كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتى توغرىسدا
قَالَ النَّبِيُّ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿إِذَا عَادَ الرَّجُلُ أَخَاهُ الْمُسْلِمَ مَشَى فِي خِرَافَةِ الْجَنَّةِ حَتَّى يَجْلِسَ، فَإِذَا جَلَسَ غَمَرَتْهُ الرَّحْمَةُ، فَإِنْ كَانَ غُدْوَةً صَلَّى عَلَيْهِ سَبْعُونَ أَلْفَ مَلَكٍ حَتَّى يُمْسِيَ، وَإِنْ كَانَ مَسَاءً صَلَّى عَلَيْهِ سَبْعُونَ أَلْفَ مَلَكٍ حَتَّى يُصْبِحَ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم مۇسۇلمان قېرىندىشىنى يوقلىغاندا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانغا قەدەر جەننەتنىڭ مېۋەزارلىقىدا ماڭىدۇ، ئۇ ئادەم ئولتۇرغاندا ئۇنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئورايدۇ. ئەگەر ئەتىگەن بولغان بولسا، كەچكىچە، كەچ بولغان بولسا تاڭ ئاتقۇچە 70مىڭ پەرىشتە ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيدۇ.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى].