ھاياتىدىن ئۈمىت ئۈزگەن كېسەل ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَأَلْحِقْنِي بِالرَّفِيقِ الأَعْلَى﴾
«ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ قاتارىغا قوشقىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
جَعَلَ رَسُول اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عِنْدَ مَوتِهِ يُدْخِلُ يَدَيْهِ فِي الْمَاءِ فَيَمْسَحُ بِهِمَا وَجْهَهُ وَيَقُول: ﴿لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ إِنَّ لِلْمَوْتِ لَسَكَرَاتٍ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنى سۇغا چىلاتقۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى سىلاپ: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سەكراتى باردۇر» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ﴾
«ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].