كىرىش سۆز
ھىسنۇل مۇسلىم ﴿قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا ۋە زىكىرىلەر﴾ تەييارلىغۇچى: د. سەئىد ئەلى ۋەھف ئەلقەھتانى، تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، بىز ئۇنى داۋاملىق مەدھىيەلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. ئاللاھقا سىغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق، ئۇ يەككە - يېگانە، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە چەكسىز رەھمىتى بولسۇن. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچىنى سەپەرلەردە ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، «قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا-زىكىرلەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەم سىلىپ داۋالاش» ناملىق ئەسىرىمنىڭ "دۇئا ۋە زىكرىلەر" بۆلۈمىنى نەقىل كەلتۇرۇش بىلەن ۋە دۇئا-زىكىرلەرنىڭ تېكىستىنىمۇ ئالدىم ۋە ئەسلىدە بار بولغان بىر ياكى ئىككى مەنبەنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم. مەزكۇر دۇئا ياكى زىكىرنى رىۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ياكى توپلىغۇچىلار ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىغۇچىلار ئەسلى مەنبەگە مۇراجىئەت قىلسۇن. ئاللاھتىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ، بۇ ئەمىلىمنى خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى، ھايات ۋە ماماتلىقىمدا بۇنىڭ بىلەن مېنى ۋە ئۇنى ئوقۇغان ياكى باستۇرۇپ تارقاتقان ۋە تارقىتىشقا ھەمكارلاشقان، تەرجىمە قىلغان كىشىلەرنى مەنپەئەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھلىدۇر ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاپتور ھىجرىيە 1409- يىلى سەپەر
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَٱذۡكُرُونِيٓ أَذۡكُرۡكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِي وَلَا تَكۡفُرُونِ﴾ تەرجىمىسى: «مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار». [بەقەرە سۈرىسى 152- ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ ذِكۡرٗا كَثِيرٗا﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار». [سۈرە ئەھزاب 41- ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمٗا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى». [سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱذۡكُر رَّبَّكَ فِي نَفۡسِكَ تَضَرُّعٗا وَخِيفَةٗ وَدُونَ ٱلۡجَهۡرِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن». [سۈرە ئەئراف 205- ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىنى زىكرى قىلغان كىشى بىلەن زىكرى قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالى ھايات بىلەن ئۈلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ پاك ھېسابلىنىدىغان، دەرىجەڭلەرنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئالتۇن - كۆمۈش ئېھسان قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلار بىلەن ئېلىشقاندىنمۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دەيدۇ. ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن ئىبارەتتۇر.» دەيدۇ. [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]. ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە مەن ئۇنى مەزكۇر جامائەتتىننمۇ ياخشىراق جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى يا رەسۇلۇللاھ، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەمەللەر ماڭا ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى(بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى نەپلە ئىبادەتلەر)، مەن چىڭ ئېسىلىدىغان بىر نەرسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىلىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توختاپ قالمىسۇن» دېدى. [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەسجىدنىڭ سۇپىسىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ: سىلەردىن كىم ھەر كۈنى بۇتھان ياكى ئەقىق دېگەن جايغا بېرىپ گۇناھ سادىر قىلماستىن، سىلە-رەھىمنى ئۈزمەستىن چوڭ لوككىلىق ئىككى تۆگە ئەكىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟، دېۋىدى. بىز: يا رەسۇلۇللاھ! بىز شۇندق قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىككى ئايەت بىلىش ياكى ئوقۇش ئۈچۈن سەھەردە مەسچىتكە بارمامدۇ؟! بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تۆگىدىن ياخشى. ئۈچ ئايەت ئوقۇش ئۈچ تۆگىدىن، تۆت ئايەت ئوقۇش تۆت تۆگىدىن ياخشى. تۆگىلەرنىڭ سانى ئايەتلەرنىڭ سانى بويىچە بولىدۇ، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ئولتۇرىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇ. كىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ياتىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قانداق بىر جامائەت بىرەر ئورۇندا ئولتۇرغاندا ئاللاھنى ياد ئىتىپ، پەيغەمبىرىگە دۇرۇت ئېيتمىسا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا ھەسرەت بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇلارنى ئازابلايدۇ، خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ.» [ئىمام ترمىزى رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر جامائەت بىرەر ئورۇندا ئولتۇرۇپ، ئاللاھنى زىكرى قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ياخشىلىقتىن ئىشەكنىڭ تاپىدىن قاچقاندەك بولىدۇ، بۇ سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى نادامەت تارتىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].