ئاللاھ يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزغان كىشى ھەققىدە قىسسە
أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَانظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى[259].