شامال چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا﴾
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا، وَخَيْرَ مَا فِيهَا، وَخَيْرَ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا، وَشَرِّ مَا فِيهَا، وَشَرِّ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ﴾
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ياخشىلىقنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى يامانلىقتىن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن يامانلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [مۇسلىم ۋە بۇخارى رىۋايىتى].