رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ﴾
«كىمكى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ (ھەمدىسىنى) ئاڭلايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ، حَمْداً كَثيراً طَيِّباً مُبارَكاً فِيهِ﴾
«ئى رەببىمىز، بەرىكەتلىكى چەكسىز ۋە پاك ھەمدۇ-سانالار ساڭا خاستۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿مِلْءَ السَّمَوَاتِ وَمِلْءَ الأَرْضِ، وَمَا بَيْنَهُمَا، وَمِلْءَ مَا شِئْتَ مِنْ شَيءٍ بَعْدُ. أَهلَ الثَّناءِ وَالْمَجْدِ، أَحَقُّ مَا قَالَ الْعَبْدُ، وَكُلُّنَا لَكَ عَبْدٌ. اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الجَدِّ مِنْكَ الجَدُّ﴾
«ئى مەدھىيە ۋە شان - شەرەپ ئىگىسى ئاللاھ! ئاسمان- زېمىننى تولدۇرغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى تولدۇرغۇدەك ۋە بۇندىن باشقا سەن خالىغان نەرسە تولغۇدەك چەكسىز ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر. سەن بەندەڭ ئېيتقان ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ ھەقلىقسەن. ھەممىمىز ساڭا بەندىمىز. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، سەن توسۇپ قويغان نەرسىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ئابرويلۇقلارنىڭ ئابرويى ئەسقاتمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].