ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى ئايالى
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى[1].
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ
ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى[2].
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[3].
وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ
ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ[4].
فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِّن مَّسَدٍ
ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ[5].