پەرزەنتلىك بولغان ئادەمنى مۇبارەكلەش ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
﴿باَرَكَ اللهُ لَكَ فيِ المَوهُوب لَكَ، وَشَكَرَتَ الْوَاهِبَ، وَبَلَغَ أَشُدَّهُ، وَرُزِقْتَ بِرَّهُ. ويرد عليه المهنأ فيقول: باَرَكَ اللهُ لَكَ وَبَارَكَ عَلَيكَ، وَجَزَاكَ اللهُ خَيرًا، وَرَزَقَكَ اللهُ مِثْلَهُ، وَأَجْزَلَ ثَوَابَكَ﴾
«پەرزەنتىڭىزگە ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇ پەرزەنتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر قىلغايسىز، ئۇ قۇرامىغا يەتكەي، سىز ئۇنىڭ ۋاپاسىغا ئېرىشكەيسىز.» تەبرىكلەنگۈچى مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «ئاللاھ سىزگە ۋە سىزگە تەۋە نەرسىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، ئاللاھ سىزگىمۇ شۇنداق پەرزەنت ئاتا قىلسۇن، سىزگە كۆپ ساۋاپ ئاتا قىلسۇن.» [ئىمام نەۋەۋى "زىكرىلەر" ناملىق كىتابىدا بايان قىلغان].