ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكرىلەر
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ ﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ ١ ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ ٢ لَمۡ يَلِدۡ وَلَمۡ يُولَدۡ ٣ وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ ٤﴾
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ - ئاللاھ بىردۇر . ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ». [سۈرە ئىخلاس].
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ ﴿قُلۡ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلۡفَلَقِ ١ مِن شَرِّ مَا خَلَقَ ٢ وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ ٣ وَمِن شَرِّ ٱلنَّفَّٰثَٰتِ فِي ٱلۡعُقَدِ ٤ وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ ٥﴾
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن». [سۈرە پەلەق].
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ ﴿قُلۡ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلنَّاسِ ١ مَلِكِ ٱلنَّاسِ ٢ إِلَٰهِ ٱلنَّاسِ ٣ مِن شَرِّ ٱلۡوَسۡوَاسِ ٱلۡخَنَّاسِ ٤ ٱلَّذِي يُوَسۡوِسُ فِي صُدُورِ ٱلنَّاسِ ٥ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ ٦﴾
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن». [سۈرە ناس]. «ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ جۈپلەپ تۇرۇپ، (سۈرە ئىخلاس)، (سۈرە فەلەق)، (سۈرە ناس) لارنى ئوقۇپ، ھۈرۈپ ئاندىن ئىككى قولى بىلەن بەدىنىنى قولى يەتكەن يېرىگىچە - بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ سىپايدۇ.» (بۇنى ئۈچ قېتىم قىلىدۇ). [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ لَا تَأۡخُذُهُۥ سِنَةٞ وَلَا نَوۡمٞۚ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ مَن ذَا ٱلَّذِي يَشۡفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيۡءٖ مِّنۡ عِلۡمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَۚ وَسِعَ كُرۡسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۖ وَلَا يَ‍ُٔودُهُۥ حِفۡظُهُمَاۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ﴾
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن لەنەتكەردى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن. «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر». [سۈرە بەقەر 255- ئايەت].
﴿ءَامَنَ ٱلرَّسُولُ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مِن رَّبِّهِۦ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۚ كُلٌّ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّن رُّسُلِهِۦۚ وَقَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ غُفۡرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ ٢٨٥ لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَعَلَيۡهَا مَا ٱكۡتَسَبَتۡۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذۡنَآ إِن نَّسِينَآ أَوۡ أَخۡطَأۡنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تَحۡمِلۡ عَلَيۡنَآ إِصۡرٗا كَمَا حَمَلۡتَهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلۡنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِۦۖ وَٱعۡفُ عَنَّا وَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَآۚ أَنتَ مَوۡلَىٰنَا فَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ ٢٨٦﴾
«پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار): «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار): «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، دەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 285-286-ئايەتلەر].
﴿بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبِي وَبِكَ أَرْفَعُهُ فَإِنْ أَمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِهِ عِبَادَكَ الصَّالِحِينَ﴾
«رەببىم، يېنىمنى ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قويدۇم، ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ كۆتىرىمەن. مېنى قەبزى روھ قىلساڭ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر روھىمنى قويۇپ بېرىدىغان (ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان) بولساڭ، ئۇنى ياخشى بەندىلىرىڭنى مۇھاپىزەت قىلغىنىڭدەك مۇھاپىزەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إنَّكَ خَلَقْتَ نَفْسِي وَأَنْتَ تَوَفَّاهَا لَكَ مَمَاتُهَا وَمَحْيَاهَا إِنْ أَحْيَيْتَهَا فَاحْفَظْهَا، وَإِنْ أَمَتَّهَا فَاغْفِرْ لَهَا. اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَافِيَةَ﴾
«ئى ئاللاھ! جېنىمنى سەن ياراتتىڭ، سەن ۋاپات قىلدۇرىسەن، ئۇنىڭ ھايات - ماماتلىقى سەن ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنى ھايات قويساڭ، ئۇنى ساقلىغىن، ئەگەر ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن ھەقىقەتەن سالامەتلىكنى سورايمەن.» [مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ قِنِي عَذَابَكَ يَوْمَ تَبْعَثُ عِبَادَكَ﴾
«ئى ئاللاھ! مېنى سەن بەندىلىرىڭنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندىكى ئازاپتىن ساقلىغىن.» (ئۈچ قېتىم) [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿بِاسْمِكَ اللَّهُمَّ أَمُوتُ وَأَحْيَا﴾
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئۆلىمەن ۋە تىرىلىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبْحاَنَ اللَّهِ (33 مرة)، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ (33 مرة)، وَاللَّهُ أَكْبَرُ (34 مرة)﴾
«ئاللاھ (نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر.» (ھەر بىرى 33 قېتىمدىن، ئاخىرقىسى 34 قېتىم ئوقۇلىدۇ). [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ رَبَّ السَّمَاوَاتِ الْسَبْعِ، وَرَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ، رَبَّنَا وَرَبَّ كُلِّ شَيْءٍ، فَالِقَ الْحَبِّ وَالنَّوَى، وَمُنْزِلَ التَّوْرَاةِ وَالإِنْجِيلِ، وَالْفُرْقَانِ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ كُلِّ شَيْءٍ أَنْتَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهِ. اللَّهُمَّ أَنْتَ الأَوَّلُ فَلَيْسَ قَبْلَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ الْآخِرُ فَلَيْسَ بَعْدَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ الظَّاهِرُ فَلَيْسَ فَوْقَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ الْبَاطِنُ فَلَيْسَ دُونَكَ شَيْءٌ اقْضِ عَنَّا الدَّيْنَ وَأَغْنِنَا مِنَ الْفَقْرِ﴾
«ئى يەتتە قات ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ۋە ھەممە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، دان ۋە ئۇرۇقلارنى بىخلاندۇرغۇچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ، سەن كوكۇلىسىدىن تۇتىدىغان بارلىق شەيئىلەرنىڭ شەررىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! سەن ھەممە شەيئىنىڭ ئەۋۋىلىسەن، سەندىن ئىلگىرى ھېچ بىر شەيئى مەۋجۇت بولغان ئەمەس. سەن ھەممىنىڭ ئاخىرىسەن، سەندىن كېيىن ھېچبىر شەيئى مەۋجۇت بولمايدۇ. سەن زاھىرسەن، ھېچ بىر شەيئى سېنى ئۈستۈڭدىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، سەن باتىنسەن، ھېچ بىر شەيئى سېنىڭ زاتىڭنى ئۆز ماھىيىتى بىلەن تونۇپ يېتەلمەيدۇ، بىزدىن قەرزنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىزنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنَا وَسَقَانَا، وَكَفَانَا، وَآوَانَا، فَكَمْ مِمَّنْ لاَ كَافِيَ لَهُ وَلاَ مُؤْوِيَ﴾
«بارلىق ھەمدۇ-سانا بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى سۇغارغان، قانچىلىغان ئاچ-يالىڭاچ ۋە ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر ئارىسىدىن، بىزگە ھاياتلىقىمىزدا كۇپايە قىلغان ۋە ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆي-ماكان ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَاطِرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ رَبَّ كُلِّ شَيْءٍ وَمَلِيكَهُ أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ نَفْسِي، وَمِنْ شَرِّ الشَّيْطَانِ وَشِرْكِهِ وَأَنْ أَقْتَرِفَ عَلَى نَفْسِي سُوءًا أَوْ أَجُرَّهُ إِلَى مُسْلِمٍ﴾
«ئى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، ھەممە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە پادىشاھى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭ شېرىكچىلىكىدىن، ئۆزۈمگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿ الٓمٓ ١ تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ﴾ [السجدة] ﴿ تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ﴾ [الملك].﴾
سۈرە سەجدە، سۈرە تابارەكنى ئوقۇيدۇ. [تىرمىزى ۋە نەسائى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ نَفْسِي إِلَيْكَ، وَفَوَّضْتُ أَمْرِي إِلَيْكَ، وَوَجَّهْتُ وَجْهِي إِلَيْكَ، وَأَلْجَأْتُ ظَهْرِي إِلَيْكَ، رَغْبَةً وَرَهْبَةً إِلَيْكَ، لاَ مَلْجَأَ وَلاَ مَنْجَا مِنْكَ إِلاَّ إِلَيْكَ، آمَنْتُ بِكِتَابِكَ الَّذِي أَنْزَلْتَ وَبِنَبِيِّكَ الَّذِي أَرْسَلْتَ﴾
«ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا بويسۇندۇردۇم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، يۈزۈمنى ساڭا يۈزلەندۇردۈم، رەھمىتىڭدىن ئۈمىد كۈتتۈم، ئازابىڭدىن قورقتۇم، ئازابىڭدىن پەقەت سەن تەرەپكە يۈزلەنگەندىلا ئاندىن نىجات تاپقىلى بولىدۇ، نازىل قىلغان كىتابىڭغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭە ئىمان كەلتۈردۈم.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].