رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿سُبْحانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ﴾
«ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن» (ئۈچ قېتىم). [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي﴾
«ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبُّوُحٌ، قُدُّوسٌ، رَبُّ المَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ﴾
«ئاللاھ پاكتۇر، مۇقەددەستۇر، پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىئىلنىڭ رەببىدۇر.» [مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ لَكَ رَكَعْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ، وَلَكَ أَسْلَمْتُ، خَشَعَ لَكَ سَمْعِي، وَبَصَرِي، وَمُخِّي، وَعَــــظْمِي، وَعَصَبِي، وَمَا استَقَلَّتْ بِهِ قَدَمِي﴾
«ئى پەرۋەردىگارىم! ساڭا ئىبادەت قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلىقىم، كۈزەم، يىلىكىم، مېڭەم، سۆڭىكىم، زېھنىم ۋە قەدىمىم ئىگە بولغان نەرسىلەر ساڭا بويسۇندى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَ ذِي الْجَبَرُوتِ، وَالْمَلَكُوتِ، وَالْكِبْرِيَاءِ، وَالْعَظَمَةِ﴾
«كۈچ - قۇدرەت، پادىشاھلىق، كاتتىلىق، بۈيۈكلۈك ئىگىسى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].