مەشئەرۇل ھەرامدا ئوقۇلىدىغان زىكىر
﴿رَكِبَ النَّبِيُّ - صلى الله عليه وسلم - الْقَصْوَاءَ حَتَّى أَتَى الْمَشْعَرَ الْحَرَامَ فَاسْتَقْبَلَ الْقِبْلَةَ (فَدَعَاهُ، وَكَبَّرَهُ، وَهَللَّهُ، وَوَحَّدَهُ) فَلَمْ يَزَلْ وَاقِفاً حَتَّى أَسْفَرَ جِدَّاً فَدَفَعَ قَبْلَ أَنْ تَطْلُعَ الشَّمسُ﴾
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسۋائ دېگەن تۈگىگە مىنىپ مەشئەرۇل ھەرامگە كەلگىنىدە، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى، تەكبىر ئېيتتى، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇ ھالەتتە تاڭ يۇرۇغۇچە تۇردى، ئاندىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ يەردىن يۇرۇپ كەتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].