قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ اكْفِنِي بِحَلاَلِكَ عَنْ حَرَامِكَ وَأَغْنِنِي بِفَضْلِكَ عَمَّنْ سِوَاكَ﴾
«ئى ئاللاھ! مېنى ھالال نەرسەڭ بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزلى - مەرھىمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزەڭنىڭ غەيرىدىن بىھاجەت قىلغىن.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ، وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الرِّجَالِ﴾
«ئى ئاللاھ! غەم - قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن، ۋە كىشىلەر ئالدىدىكى تىل قىسىنچىلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى].