پەيغەمبەرنىڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلالمايدىغانلىقى، ﷲ نىڭ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)[272].
لَيْسَ لَكَ مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[128].
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِن بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَن يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَن تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
قَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ[33].
وَلَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِّن قَبْلِكَ فَصَبَرُوا عَلَىٰ مَا كُذِّبُوا وَأُوذُوا حَتَّىٰ أَتَاهُمْ نَصْرُنَا ۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ وَلَقَدْ جَاءَكَ مِن نَّبَإِ الْمُرْسَلِينَ
سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ساڭا نازىل بولدى[34].
وَإِن كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَن تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُم بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
إِن تَحْرِصْ عَلَىٰ هُدَاهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَن يُضِلُّ ۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ
سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق مەدەتكار يوق[37].
وَمَا أَنتَ بِهَادِي الْعُمْيِ عَن ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِن تُسْمِعُ إِلَّا مَن يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُم مُّسْلِمُونَ
سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن[81].
إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[56].
وَمَا أَنتَ بِهَادِ الْعُمْيِ عَن ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِن تُسْمِعُ إِلَّا مَن يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُم مُّسْلِمُونَ
كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر[53].