ﷲ نىڭ مەسجىدلىرىدە ﷲ قا ئىبادەت قىلىشتىن توسقان ۋە مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَن يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَن يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ[114].