خاتىمە
ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە، ئائىلە - تاۋاباتلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارگە ساداقەت بىلەن قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە ئامانلىق تىلەيمىز ۋە سالام يوللايمىز. بىزگىمۇ دۇئا قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسۇن. جامالى بىلەن مۇشەررەپ بولغانلاردىن، پەيغەمىبرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولۇپ، لىۋائۇلھەمد بايرىقى ئاستىدا جەم بولغىلى نېسىپ قىلسۇن.