مۇئاھىدە تۈزۈشكەنلەردە سەمىمىيەتسىزلىك كۆرۈلسە توختامنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىش كېرەك
وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوْمٍ خِيَانَةً فَانبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ
ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ[58].
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَبَقُوا ۚ إِنَّهُمْ لَا يُعْجِزُونَ
(بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[59].
وَإِن نَّكَثُوا أَيْمَانَهُم مِّن بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ فَقَاتِلُوا أَئِمَّةَ الْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَا أَيْمَانَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنتَهُونَ
ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق[12].
وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِن بَعْدِ قُوَّةٍ أَنكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَن تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَىٰ مِنْ أُمَّةٍ ۚ إِنَّمَا يَبْلُوكُمُ اللَّهُ بِهِ ۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ[92].
وَلَا تَشْتَرُوا بِعَهْدِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ إِنَّمَا عِندَ اللَّهِ هُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار؛ سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[95].