لەنەت قىلىشقانلارنىڭ بالىسى ئانىسىغا مىراسخور بولىدۇ، ئانىمۇ بالىغا مىراسخور بولىدۇ. ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مىراسخورلۇق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ
وَالَّذِينَ يَرْمُونَ أَزْوَاجَهُمْ وَلَمْ يَكُن لَّهُمْ شُهَدَاءُ إِلَّا أَنفُسُهُمْ فَشَهَادَةُ أَحَدِهِمْ أَرْبَعُ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ ۙ إِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن[6].
وَالْخَامِسَةُ أَنَّ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَيْهِ إِن كَانَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دېسۇن[7].
وَيَدْرَأُ عَنْهَا الْعَذَابَ أَن تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ ۙ إِنَّهُ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ
خوتۇن كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە، جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ[8].
وَالْخَامِسَةَ أَنَّ غَضَبَ اللَّهِ عَلَيْهَا إِن كَانَ مِنَ الصَّادِقِينَ
بەشىنچى قېتىمىدا، ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا (يەنى ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا) ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن دەپ قەسەم قىلىدۇ[9].