(ياخشىلىق يوللىرىغا) چىقىم قىلىش، سەدىقە قىلىش توغرىسىدا
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر[254].
وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ ۗ وَالَّذِينَ يَبْتَغُونَ الْكِتَابَ مِمَّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ فَكَاتِبُوهُمْ إِنْ عَلِمْتُمْ فِيهِمْ خَيْرًا ۖ وَآتُوهُم مِّن مَّالِ اللَّهِ الَّذِي آتَاكُمْ ۚ وَلَا تُكْرِهُوا فَتَيَاتِكُمْ عَلَى الْبِغَاءِ إِنْ أَرَدْنَ تَحَصُّنًا لِّتَبْتَغُوا عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَمَن يُكْرِههُّنَّ فَإِنَّ اللَّهَ مِن بَعْدِ إِكْرَاهِهِنَّ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل ـ مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال ـ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا)رەھىم قىلغۇچىدۇر(يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ)[33].
وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِّلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)[19].
آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَأَنفِقُوا مِمَّا جَعَلَكُم مُّسْتَخْلَفِينَ فِيهِ ۖ فَالَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَأَنفَقُوا لَهُمْ أَجْرٌ كَبِيرٌ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ[7].
فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنفِقُوا خَيْرًا لِّأَنفُسِكُمْ ۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر[16].