سېپىل (قورغان) ياساش
قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيْرٌ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا
زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي[95].
آتُونِي زُبَرَ الْحَدِيدِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا سَاوَىٰ بَيْنَ الصَّدَفَيْنِ قَالَ انفُخُوا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَعَلَهُ نَارًا قَالَ آتُونِي أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا
ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى[96].
فَمَا اسْطَاعُوا أَن يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى[97].
لَقَدْ كَانَ لِسَبَإٍ فِي مَسْكَنِهِمْ آيَةٌ ۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٍ وَشِمَالٍ ۖ كُلُوا مِن رِّزْقِ رَبِّكُمْ وَاشْكُرُوا لَهُ ۚ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ
شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك) دەلىل بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار، سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، (سىلەرنىڭ جايىڭلار) بەلەن جايدۇر، (سىلەرگە رىزىق بەرگەن پەرۋەردىگارىڭلار شۈكۈر قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر[15].
فَأَعْرَضُوا فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ الْعَرِمِ وَبَدَّلْنَاهُم بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَيْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَيْءٍ مِّن سِدْرٍ قَلِيلٍ
ئۇلار (شۈكۈردىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق (يەنى ياۋا چىلانلىق) باغلارغا ئايلاندۇردۇق[16].
ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُم بِمَا كَفَرُوا ۖ وَهَلْ نُجَازِي إِلَّا الْكَفُورَ
ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز[17].