ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەر بىلەن مۇنازىرىلەشكۈچى جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِن بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]