بەشىنچى باب «ئىلىم بىلەن ئالىم توغرىسىدا»
كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِّنكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
شۇنىڭدەك (سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھتىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتني) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق[151].
هُوَ الَّذِي أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ[7].
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[19].
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّت طَّائِفَةٌ مِّنْهُمْ أَن يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِن شَيْءٍ ۚ وَأَنزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُن تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر[113].
لَّٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].
وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِذْ قَالُوا مَا أَنزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٍ مِّن شَيْءٍ ۗ قُلْ مَنْ أَنزَلَ الْكِتَابَ الَّذِي جَاءَ بِهِ مُوسَىٰ نُورًا وَهُدًى لِّلنَّاسِ ۖ تَجْعَلُونَهُ قَرَاطِيسَ تُبْدُونَهَا وَتُخْفُونَ كَثِيرًا ۖ وَعُلِّمْتُم مَّا لَمْ تَعْلَمُوا أَنتُمْ وَلَا آبَاؤُكُمْ ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ ثُمَّ ذَرْهُمْ فِي خَوْضِهِمْ يَلْعَبُونَ
ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە ـ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى». (ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاننى ۋە مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن، ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن[91].
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۖ فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن[39].
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئەلىف. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيەلەنگەن ئاللاھنىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق[1].
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ ۖ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُم مِّنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا
ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن[85].
وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤْمِنُوا بِهِ فَتُخْبِتَ لَهُ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آمَنُوا إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
(ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر[54].
وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَا إِلَّا الْعَالِمُونَ
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ[43].
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6].
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ
كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ[19].
وَلَا الظُّلُمَاتُ وَلَا النُّورُ
زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ[20].
وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُورُ
سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ[21].
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ[29]
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»[9].
وَمَا تَفَرَّقُوا إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى لَّقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ أُورِثُوا الْكِتَابَ مِن بَعْدِهِمْ لَفِي شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ
(يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر[14].
وَآتَيْنَاهُم بَيِّنَاتٍ مِّنَ الْأَمْرِ ۖ فَمَا اخْتَلَفُوا إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[17].
ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِّنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن[18].
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الرَّحْمَٰنُ
مېھرىبان ئاللاھ[1]
عَلَّمَ الْقُرْآنَ
قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)[2]،
خَلَقَ الْإِنسَانَ
ئىنساننى ياراتتى[3].
عَلَّمَهُ الْبَيَانَ
ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى[4].
الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ[5].
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن[1].
خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى[2].
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر[3].
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى[4].
عَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى[5].