62. باب باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىش ۋە كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ﴾ ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتىدىن) ئەلا بىلىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَى حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا﴾ ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىنسان 8- ئايەت)
564. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: « مەن قىيىنچىلىقتا قالدىم » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ: « سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، مەندە سۇدىن باشقا نەرسە يوق » ، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ئايالىنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇمۇ شۇنداق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بىردەك: « سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، مەندە سۇدىن باشقا نەرسە يوق » ، دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « من يُضِيفُ هَذا اللَّيْلَةَ؟ » « بۇ كىشىنى بۈگۈن كىم مېھمان قىلىدۇ؟»، دېۋىدى، ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ئادەم: « مانا مەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! »، د ەپ ئۇنى ئۆيگە باشلاپ بېرىپ ئايالىغا: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمىنىنى ھۆرمەتلىگىن » ، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، ئۇ ئادەم ئايالىغا: « ئۆيدە يېگۈدەك بىرەر نەرسە بارمىدۇ؟»، دېدى. ئايالى: « يوق، پەقەت كىچىك بالىلار يېگۈدەك بىر نەرسە بار » ، دېدى. ئەنسارىيلاردىن بولغان ئادەم ئايالىغا: « بالىلارنى بىر نەرسە بىلەن گوللاپ، ئۇخلىتىپ قويغىن، مېھمىنىمىز كىرسە چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، بىزمۇ تاماق يېگەن بولۇۋالايلى » ، دېدى. ئۇلار ئولتۇرۇشتى. مېھمان تاماق يېدى. ئۇ ئىككىسى ئاچ قورساق يېتىپ قېلىشتى. تاڭ يورۇغاندا ساھىبخان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَقَد عَجِبَ اللَّه مِن صَنِيعِكُمَا بِضَيفِكُمَا اللَّيْلَةَ » « ئاخشام ئىككىڭلارنىڭ مېھمىنىڭلارغا قىلغان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ مەسلىكى كەلدى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشقىلارنى ئۆزىدىن ئارتۇق كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
2) ئاللاھ تائالانىڭ ئەنسارىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قىلغىنىنى ياقتۇرغىنى ئۇلارنىڭ ياخشى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3) مېھماننى ئىززەت بىلەن كۈتۈۋېلىش ئىسلام دىنىدا مەدھىيەلىنىدىغان گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئەمما، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ (باشقىلارغا موھتاج قىلماي) ھاجىتىدىن چىقىش پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى.
565. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « طَعَامُ الاثْنَينِ كافي الثَّلاثَةِ، وطَعامُ الثَّلاثَةِ كافي الأَربَعَةِ » « ئىككى ئادەمنىڭ تامىقى ئۈچ ئادەمگە، ئۈچ ئادەمنىڭ تامىقى تۆت ئادەمگە يېتىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: « طَعَامُ الوَاحِد يَكفي الاثْنَيْنِ، وطَعَامُ الاثْنَيْنِ يَكْفي الأربَعَةَ وطَعَامُ الأرْبعةِ يَكفي الثَّمَانِيَةَ » « بىر كىشىنىڭ تامىقى ئىككى كىشىگە، ئىككى كىشىنىڭ تامىقى تۆت كىشىگە، تۆت كىشىنىڭ تامىقى بولسا سەككىز كىشىگە يېتىدۇ » .
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سىخىيلىققا ۋە بارغا قانائەت قىلىپ كۇپايىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
2) ھەدىستە ئېيتىلغان تاماقنى يەپ تويىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى نوقۇل ساناش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ياردەمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ھەمكارلىق، قېرىنداشلارچە ياردەمدە بەرىكەت بولىدۇ.
3) تاماقنى بىر ئادەم يالغۇز يېمەي، كۆپچىلىك بىرگە يېيىشنىڭ بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقى.
566. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە ئىدۇق. بىر كىشى ئالدىمىزغا كەلدى. ئۇ كىشى ئوڭ-سولغا ھەدەپ كۆز يۈگۈرتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ كَانَ مَعَهُ فَضْلُ ظَهرٍ فَليَعُدْ بِهِ عَلى مَنْ لا ظَهْرَ لَهُ، وَمَن كانَ لَهُ فَضْلٌ مِن زَادٍ، فَليَعُدْ بِهِ على مَن لا زَادَ لَهُ » « كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا، ئۇنى ئۇلاغسىز كىشىگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلۇقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقسىز كىشىگە بەرسۇن » ، دەپ شۇنداق جىق مالنىڭ تۈرلىرىنى سانىدىكى، ھەتتا بىز: « ھېچقايسىمىزنىڭ ئارتۇق نەرسىمىزدە ھەققىمىز يوق ئىكەن » ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىيىنچىلىق مەزگىللەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇخىل ياردەم پەقەت تاماقتىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ ھالدا تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
567. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئايال توقۇلغان توننى ئەكېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « بۇ توننى ساڭا كىيدۈرۈپ قوياي دەپ، ئۆز قولۇم بىلەن توقۇدۇم » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توننى خۇددى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىقتەك قوبۇل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى ئورۇۋالغان ھالدا چىققانىدى. بىر كىشى: « بۇ نېمە دېگەن چىرايلىق! ئۇنى ماڭا كىيگۈزۈپ قويساڭ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نَعَمْ » « ماقۇل » ، دەپ سورۇندا بىردەم ئولتۇرۇپ، قايتىپ بېرىپ، ئۇنى قاتلاپ ھېلىقى كىشىگە ئەۋەتىپ بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توننى ئېھتىياجلىق بولغان ھالدا كىيگەن تۇرسا، ئۇنى سوراپ ياخشى قىلمىدىڭ، ھەقىقەتەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان ئادەمنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىسەن » ، دېدى. ئۇ كىشى: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى كىيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كېپەنلىك قىلىش ئۈچۈنلا سورىدىم » ، دېدى. كېيىن ئۇ تون ئۇنىڭ كېپەنلىكى بولغانىدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىيە بەرگۈچىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن سوۋغىنى قوبۇل قىلىشقا ئالدىراشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورىغان ئادەمنى قۇرۇق قول ياندۇرمايدىغان سىخىيلىقى.
3) تەقۋادار، توغرا يوللۇق كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
4) ھاجەت بولۇشتىن ئىلگىرى شۇ نەرسىنى ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
568. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنَّ الأشعَرِيين إِذَا أَرملُوا في الْغَزْوِ، أَو قَلَّ طَعَامُ عِيَالِهِم بالمَدِينَةِ، جَمَعُوا ما كَانَ عِندَهُم في ثَوبٍ وَاحدٍ، ثُمَّ اقتَسَمُوهُ بَيْنَهُم في إِنَاءٍ وَاحِدٍ بالسَّويَّةِ فَهُم مِنِّي وَأَنَا مِنهُم » « ئەشئەر جەمەتى قاچانكى جەڭدە ياكى ئۆيدە يەيدىغىنى ئۆكسۈپ قالسا، ئۆزلىرىدە بار نەرسىنى بىر چاپانغا يىغاتتى. ئاندىن ئۇنى قاچا-قاچىغا ئوخشاش قىلىپ بۆلەتتى. ئۇلار ماڭا مەنسۇپ، مەنمۇ ئۇلارغا مەنسۇپ » ، دېگەنىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەشئەرىلەر جەمەتىنىڭ پەزىلىتى.
2) ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ پەزلى، سەپەرگە چىققان كىشىلەرنىڭ تەييارلىغان ئوزۇقنى جەملەپ، يېتىشمىگەندە تەڭ تەقسىم قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.