يامغۇر تەلەپ قىلىش دۇئاسى
﴿اللَّهُمَّ اسْقِنَا غَيْثًا مُغِيثًا مَرِيئًا مَرِيعًا، نَافِعًا غَيْرَ ضَارٍّ، عَاجِلاً غَيْرَ آجِل﴾
«ئى ئاللاھ! بىزنى سىڭىشلىك، مول مەنپەئەتلىك، زىيان يەتكۈزمەيدىغان يامغۇر بىلەن كېچىكتۈرمەستىن سۇغارغىن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ أَغِثْنَا، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا﴾
«ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اسْقِ عِبَادَكَ، وَبَهَائِمَكَ، وَانْشُرْ رَحْمَتَكَ وَأَحْيِ بَلَدَكَ الْمَيِّتَ﴾
«ئى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنى، ھايۋانلىرىڭنى سۇغارغىن، رەھمىتىڭنى يايغىن، ئۆلۈك زېمىنىڭنى تىرىلدۈرگىن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].