پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قورققان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿ناللَّهُمَّ رَبَّ السَّمَوَاتِ السَّبْعِ، وَرَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، كُنْ لِي جَارًا مِنْ فُلاَنِ بْنِ فُلاَنٍ وَأَحْزاَبِهِ مِنْ خَلاَئِقِكَ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيَّ أَحَدٌ مِنْهُمْ أَوْ يُطْغىَ، عَزَّ جَارُكَ، وَجَلَّ ثَنَاؤُكَ، وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئى يەتتە ئاسماننىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىدىن، ئۇنىڭ مەخلۇقلىرىڭدىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرىدىن، ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ ئۈستۈمدىن غالىپ كېلىشىدىن ياكى ھەددىدىن ئېشىشىدىن ماڭا مەدەتكار بولغىن، سېنىڭ مەدەتكارلىقىڭ شەرەپلىكتۇر، ساڭا بولغان مەدھىلەر بۈيۈكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿ناللَّهُ أَكْبَرُ اللَّهُ أَعَزُّ مِنْ خَلْقِهِ جَمِيْعاً، اللَّهُ أَعَزُّ مِماَّ أَخاَفُ وَأَحْذَرُ، أَعُوذُ بِاللَّهِ الَّذِيْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ، الْمُمْسِكُ الْسَّماَواَتِ الْسَبْعِ أَنْ يَقَعْنَ عَلىَ الأَرْضِ إِلاَّ بإِذْنِهِ، مِنْ شَرِّ عَبْدِكَ فُلاَنٍ، وَجُنوُدِهِ وَأَتْباَعِهِ وَأَشْياَعِهِ مِنَ الْجِنِّ وَالإِنْسِ، اللَّهُمَّ كُنْ لِي جَارًا مِنْ شَرِّهِمْ، جَلَّ ثَنَاؤُكَ وَعَزَّ جَارُكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ، وَلاَ إِلَهَ غَيْرُكَ﴾
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر! ئاللاھ بارچە مەخلۇقلىرىدىن غالىپتۇر، ئاللاھ مەن قورققان ۋە ئېھتىيات قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان، يەتتە قات ئاسماننى ئۆزىنىڭ ئىزنىسىز زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىغۇچى ئاللاھ، سېنىڭ بەندەڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىنس- جىنلاردىن بولغان لەشكەرلىرىنىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، گورۇھلىرىنىڭ يامانلىقىنىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! سەن ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا قارشى ماڭا مەدەتكار بولغىن، ساڭا بولغان مەدھىلەر بۈيۈكتۇر، سېنىڭ مەدەتكارلىقىڭ غالىپتۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» (ئۈچ قېتىم). [بۇخارى رىۋايىتى].