مۇشرىكلارنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاش ئۇچۇن قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي أَيَّامٍ نَّحِسَاتٍ لِّنُذِيقَهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنصَرُونَ
ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[16].
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُّسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا هَٰذَا عَارِضٌ مُّمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُم بِهِ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار[24].
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز[25].
وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ
ئادنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق[41].
مَا تَذَرُ مِن شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ
ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما ـ تالان) قىلىۋېتەتتى[42].
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي يَوْمِ نَحْسٍ مُّسْتَمِرٍّ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
تَنزِعُ النَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُّنقَعِرٍ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى[6].
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى. (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن[7].