىگە بىر ئالتۇن چېكەتكە چۈشتى. ئۇ ئۇنى ئېلىپ كىيىمىنىڭ ئىچىگە سالدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: « ئى ئەييۇب! سېنى ئالتۇن چېكەتكىدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟»، دەپ توۋلىدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: « رەببىم، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ ئېيتقىنىڭ راست، ئەمما مەن سېنىڭ پەزلىڭدىن بىھاجەت ئەمەسمەن » ، دېدى.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆزى پايدىلىنىش ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۇل-مال توپلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) بەندە مەيلى قانچىلىك پۇل-مال توپلىغان بولسۇن، يەنىلا ئاللاھتىن بەرىكەت ۋە باشقىلارغا موھتاج بولۇپ قالماسلىقنى تىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ