ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسى
﴿ناللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ، وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ، فَإِنَّكَ تَقْضِي وَلاَ يُقْضَى عَلَيْكَ، إِنَّهُ لاَ يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، [وَلاَ يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ] ، تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ﴾
«ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەت قىلغىن، سەن ساغلاملىق بەرگەنلەر قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن. ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن. ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. سەن ئەزىز قىلغان كىشى خارلانمايدۇ، سەن خارلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز، سەن يۈكسەك ۋە بەرىكەتلىكسەن.» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وَ بِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقُوبَتِكَ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْكَ لاَ أُحْصِي ثَنَاءً عَلَيْكَ، أَنْتَ كَمَا أَثْنَيْتَ عَلَى نَفْسِكَ﴾
«ئى ئاللاھ، غەزىبىڭدىن رازىلىقىڭغا، ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سەندىن سورايمەن ۋە ساڭا سىغىنىمەن، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى].
﴿ناللَّهُمَّ إيَاكَ نَعْبُدُ، وَلَكَ نُصَلِّيْ وَنَسْجُدُ، وَإلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ، نَرْجُو رَحْمَتَكَ، وَنَخْشَى عَذاَبَكَ، إنَّ عَذاَبَكَ بِالْكَافِريْنَ مُلْحِقِ. اللَّهُمَّ إنَّا نَسْتَعِيْنُكَ، وَنَسْتَغْفِرُكَ، وَنُثْنِيْ عَلَيْكَ الْخَيرَ، وَلاَ نَكْفُرُكَ، وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنَخْضَعُ لَكَ، وَنَخْلَعُ مَنْ يَكْفُرُكَ﴾
«ئى ئاللاھ! بىز ھەقىقەتەن ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، ساڭىلا ئىنتىلىمىز ۋە تەلپۈنىمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، شەكسىزكى، سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا لايىقتۇر. ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم سورايمىز، سەندىن كەچۈرۈم سورايمىز، ساڭا ھەمدۇ- سانا ئېيتىمىز، ساڭا كۇپرىلىق قىلمايمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، ساڭا بويسۇنىمىز، كىمىكى ساڭا ئىنكار قىلىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن ئادا - جۇدامىز.» [بەيھەقى رىۋايىتى].