سەپەردىن قايتقاندا ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، آيِبُونَ، تَائِبُونَ، عَابِدُونَ لِرَبِّنَا حَامِدُونَ، صَدَقَ اللَّهُ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ وَهَزَمَ الأَحْزَابَ وَحْدَه﴾
ھەر قانداق ئېگىز جايدا ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى،» دەيدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].