يامان چۈش كۆرگەندە قانداق قىلىش توغرىسىدا
﴿نْفُثُ عَنْ يَسَارِهِ)) (ثلاثاً)، ﴿يَسْتَعِيذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيطَانِ وَمِنْ شَرِّ مَا رَأَى)) (ثَلاَثَ مَرَّاتٍ)، ﴿لاَ يُحَدِّثْ بِهَا أَحَداً. يَــتَحَوَّلُ عَنْ جَنْبِهِ الَّذِي كَانَ عَلَيْهِ، يَقُومُ يُصَلِّي إِنْ أَرَادَ ذَلِكَ.﴾
«سول تەرىپىگە (ئۈچ قېتىم) تۇپلەيدۇ، «شەيتاندىن ۋە كۆرگەن چۈشىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىدۇ.» (يەنى ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم) دەيدۇ. (ئۈچ قېتىم). «چۈشىنى ھېچكىمگە سۆزلەپ بەرمەيدۇ.». «بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلىدۇ.». «ئەگەر خالىسا ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].