زىناخور دىدەكنىڭ ئاقىۋىتى
وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلًا أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مَّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ۚ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُم ۚ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ ۚ فَانكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلَا مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ ۚ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنكُمْ ۚ وَأَن تَصْبِرُوا خَيْرٌ لَّكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئىپپەتلىك بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[25].