ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر. [17-سۈرە بەنى ئىسرائىل، 53-ئايەت]
ئەبۇ سەئىد خۇدرىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كالامىنىڭ باشقا سۆزلەردىن ئۈستۈنلۈكى ئاللاھنىڭ ئۆزى ياراتقانلىرىدىن ئۈستۈنلىكىگە ئوخشايدۇ». (تىرمىزى، 2926-ھەدىس، فەزائىلۇل قۇرئان، 25)
سوئال: كېسەل كىشى نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: كېسەل كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئۆرە تۇرالمىسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرالمىسا ياتقان يېرىدە ئىما-ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ.
«ئى ئاللاھ! مەنپەئەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن.» [بۇخارى رىۋايىتى].