تىلاۋەت سەجدىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿سَجَدَ وَجْهِيَ لِلَّذِي خَلَقَهُ، وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ بِحَوْلِهِ وَقُوَّتِهِ﴾، ﴿فَتَبارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ﴾
«مېنىڭ يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، كۈچ - قۇدرىتى بىلەن قۇلاقنى، كۆزنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدى. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.»
﴿اللَّهُمَّ اكْتُبْ لِي بِهَا عِنْدَكَ أَجْراً، وَضَعْ عَنِّي بِهَا وِزْراً، وَاجْعَلْهَا لِي عِنْدَكَ ذُخْراً، وَتَقَبَّلْهَا مِنِّي كَمَا تَقَبَّلْتَهَا مِنْ عَبْدِكَ دَاوُدَ﴾
«ئى ئاللاھ! بۇ سەجدەم ئارقىلىق ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدا ئەجىر يازغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەندىن گۇناھنى ئېلىپ تاشلىغىن، ماڭا ئۇنىڭ ساۋابىنى دەرگاھىڭدا ساقلىغىن، مەندىن ئۇنى بەندەڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن.» [تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى].